سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

قازاقىستان ئۇيغۇر ئالىمى__ دولقۇن ياسىن

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-19 11:37مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

   2003-يىلى 10- ئاينىڭ 11-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئابدوللا ئەخمەت ئوغلى نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق شائىرى پېشقەدەم ژورنالستى دولقون ياسىننىڭ 65 يىللىق تەۋەللۇتى ھەم ئىجادىيىتىنىڭ 50 يىللىقىغا بىغىشلانغان ئەنجۈمەن بولۇپ ئۆتتى .
     دولقۇن ياسىن (ئۇچقۇن ) غا خەلقئارادىكى ئەڭ ئىمتىيازلىق ھەم چوڭ مۇكاپات نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئالتون مېدالى بېرىلدى . نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىغا 100 يىل تولىشى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان بۇ ئالتون مېدال ، دونيادىكى ئەڭ تالانتلىق ئىجادكارلارغا ، ئالىملارغا ، دەۋلەت ئەربابلىرىغا ، ئاتاقلىق شائىرلارغا بىرىلدۇ .  
بونىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى ، دولقۇن ياسىن ۋەتەن خەلقىمىز ھەم كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆرسەتكەن تۈھپىسى ئۈچۈن ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى خەلقئارا ئاكادېمىيىنىڭ ئاكادىمىكلىك ئونۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى .  
    بۈگۈن ئاكادېمىك شائىرىمىزنىڭ يەنىمۇ بىر پەللە ئۆرلەپ ، خەلقئارالىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئالتۇن يۇلتۇز مىدالىغا ئېرىشكەنلىكى، يالغۇز ئۇنىڭلا شەرىپى بولۇپ قالماستىن ، ئۇنى تەربىيىلەپ ۋايىغا يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك مىللىتىمىزنىڭ شان شەرىپىدۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىدىكى ئىنتايىن چوڭ تارىخىي ۋەقە ھىساپلىندۇ . ئاكادېمىك شائىرىمىز دولقۇن ياسىن ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ئون ئونلاپ داستانلار ، مىڭلاپ ھەر خىل ھەجىمدىكى ماقالە ئەسەرلەر يازغان يىتۈك ئاتاقلىق لىرىك شائىر ھەم پېشقەدەم ئەدىپتور . ئاكادېمىك شائىرىمىز دولقون ياسىن ئۆزىنىڭ 50 يىللىق ئىجادىيىتىدە جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپالىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى . ئەسەرلەر مەزمۇنىنىڭ بايلىقى ، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىق، رەڭدارلىقى ، ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىلگەن پەلسەپىۋى پىكىر ۋە ئىخچام مازمونلىرىنىڭ چوڭقورلىقى ، تىلىنىڭ ئويناق جەزبىدارلىق، ئۇنىڭدا ياڭرىغان قايغۇ مۇڭ زار، قايناق ھېسسىياتلار ھەم خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قويۇق پۇراقلىرى ئوقۇرمەننى ئۆىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ . قىسقىسى دولقۇن ياسىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شىېريىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ ، داڭ چىقارغان ئەدەبىياتىمىزدا ئالاھىدە ئورنى بار داڭلىق شائىرىمىزدۇر .
    نوبېل ئالتون مىدالىنى تاپشۇرۋىلىش يىغىنىغا كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئوتتۇرا ئاسىيانى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ، فراپىسسۇر روسلان راخمان ئەلىيىۋ ۋە بۇ ئاكادېمىيىنىڭ موئاۋىن رەئىسى ، فراپىسسۇر پىكىتشون قاتارلىقلار بار . ئەنجۈمەنگە سۆز چىققانلار ئارىسىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار،يازغۇچى شائىرلار ،جامائەت ۋەكىللىرى بار ئاكادېمىك شائىرنىڭ كۆرسەتەن خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە باھالاپ ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە زور موۋاپىقىيەتلەر تىلىدى . ئىككى يىرىم سائەت داۋاملاشقان ئەنجۈمەنگە ،شائىرنىڭ شئىرلىرى ، مەكتەپ سەنئەت كورژىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇر تىئاتىرى ئارتىسلىرىنىڭ ئورونلىشىدا يىغىن ئەھلىگە ھەر خىل نومورلار كۆرسىتىلدى . شائىر دولقۇن ياسىن بىلەن 50 يىلدىن بۇيان يېقىن دوست بولۇپ ، ھەر خىل سەزگۈرەستلەردە بىرگە بولغان مۇشۇ سەتىرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئەخمەد ئىگەمبەردى ، شائىر دۇستىغا بېغىشلىغان شىرنى مونۇ كوبلىت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى .
  
ئوكيان ئاتلاپ ئىلىپ كەلدىم ، ئۆتكەن ياشلىق تېڭىنى  .
شۇ ئۆمرىمىز بىغىدا قايتا كۈلسۈن نەۋ باھار
سىنىڭ كۈيۈڭ سادايىڭ ئەل ئارزۇسى ئارمانى ،  
قىرىمايدۇ ئەبەدكە ئېلى سۆيگەن ئىجادكار  
 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(57)
98.3%
دەسسەش
(1)
1.7%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !