سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

‹‹چىدىساڭ ياشا›› ۋە شائىر ئابلەت ئابدۇللا

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-08 23:46مەنبە: يازغۇچى:رىسالەت مەرد زىيارەت سانى: قېتىم

‹‹چىدىساڭ ياشا›› ۋە شائىر ئابلەت ئابدۇللا



رىسالەت مەردان
 
    مەن ئابلەت ئابدۇللا ئىسىملىك بۇ شائىرنىڭ ئۆزىنى تونۇشتىن ئىلگىرى ‹‹چىدىساڭ ياشا››، ‹‹تالاشماڭلار››، ‹‹ ئانا شەھرىم ›› قاتارلىق ئۈچ شېئىرى بىلەن بەك تونۇش ئىدىم. بۇ شېئرلارنىڭ مىسىرالىرىنى داۋاملىق يادلاپ، بۇ شېئىرلارنىڭ ئاپتورى زادى كىمدۇ دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان‹‹چىدىساڭ ياشا›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى سېتىۋىلىپ، ئۇنىڭدىكى شېئىرلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم.بۇ شېئىرلار ئەسلىدە ئۆزىنى شېئىرىيەت يولىغا بېغىشلىغىلى 50 يىلدىن ئاشقان شائىر ئابلەت ئابدۇللانىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم                              
    ئۇنىڭ توپلىمىنى ئوقۇش جەريانىدا شائىرنىڭ شېئىر ئۇسلۇبى ھەم تېما جەھەتتە ئىزچىللىققا ئىگە، بىر يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭغان بىر شائىرلىقىنى ھېس قىلدىم.شائىر ئابلەت ئابدۇللا شېئىرىيەت كوچىسىغا 1957-يىلى كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 52 يىلدىن بۇيان قەلەمنى تاشلىماي كەلگەن شائىر بولۇپ قالغان .1950 -يىللىرى زور ئىشتىياق ھەم ئىلھام بىلەن شېئىرىيەت يولىغا كىرگەنلەر ئاز ئەمەس، شۇ چاغدىكى ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى›› ژورنىلى (ھازىرقى‹‹ تارىم ›› ژورنىلى ) ۋە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى ›› نىڭ سانلىرىنى ۋاراقلاپ باققانلار بۇ قاينام تاشقىنلىق مەنزىرىنى كۆرەلەيدۇ، لېكىن بەزىلەر يېرىم يولدا توختاپ قالدى، بەزىلەر پىروزىغا ۋە باشقا ساھەلەرگە ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن ئابلەت ئابدۇللادەك ساناقلىق شائىرلارلا بۇ يولدا ئىزچىللىقىنى ساقلاپ مېڭىپ كەلدى. بۇ جەريان ئابلەت ئابدۇللادەك شائىرلارنى شېئىرىيەت يولىدىكى بىر مۇستەقىل مەۋجۈتلۇققا ئايلاندۇرالايدىغان مۇھىم بىر مۇساپە بولۇپ قالدى.      
 ‹‹ چىدىساڭ ياشا›› ناملىق توپلامدىكى شېئىرلار يىل تەرتىپى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، شېئىرلارنى ئوقۇش خۇددى بىر مۇساپىنى شائىر بىلەن شائىرنىڭ تېما ۋە ئىپادىلەشتىكى ئۆزگىرىش جەريانىنى بىللە كۈزەتكىلى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.                                          
   ئاپتور كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە ‹‹ بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىز خېلى بىر مەزگىل تۈرلۈك سىرتقى ۋە ئىچكى ئىدىيە ۋە ئېقىملارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنىڭ قەدىمقى پاساھەتلىك، لېرىك، سەنئەتلىك ۋە ئەڭ مۇھىمى چىنلىق ئۇقۇمىنى تۈۋەنلىتىۋەتتى...بۇ ھال تاكى 1980-يىللارغا قەدەر داۋاملاشتى... ئاشۇ دەۋىردىكى قايمۇققانلار ئىچىدە مەنمۇ بار.ئەلۋەتتە، لېكىن شۇ مەزگىلدە ئاز يازغىنىممۇ ياخشى بولغانكەن، بولمىسا تارىخ ۋە خەلق ئالدىدا قىزىرىپ قالاركەنمەن. ›› (1) دەپ يازغان. بۇ قۇرلاردىن ئابلەت ئابدۇللانىڭ شېئىرغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ۋىجدانەن بۇرۇچ تۇيغۇسىنى، شېئىرىيەت يولىدىكى خاسلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شۇنداق شائىر ئابلەت ئابدۇللا 1980-يىللارغىچە داۋام قىلغان ‹‹يەككە ئىندىۋىدىئۇللىق ۋە سۇبىكتىپ تۇيغۇ دۇنياسى داۋالغۇپ، ساختا ‹‹ئىلھام›› ، شېئىرىيەتتە سۈنئىيلىكنى ئەۋىج ئالدۇرغان›› بۇ قاينام ئالدىدىمۇ ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قالالىدى. 1985-يىلدىن كىيىنكى ‹‹يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتى ››گىمۇ ئەگەشمىدى. بەلكى ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت شەكلى بولغان بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار ۋە چاچما شېئىر شەكلىنى قوللىنىپ، تىل ئىشلىتىش جەھەتتە ئاددىيلىقنى، تۈزلۈكنى راۋانلىقنى تاشلىماي شېئىر يازدى.   
                          مەن يۇقىرىقى جۈملىنى يېزىش ئارقىلىق ‹‹ يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتى ›› نى باشلىغان باشلامچى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئەگەشكۈچىلەرنى قارىلىماقچى ياكى خاتا قىلدى دىمەكچى ئەمەسمەن.ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىپ، ئالاقاچان خاسىلىقىنى ياراتتى ، مەن پەقەت ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتنىڭ تىل مۇناسىۋەتلىرى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، ساپ بولغان بۇ تەرىپىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۇنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئىزچىللىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرمەكچىمەن. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ‹‹يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتى ›› ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي شېئىرىيىتىنى تەڭلا سىغدۇرۇپ كىتەلەيدىغان ۋە ئىككىسىلا تەڭ چاپچىپ ئالغا ماڭالايدىغان دەرىجىدە كەڭ. ھەر بىر ئېقىم ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىككە ۋە ئوقۇرمەنلەرگە ئىگە، شۇڭا بۇ جەھەتتە ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ ياخشىلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش ئەھمىيەتسىز ئەمگەك كۆرۈنىدۇ
      يۇرت مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن شېئىرلار ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىچىدە ئاساسىي مىلۇدىيىنى ئىگىلەيدىغان قىسىم.   ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئانا يۇرتقا بولغان مۇھەببەت تېمىسى ئىزچىللىققا ئىگە ھەر بىر شائىر ئاتلاپ ئۆتۈپ بولالمايدىغان بىر تېمىدىن ئىبارەت، قايسىلا شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئاقتۇرمايلى، بۇ تېمىدا يېزىلغان شېئىرلارنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. شائىرلار بۇ تېما ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى يالقۇنجاپ تۇرغان يۇرت مۇھەببىتىنى ئىپادە قىلىشىدۇ. يۇرت مۇھەببىتىنىڭ ھەر بىر شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى، پىكىر قىلىش نۇقتىسى ۋە كۆرۈش نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا تېما ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولغان بىلەن ئۇنى يۇرۇتۇش تەرىپىدىن ھەر بىر شائىرنىڭ شېئىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، شېئىرىيەت بەتلىرىدە پارلاپ تۇرىدۇ.                                                 
 ئابلەت ئابدۇللانىڭ توپلىمىدىكى شېئىرلىرىدا بۇ تېما ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ بۇ تېمىدا يېزىلغان ھەر بىر شېئىرىدا ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ گۈزەللىكىنى مەدھىلەيدۇ، ئانا يۇرتىدىن كۆرگەن ياخشلىقلىرى، قەۋمى تۇغرىسىدىكى يىنىك تىل ئويناق تەپەككۈر بىلەن يازغان شېئىرلىرى ئوقۇرمەننى ئىختىيارسىز ھالدا يۇرت مەنزىرىلىرىگە باشلاپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولغان يۇرت مۇھەببىتى كىلاسسىكلاردىن ئۆرنەك ئالغان ھەمدە ئىپادىلەش ۋە شەكىل جەھەتتە تەرەققىي قىلغان ھەم ئۆزىگە خاس ئالاھىلىكنى شەكىللەندۈرگەن.   بۇ توپلامدىكى شېئىرلاردا يۇرت-ۋەتەن مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن شېئىرلاردىن باشقا يەنە ئەجدادلارغا بولغان مۇھەببەت، دوست-ساۋاغداشلارغا بولغان مۇھەببەت، ياشلىق مەزگىلگە بولغان مۇھەببەت قاتارلىق بىر قاتار تېمىدىكى شېئىرلار بولۇپ، بۇ شېئىرلارنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا بۇ شېئىرلار توپلىمىنى شائىرنىڭ مۇھەببەتلىك كۆزىدە باققان تۇيغۇلىرىنىڭ مەھسۇلى دىيىشكە بولىدۇ.                                      
      شائىرنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشىگە ۋە ئۇنىڭ زامانداشلىرى ياشىغان دەۋىرگە قارىغاندا، ئۇلار ناھايىتى جىق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، شائىرنىڭ ئۆزىمۇ خىلمۇ خىل جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ كەلگەن، لېكىن توپلامدا چۈشكۈن شېئىرلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، ئۇ تولۇپ تاشقان مۇھەببىتى بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى، نەرسە-كىرەكلەرنى تاشنى، ئۆرۈكنى مەدھىلەيدۇ. بۇ مەدھىيەلەش شائىرنىڭ ھەرگىزمۇ مەدھىيىچى شائىر دىگەن ئاتاققا قويمايدۇ، چۈنكى شائىر چىن ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئىشلارنى، كىچىك، كونكىرىت نەرسىلەردىن باشلاپ مىسىرالىرىغا قاتىدۇ.بۇنداق بولغاندا، شائىر ھەرگىزمۇ مەمتىمىن ھوشۇر يازغان ‹‹مۇساپىرلار قاۋاقخانىسى›› دىكى تېتىقسىز لاۋزا شائىر شامىلدىن ئۆزىنىڭ چىن ھېسسىياتى ۋە غۇبارسىز تىلىكى بىلەن ئالەمچە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.                                                                  
 شائىر قىيىنچىلىققا يولۇقمىغانمۇ ؟ يولۇققان! بۇ دۇنياغا كەلگەن ھەر بىر ئادەم ئۆز ئالدىغا ھەر خىل، تۈرلۈك –تۈمەن قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىدۇ، لېكىن ئۇ شېئىرلىرىدا بۇ ئىشلاردىن ھەرگىز ۋايسىمايدۇ. بەلكى، ‹‹بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا ››دەپ چوقان سالىدۇ. بۇ شېئىر ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان بىر شېئىرغا ئايلىنىپ، شائىرنىڭ ئىسمى بىلەن باغلىنىپ بىر پۈتۈنلىككە ئايلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ نامى بىلەن باغلانغان ‹‹چىدىساڭ ياشا ›› ناملىق بۇ شېئىرنىڭ ئەلگە تونۇلىشىدا، بۇ شېئىرنىڭ ماھىر مۇزىكانىت تەرىپىدىن مۇزىكا ئىشلىنىپ، ئۆمەرجان ئالىمدەك خەلق ياقتۇرغان ناخشىچىنىڭ ئېيىتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئامىلنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ يەردە شېئىر بىلەن ناخشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
تەڭرىتاغ ژورنىلى شېئىرىيەت سالونىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئاممىباپ شېئىرلار ۋە ئىزدىنىش تىپىدىكى شېئىرلار دەپ ھەر ئىككى ساھەگە ئوخشاشلا مەيدان ئاجىرىتىپ بەردى. باشقا يەرلىك ژورناللارمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللاندى. نەشىرىياتلارمۇ ھەر ئىككى خىل شەكىلدىكى توپلامغا كەڭرى سەينا ئاجىراتتى. لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن شېئىرلارنىڭ ئوقۇلۇش نىسبىتى تۈۋەنلەپ كەتتى لېكىن ئابلەت ئابدۇللانىڭ شېئرلىرىدەك شېئىرلار يەنىلا خەلىقنىڭ ئوقۇشىغا قىزغىن ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئابلەت ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇش جەريانىدا ئادەمگە ئەڭ تەسىر قىلغان تەرەپ يەنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مەزمۇنغا ئىگە قىلىپ تۇرغان نەرسە--دەل ئۇنىڭ شېئىر تىلىنىڭ ئويناقلىقى ۋە يارقىنلىقىدا. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى بىر باشتىن ئوقۇپ چىققاندا، شېئىرلارنىڭ يىل تەرتىپىنى دەۋرى قىلغان ھالدا ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ مۇرەككەپلىك ھېچقاچاندىمۇ چۈشىنىكسىزلىكنى كۆرسەتمەيدۇ. تىل مۇناسىۋەتلىرى ئاددىي بولسىمۇ، ئاددىيلىقنىڭ ئىچىدە پارلاپ تۇرغان گۈزەللىك كىشىنى ئىختىيارسىز گۈزەل شېئىرىي مەنزىرىگە يىتەكلەپ ماڭالايدۇ.                         
             شېئىرلار ئاساسەن بارماق ۋەزىنىدە يېزىلغان بولۇپ، چۈشىنىكسىزلىكنىڭ يوق بولۇشى بىلەن بىر خىل يىنىكلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان، مەن بۇ شېئىرلارنى ئوقىۋىتىپ، توپلامدىكى چاچما شېئىرلاردا مۇھەممەتجان سادىقنىڭ چاچما شېئىرلىرىغا ئوخشايدىغان بىر يىنىكلىكنىڭ بارلىقىنى سەزدىم، ئەينى يىللاردا ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر مۇھەممەتجان سادىقنى ‹‹چاچما شېئىرىيەتتە يېڭى پەللە ياراتتىڭىز ›› دەپ ماختىغان ئىدى. مېنىڭ دىمەكچى بولغان مۇھەممەتجان سادىقچە چاچما شېئىر دىگىنىم بۇ ئىككى شائىر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇسلۇبنىڭ سەل ئورتاقلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.             
       بارماق ۋەزىنىدە يېزىلغان باشقا شېئىرلاردا، ئېلى شائىرلىرىغا خاس بولغان بىر خىل ئۇسلۇب ئورتاقلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ، بۇ ئورتاقلىققا ئىگە شائىرلار ئابلەت ئابدۇللانىڭ زامانداشلىرى بولغان مۇھەممەتجان راشىدىن، قاسىم سىدىق قاتارلىقلارنىڭ ئادەمگە بىر خىل يېقىنلىق تۇيغۇسى بىرىدىغان يىنىك شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئىبارەت.              
                            بۇ ئورتاقلىق ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى بىر-بىرىگە ئۇسلۇب جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ دىگەنلىكنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى، ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر تەرىپى بار، قالغان تەرەپلەردە يەنىلا ھەر بىر شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى، تىل ئىشلىتىش ئادىتى، مىسىرالار ئارىسىدىكى مەنا بوشلۇقى قاتارلىقلاردا مۇئەييەن پەرق مەۋجۈت. شائىرنىڭ كىيىنكى يىللاردىكى شېئىرلىرىدا بىر ئۆزگىرىشنى—يەنى شائىرنىڭ مەدھىيەلەشتىن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە ئۆتكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ ئەكىس ئەتتۈرۈش جەريانى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يىل تەرتىپى بويىچە ئاستا-ئاستا كۆرۈلگەن. شېئىرلاردىكى سوبىكتىپ ھېسسىيات كونكىرىتلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. بۇ يۈزلىنىش شېئىرلارنى يىڭى قانغا ئىگە قىلغان. ھەم تىل جەھەتتىنمۇ ئۆزگىرىش بار بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش تەسۋىرلەشتىن ئىپادىلەشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت. ئىپادىلەشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى تۈۋەندىكى شېئىردىن ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.                                                                                                 
 تۇرىدۇ بېلىدە بىر بەلباغ بولۇپ،
كۆمۈش رەڭ لىنتىدەك تاشيول سوزۇلۇپ
ياپيىشىل دۇنيادىن ئەقلىڭ لال بولۇپ،
چۈشىسەن تەلكىدىن غەرق مەست بولۇپ.
 
ئالدىڭدا مەخمەلدەك ئېلى ۋادىسى،
ياتىدۇ ئۇپۇقتا تاغقا قويۇپ باش.
باغلارغا چۈمكەلگەن دېھقان ئۆيىدىن ،
ئۆرلەيدۇ ئاق تۈتۈن يىلانغا ئوخشاش.
‹‹ئىلى مۇھەببىتى ›› 1975-يىل
 
سەن يەتمەيسەن
ئىستانبولنىڭ بىر كوچىسىغا ،
نىيۇ يوركنىڭ بىر دوقمۇشىغا،
بېيجىڭنىڭ بىر باغچىسىغا،
موسكىۋانىڭ بىر يانپىشىغا.
.......
كىچەلمەيمەن يەنە سېنىڭدىن،
گۇگۇم، خىلۋەت مەھەللىرىڭدە،
چاڭ توزان لاي كوچىلىرىڭدا،
يامغۇر ئۆتكەن ئۆيلەرنىڭ
تامچىلىرىدا...،
ئاقىدۇ قەلبىم،
ئەي ئانا شەھرىم،
 ئانا شەھرىم !
‹‹ئانا شەھرىم ›› 1987-يىلى
بۇ ئىككى شېئىرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا شېئىرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن شائىرنىڭ ئىلگىرلەش سىزىقىنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. گەرچە ھەر ئىككى شېئىر مەنا جەھەتتىن يۇرتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت تېمىپ تۇرغان شېئىرلار بولسىمۇ، لېكىن ئىككىلا شېئىردىكى ئالاھىدىلىك ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
بىرىنچى شېئىردا شائىر تەسۋىرلەش ۋاستىسى بىلەن ئۆز يۇرتىنىڭ گۈزەللىكى، تاغلىرىنىڭ، باغلىرىنىڭ چىرايلىقلى قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۇرتىغا مۇھەببەت قۇيۇش سەۋەبىنى ئىزاھلىغان. ئىككىنچى شېئىر بىرىنچى شېئىرغا قارىغاندا 12 يىل كىيىن يېزىلغان، يېزىلغىنىغمۇ 22يىل بولغان شېئىر. شائىر بۇ شېئىرىنى ناھايىتى قىسقا يازغان . بىرىنچى بۆلەك سېلىشتۇرۇش . يۇرتىنىڭ ئىستانبول، نىيۇيورك، بىيجىڭنىڭ باغچسى، موسكىۋا قاتارلىق دۇنيادا چوڭ ھېسابلانغان شەھەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىر يانپىشىغىمۇ يەتمەيدىغان كىچىكلىكىنى ھەتتا بىر قىشلاققا ئوخشاتقان. لېكىن كىيىنكى بۆلىكىدە بولسا، شەھرىنىڭ مەھەلىلىرىنى چاڭ-تۇزان، لاي كوچىلىرى، يامغۇر ئۆتكەن ئۆيلىرى بولسىمۇ كىچەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمىسە شۇنچە زامانىۋىي شەھەرلەرنىڭ پۇچۇقىغىمۇ توغرا كەلمەيدىغان، نامرات مەھەلىلىك شەھەرنى نىمە ئۈچۈن سۆيىدۇ؟ مانا بۇ شائىر يەتمەكچى بولغان پەللە. ئۇ بولسىمۇ يۇرت مۇھەببىتى، ئىككى شېئىردىن شائىرنىڭ يۇرتىنى سۆيۈشتىن ئىبارەت ھېسسىيات يېڭىلانمىغان بولسىمۇ، يۇرتىنى تونۇشتىن ئىبارەت بۇ تۇيغۇ يېڭىلانغان. 1975-يىللارغا قارىغاندا، 1987-يىللاردا خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا شۇنچە زور ئۆزگىرىش، ياخشىلىنىش بولدى. ئەمىسە نىمىشقا شائىرنىڭ كۆز قارىشىدا قانداق ئۆزگىرىش بولدى ؟
چۈنكى ئۇ يۇرتىنى، رىئاللىقىنى تونۇدى. ئۇ قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا بولۇشتىن، سىرتقا چىقىپ جاھان كۆرۈش ئارقىلىق نەزەر دائىرىسى كىڭەيگەن بىر كۈزەتكۈچىگە ئايلاندى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ يۇرتنىڭ ھەققىي قىياپىتىنى كۆردى. ھەم بۇ رىئاللىق ئالدىدىمۇ ئۆزىنىڭ تەخىرسىز يۇرت مۇھەببىتىنى ئىپادە قىلدى. رىئاللىقنى تونۇش بىلەن مۇھەببەت ئۇتتىرىسىدىكى بۇ توقۇنۇش زىددىيەت شەكىللەندۈرمەستىن، شائىرنىڭ يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتىنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە كۆتىرىدۇ.
شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى جەلىب قىلىش كۈچى زادى نەدە؟ بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن توپلامغا مۇراجىئەت قىلىمىز. شېئىرلار تىل جەھەتتىكى ئىزچىللىقىنى ساقلىغان. ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئاددىي، سۈزۈك، يارقىن بولۇپ، بۇ چوڭ جەھەتتىن ئېلى رايونىدىكى شائىرلارنىڭ ئومۇمىي شېئىر ھاۋاسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئېلى رايونى روس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ بۇرۇن ئۇچىرىغان رايون. شائىر ئابلەت ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىدىكى روس ئەدەبىياتىغا مايىل يېزىش ئۇسلۇبى بىزگە پوشكىننى ئەسلىتىدۇ. پوشكىن بىلەن ئابلەت ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى ئوتتۇرىسا قانداق ئورتاقلىق بار، بۇ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە.
شائىرنىڭ شېئىرلىرى لېىرىك ھېسسىياتقا تويۇنغان شېئىرلاردىن بولۇپ، لېرىكىلار ئىچىدە ئىپىك ئالامەتلەرمۇ جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ شېئىرلىرىدىكى ئىپىك قىسىمنى ماھىرلىق بىلەن لېرىكا ئىچىگە تاشلىغان. ھەمدە ۋەقەلىك ئىچىدە تۇرۇپ مەنىۋىي دۇنياغا تالىق بولغان روھىي مەسىلىلەرگە كۆچكەن. گەرچە شائىرنىڭ شېئىرىدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسى ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولغان دىداكتىك شېئىرلارنىڭ داۋامى بار بولسىمۇ، بۇ خىل ۋارىسلىق قارا-قۇيۇق شەكلىدىكى تەقلىد قىلىش ئەمەس بەلكى، ئۇنى ئۆز ئۇسلۇبىغا، ئۆزىنىڭ قولىدىكى شەكىل ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆز خاسلىقىغا ئايلاندۇرالىغان.
شېئىرلار ئىچىدە يىنىك لېرىكىغا تويۇنغان شېئىرلارمۇ بار. شائىر ئۆز كۆزىدە دۇنياغا مۇھەببەتلىك باقىدۇ، شائىر قەلبىدىكى رومانىتىكا ۋە يىڭىچە نەزەر بىلەن شەيئىلەرگە قاراش ئۇنى لېرىكىغا يېقىن بىر ھېسقا مۇپتىلا قىلغان. ئۇنىڭ ‹‹ يامغۇر سىمفۇنىيىسى›› ناملىق شېئىرىدە مۇنداق مىسىرالار بار.
ئۆيۈمدە تۇققۇز تۈۋرۈك
توققۇز يەردە توققۇز داس
توققۇز تامچە ناخشا ئېيتىدۇ: چىك- چاك-چىكى چاك
توققۇز يەردە
توققۇز ساز...
تۈۋرۈككە يۆلىنىپ ئاڭلاۋاتىمەن،
يۈزۈمدە كۈلكە،
كۆزۈمدە ياش...
بۇ مىسىرالارنىڭ كىشىگە بىرىدىغان تەسىرى توختىماي ياغقان يامغۇر ۋە سەۋىرچان بىر قەلىبنىڭ بايانىدىن ئىبارەت. بەش يەردە دىيىلگەن توققۇز سانى بىزگە ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش شەكىللىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلغۇزىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىياتنىڭ قايسىلا ساھەسىدە بولمىسۇن، تىلدا يېڭىلىق يارىتىش تەكىتلەنسىمۇ، ئۆز ئىلكىدە بار بولغان تىل بايلىقىنى تولۇق ئىشلىتىشمۇ دىيىلمىگەن بىر بايلىق بولسا كىرەك.
شائىرنىڭ لېرىكىسى رومانتىك، چىققىلى بولمايدىغان لېرىكا ئەمەس، ئۇنىڭ لېرىكىسى ۋەقەلىك ئارىلاشقان، ئىپىك پۇرىقى كۈچلۈك، قىسمەتلەرگە ھامىلدار لېرىكىدىن ئىبارەت. ئۇ شېئىرىي تىل ئارقىلىق شېئىرلىرىدا ئۆزىگە خاس لىرىك كەيپىيات ياراتقان، شېئىردىكى قەھرىماننىڭمۇ لېرىك سۈپىتى شېئىرغا ياراشقان.
مەن بۇ ماقالەمنى يېزىشتىن بۇرۇن، ئابلەت ئابدۇللانىڭ بىر يۇرتىدىشىدىن مەزكۇر شائىر توغرىسىدا سوراپ باقتىم، ئۇ شائىر ئابلەت ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىنىڭ سىھرى كۈچى ئۇنىڭ شېئىرىي تىلىدا دەپ جاۋاب بەردى. مەن توپلامنى ئوقۇش ئارقىلىق بۇ گەپنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئورنى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن شائىر بىلەن بىۋاستە ئۇچىرىشىپ باقمىغان، پەقەت شېئىرلىرى ئارقىلىقلا، ئۇ ياراتقان دۇنيا بىلەن تونۇشۇپ كەلدىم. شېئىرىي تىلدىكى ئۆزگىچىلىك ھەقىقەتەنمۇ بۇ شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى قىممەتكە ئىگە قىلغان. ئۇ شېئىرلىرىدا شېئىرىي تىلدا كۆپ يېڭىلىنىش ھاسىل قىلمىغان بولسىمۇ، شېئىرىي پىكىرنى يۇرۇتۇشتا، ئەنئەنىۋىي تىل ئىلمىنىتلىرىنى تولۇق ۋە جايىدا ئىشلەتكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ توپلامدىن ناھايىتى كۆپ مىسال تاپقىلى بولىدۇ..
 شائىر ئابلەت ئابدۇللا بىر ئۆمۈر شېئىر ئىشقىدا كۆيگەن شائىر، ئۇنىڭ ئەمگىكى خەلق تەرىپىدىن ئېتىراپقا ئېرىشتى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى خەلق ياقتۇرۇپ ئوقۇدى، دىكلىماتسىيە قىلدى، ناخشىلارغا قاتتى، ھەتتا بەزى شېئىرلىرى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتتى. لېكىن ئۇ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىغىچە قەلەمنى تاشلىماسلىقى، قەلمىدىن ياراتقان يول بىلەن بىر ئۆمۈر مېڭىشى كىرەك. ھەمىمىز ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە خالايمىز.
 
‹‹ئېلى دەرياسى ›› ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(14)
93.3%
دەسسەش
(1)
6.7%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !