نىمشېھىت ( ئەرمىيا ئىلى سايرامى ) ( 1904 __ 1971 ) ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق پىشۋالىرىدىن بىرى . مەشھۇر شائىر ، مائارىپچى ، ژورنالىسىت ۋە جامائەت ئەربابى . ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك ، دېگەن پەخىرلىك نامغا ئىگە . نىمشېھىت كىچىكىدىنلا زۇلۇمغا ، جاھالەتكە قارشى ئىسيانكار خارەكتىرىنى يىتىلدۈرگەن ھەم بۇ خىل روھنى ھۆرلۈككە ئېرىشىشنىڭ ، مەرىپەتلىك بولۇشنىڭ ،يۈكسەك ۋەتەنپەۋرەرلىكنىڭ خورىماس ئېنىرگىيسىگە ھەم ئىجادىيەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرغان . ئۇ يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ساۋات چىقارغاندىن كىيىن ، 1922- يىلدىن 1928 - يىلغىچە باي ۋە كۈچادىكى مەدىرسلەردە ئوقۇغان . بۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلىق قوشاقلىرى شەكىلدە يازغان < بازار ۋە مازار > ناملىق تۇنجى شىئېرلار توپلىمى قوليازما ھالەتتە ئەل ئىچىگە تارقالغان . 1929- يىلى ئۇ قەشقەرگە بېرىپ شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى < خانلىق مەدرىسە > دە ئوقۇغان . بۇ مەزگىلدە ئۇ < مادارا ئەئزەم > (< چوڭ ياراشتۇرۇش > ) ناملىق شىئېرلار توپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان < ئەنۋارۇلھۇدا > ( < ھەقىقەت نۇرلىرى > ) ناملىق قەسىدىسىنى روياپقا چىقىرىپ ، تالانىتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان . 1933- يىلى قەشقەردە زۇلۇمغا قارشى خەلىق قوزغىلىڭنى پارتىلاتقاندا ، ئەرمىيا ئىلى ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقان ھەم بىر قىتىملىق جەڭدە بوينىغا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان . شۇڭا ، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن يازغان شىئىرلىرىنى < نىمشېھىت > ( يېرىم جان ) دېگەن تەخەلللۇس بىلەن ئېلان قىلغان . ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭىچە مائارىپ ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان . 1936- يىلى 2 - ئايدا ، < بىلىم ئىشقىدا > ناملىق مەشھۇر شىئېرىنى يېزىپ ، پۈتكۈل ئوتتۇرائاسىيادا زىلزىلە پەيدا قىلغان . نىمشېھىت 1936- يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن 1945- يىلى 1 - ئايغىچە < ئاقسۇ ئۇچۇرى > ( كىين < ئاقسۇ گېزىتى > گە ئۆزگەرتىلگەن ) تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن . بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان < مىڭ ئۆي ۋە پەرھات _ شېرىن > ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى توپلاش ، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق < مىڭ ئۆي ۋە پەرھات _ شېرىن > ناملىق مەشھۇر داستاننى يېزىپ ، دۇنياۋى ئۇلۇغ شائىر نەۋائىدىن كېيىن بۇ ئۆلمەس تېمىنى ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە بەدىئى ئىستىدات نۇرى بىلەن يورۇتقان . نىمشېھىت 1945- يىلى 10- ئايدا ، ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيسىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن قىسمى بىلەن بىللە غۇلجىغا چقىپ كەتكەن ھەم مىللى ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى تەشكىل قىلغان < تارىخ يېزىش > ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن . 1948- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى ، ئىلىدا < شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلىقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى > قۇرۇلغاندا ، ئۇ < ئىتتىپاق > نىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ نەشىر ئەپكارى بولغان < ئىتتىپاق > ژورنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان . بۇ مەزگىلدە ، ئۇ < مىڭ ئۆي ۋە پەرھات _ شېرىن > داستانىنى تولۇقلاپ يېزىپ ، < ئلى گېزىتى > دە ئېلان قىلغان ھەم ئۆز خىراجىتى بىلەن 3000 نۇسخا باستۇرۇپ تارقاتقان . ئۇ بۇ جەرياندا شىئېرىيەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي ، يەنە سەھنە ئەسىرى ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان . يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ ھېچقانداق ئەمەل ۋە ئېمتىياز تەمەسىدە بولماي ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئاددىي پۇقرالىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن ھەم داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان . 1956- يىلى جوڭگۇ ھەج ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە 10 غا يېقىن دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان . شۇ قېتىمقى سەپەر جەريانىدا ، ئۇ < سېغىندىم > ناملىق مەشھۇر شىئېرىنى يېزىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان . نىمشېھىت 1960- يىلىدىن باشلاپ بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ مول ھەم يۇقۇرى پەللىسىگە قاراپ قەدەم تاشلىغان . < ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ئىجدادىي ۋارىسلىق قىلىپ ، ئارزۇ ۋەزىنىلىك شىئېر شەكلىنى مەزمۇن جەھەتتە يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈپ ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرىنى كۈيلىگەن . ئۇنىڭ شىئېر - داستانىلىرى تىلىنىڭ راۋانلىق ، چۈشنىشلىكلىكى ، تۇراق ۋە رېتملىرىنىڭ تەڭكەشلىكى ، قاپىيلىرىنىڭ توق ۋە گۈزەللىكى جەھەتتە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شىئېرىيتى ئۈچۈن ياخشى نەمۇنە بولغان . شائىر ھەرخىل ئىستىلىستىك ۋاستىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلنىپ ، ئۆز پىكىرىنى چوڭقۇر شىئېرىي ھېسيات ۋە جانلىق شېئىرى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن . ئۇقۇملاشتۇرۇش ، قېلىپبازلىق ، شۇئارۋازلىق ، كالىندارچىلىقتەك خاھىشلاردىن تىرىشىپ ساقلانغان ... نىمشېھىت شىئېرلىرىدا ئىپادىلەنگەن دېمۇكراتىك ئىدىيە ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك روھ ئۇنىڭ ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەر ، خەلىق پەرۋەر شائىر ، يېڭى دەرۋىرنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلايدۇ . شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم ، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى ئۇنىڭ كۈرەشچان ، جەڭگىۋار ھاياتىنىڭ تىمسالى ...> . ئەپسۇسكى ، شائىر زور ئىجادىي قىزقىنلىق بىلەن < مىڭ ئۆي ۋە پەرھات _ شېرىن > داستانىنى ئاخىرقى قېتىم تولۇقلاپ يېزىپ بولۇپ ، < گۆر ئاغزىدىن يانغاندا > ناملىق شىئېرىي رومانى ۋە < يۈسۈپ - زىلەيخا > داستانى ئۈستىدە جىددىي ئىشلەۋەتقان پەيىتتە ، < مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى > دىن ئىبارەت تەتۈر قۇيۇن كۆتۆرۈلۈپ ، ئۇنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك ئىجادىي ئەمگەكلىرى ۋەيران قىلىۋىتىلدى ۋە ئۆزىمۇ مىسلىسىز ئېغىر خورلۇق ۋە ناھەقچىلىق تۈپەيلىدىن ، 1971- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى . شائىر ۋاپات بولغاندىن كىيىنمۇ يەرلىكىدە ئارامخۇدا يىتىش ئەركىگە ئېرىشەلمىدى . ئۇنىڭ مۇردىسى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز مۇئامىلىگە ئۇچۇردى . ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى كىندىن قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى تېزەكقاغۇدا يىتىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسىمۇ ، ئارزۇسىغا يىتەلمىدى ، ئۇنىڭ ئايالى بۇ ئەقەللي ۋەسىيەتنى ئورۇنداشقىمۇ ئامالسىز ئىدى . ئۇ زار-زار يىغلىغان ھالدا ئەترەت كاتىۋاشلىرىغا تاۋۇت ۋە نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇشقا ئادەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى . ئۇ چاغلاردا مەسچىتلەر چېقىپ تاشلانغاچقا ، تاۋۇت ئەترەت ئىسكىلاتىدا ساقلىناتتى . يۈرىكى قازاننىڭ كۈيىسىدەك قارىداپ كەتكەن بىر نادان : __ تاۋۇتنى بېرىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تاۋۇت زەھەرلىنىپ قالىدۇ . ئۇنىڭ جەسىتىنى قەبرىستانلىققا قويۇشقا بولمايدۇ . چۈنكى ، ئۆلۈكلەرنى زەھەرلەيدۇ ، __دېدى . شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بىردىنبىر مۈلكى بولغان كارىۋاتنىڭ پۇتى ئېلىپ تاشلىنىپ تاۋۇت قىلىندى ، < زەھەرلەنسىمۇ مەيلى > دەپ قارالغان < تۆت خىل ئۇنسۇر > دىن ئۈچ - تۆتى تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ ، مەھەللە ۋە قەبرىستانلىققا يىراق بولغان چۆل تاغ باغرىدىكى يۇلغۇن تۈۋىگە ئېلىپ باردى . مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويچە يەرلىك ئېلىنماستىن ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۆرەك كولىنىپ مۇردا قويۇلدى . ئاندىن ئۈستى گەمە ياپقان شەكىلدە ئېتىپ كۆمىۋىتىلدى .... يۆلەنچۈگىدىن ئايرىلغان ئىمىرنىساخان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ، قاراڭغۇ ، زەي ، غېرىپ كەپىسىگە قايتىپ كەلدى . لېكىن ، يورۇق كۈن ئۇنىڭغىمۇ نىسپ بولمىدى . 1975- يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جەبىر _ جاپا ، دەرت - ئەلەم دەستىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن بۇ ئانا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى . پىقىرنىڭ ئىقرارى
( مۇسەددەس )
پاتتى كۆكسۈمگە زەھەر تىرناقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ، ئۇردى قانلىق قامچىسىن ئالچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ، قاخشىتىپ يۇتتى مېنى پاتقاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ، ئالدى گۈل ئورنى تىكەن-يانتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ، قان شوراپ چاقتى-زۈلۈك چاققاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ، ھەر قەدەمدە مىڭ توزاق-قىلتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
قايسى بىر نەس كۈنىكىم مەن تۆرەلدىم زىمىنگە ؟! قايسى بىر دۇنيا جەھەننەم ئوخشىغاي بۇ تۈرمىگە ؟! قان يۇتۇپ ھەردەم زەھەر-زەقۇم يىدىم مەن كۈنىگە ، مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ يول تىرىلدىم چەرخى بىداد زۇلمىگە . باستى بېشىمنى بۇ زۇلمەت تاغلىرىڭ ، ئەي شۇم پەلەك ، بارمىكىن دۇنيادا ئادىل چاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟!
ئۇچتى شەمئى كۆزلىرىمدىن ئۇچتى ئۈمىدنىڭ نۇرلىرى ، كەتتى سەۋرى ئىلكىمىزدىن ئۆتتى ھۈرلۈك كۈنلىرى ، قايدا بارسام زۇلمى بىداد نالە - پەرياد كۈنلىرى ، كۆزىمىزنى باستى زۇلمەت قاپقاراڭغۇ تۈنلىرى ، قان بىلەن ئالۇدە قول - بارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك . بەلكى قول - پۇتتۇر ساڭا قورچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
كىمگىدۇر روزى - ساپا ، كىملەرگىدۇر زۇلمى - سەتەم ، كىمگىدۇر بايراملىرىڭ ، كىملەرگىدۇر چەكسىز ئەلەم ، بىز نىچۈن تەڭلىك سۈيىدىن بەھرى ئالماي قەترە ھەم ، سۈرسە شۇملەر ئەيشى - ئىشرەت بىز نىچۈن تەشنا شۇدەم ، يوق ئىكەن ئەدلىڭ بىلەن ئىنساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ، بوغۇزىمىزغا سۈردى تىغ قاسساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
بولدى زۇلمىڭدىن جۇدا گۈلزارىدىن بۇلبۇللىرى ، بىگۇناھ چۈشتى قەپەزگە قىرىلىپ نۇرغۇنلىرى ، ۋەتەنسىز بۇلسى قېچىپ يۇرتىدىن ئوغۇللىرى ، بولدى خار بويۇن قىسىپ يىتىم - يىتىمە تۇللىرى ، چىقمىدى دەردىڭ بىلەن ئارمانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك . قايدىدۇر ئەخلاق يەنە ۋىژدانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
قانمىدۇر ، مارجانمىدۇر ، يا قەترە شەبنەم ياشىمىز ، تاشمىدۇر ، يا تاغمىدۇر ، قايغۇدا قاتقان باشىمىز ، يوقمىدۇر دۇنيادا بىزنىڭ ئىچ كۆيەر يولداشىمىز ، دائىما قايغۇ - ئەلەم ، ھەسرەتمىدۇر قۇرداشىمىز ، سورۇلۇپ باش ئۈستىگە تۇپراقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك . بولدىغۇ زىندان كەبى ھەر ياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
ۋاھ ... ئەجەپ قۇش ئۇۋىسىغا شۇم يىلان < مېھمانىكەن > ، بىلمىدۇق ئاۋۋال دىلدا بىر غەرەز پىنھانىكەن ، ئالدىنىپ قىلتاققا چۈشتۈق ھىلىگەر دەۋرانىكەن ، ياكى قىسمەتنى ئەزەلدە موللىسى يازغانمىكەن ؟ ! ... زەپمۇ پاتتى بوغۇزىمىزغا قارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك . بىگۇناھلار كۆكسىنى يارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
نە گۈناھلىق بەندە بىز زۇلمەتتە قالدۇق ناگىھان ، جايىمىز پۇرقەتكە تولدى ، داغ بىلەن قىينالدى جان ، يوق ئاداۋەت - گىنە بىرلە بىزگە بولدۇڭ بەد گۇمان ، كۆرمىگەندۇر شۇڭغىچە ھېچكىم بۇ ئىشنى ھېچقاچان ، كۆزۈڭ كىچىك تار سېنىڭ قورساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك . قان - يىرىڭ ، زەرداپقا تولغان دوۋساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
بولدى قويلار پاسىبانى ، بۆرىلەر ئاغزىدا خۇن ، كىم ھەقىقەتنى دېسە بولدى ئۇنىڭ ھالى زەبۇن ، ئايلىنىپ تەتۈر ھەمىشە چەرخىڭ سېنىڭ كاژ - ۋاژىگۇن ، باستى تۆھمەت - پىتنىلەر ئالەمنى مانەندى قۇيۇن ، بولدى ھاكىم ئۈستىمىزدە زاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك . ئۆچمىگەي مەھشەرگىچە بۇ داغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
ھېچ بۇلۇت كۈننى توسالماس ، پەردە زۇلمەت چاك بۇلۇر ، نېمشېھىت قايغۇرمىغىن كۆپ ، كەلگۈسىڭ پارلاق بولۇر ، نىسبى ئاي بولسا قاراڭغۇ ، نىسبى روشەن ئاق بولۇر ، تا ئەزەلدىن بىرى بۇ قانۇن ئېرۇر ، شۇنداق بولۇر ، ئاقىۋەت گۇم بولغۇسى راۋاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك . ئۆرتىنىپ كۈل بولغۇسى تاياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
1971- يىل ئاۋغۇسىت . باي بىلىم ئىشقىدا
( تولۇق نۇسخىسى )
جاھان رەنالىرى ئىچىدە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق ، بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار ، بولۇر ئۇ گاھىدا بار - يوق .
جارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش ، ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ سېنى تاشلايدۇ ھېچ ئار يوق .
كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە ، بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ ، بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر ، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق .
قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادى - ئاھىغا ، يۈتۈپ زەرداپ پىراقتىن دات دېمەكتىن باشقىچە زار يوق .
تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەردەم ، قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھم ئالەم كەبى تار يوق .
يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان ، خالايىق ئالدىدا يۈرسەم ، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق .
ھاياتىمغا رەقىبلەر خاتىمە بەرمەكچى بولغاندا قىلىپ تەۋبە بولۇپ ئازاد ، دېدىم : __ بۇ يولدا زىنھار يوق .
پاراغەت ئىستىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما ، سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق .
ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا ، قەيەرگە بارسا باش قاتماس بىلىمدەك ئاڭا غەمكار يوق .
بىلىمسىز ساق تېنىڭ ھامان مەجرۇھلاردەك نالە _ پەرياتتا ، جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق .
بىلىمگە ئاشنا بولساڭ ئوقۇش ئىشقىدا بول ، بۇلبۇل ، ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق .
بۇكەڭ دۇنيانىڭ قانداق پۇچىمىقىغا باش قېتىپ ياتساڭ ، بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا ھېچبىر كىمگە ئەخبار يوق .
بىلىم روھى ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ ، بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگەن ئۆلمەس بۇڭا ئىنكار يوق .
چاپان ھۈرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس ، كېتەر پۇلدىن يىغلىغان ھۈرمىتىڭ پۇل بىرلە ئەسرار يوق .
چاپان بىرلە ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچىسەن ، بىلىم ئەسىرى بۈگۈن سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق .
بۇلاردىن قوغا كەلگەن ئابروي جىنلار چۈشى ئوخشاش ، خىيالى بۇ تىلەككە سېنىڭدەك باخشىغا جىندار يوق .
گۇمان قىلما پەلەكنى ھەر قاچان بەختىڭگە چۆرگىلمەس ، بۈگۈن باي ، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق ، بەلكى قەرزدار يوق .
بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر ، جاپا قىلماققا جېنىمغا بىلىمسىزدەك زور سىتەمكار يوق .
بىلىمدىن ھەممە ئىش مەيداندا چىققان ئەسىردۇر بۇ ، بىلىش لازىم بىلىمسىزلەرگە بۇ ئەسىردە خېرىدار يوق .
بىلىمدىن باتىنىڭ 1 نۇرلانمىسا ، كۆڭلۈم قاراڭغۇ تۈن ، قۇياش نۇرىغا مۇنكىر 2 شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق .
زېمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق گۇمان قىلما ! ... ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش ، كەمەك 3 تەك جادۇ - ھەييار يوق .
ئەجەبلەنمە بۇلار كۆڭلى بىلىم نۇرىدا نۇرلانغان ، شۇنىڭچۈن كۆكتە ، سۇدا ، تاغ ، دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق .
بىلىمدىن تاغنى باغ قىلىشتا ھېچقانداق جاپا كۆرمەس ، ھەسرەتتىن قان يۇتاردا نادان كىشلەردەك جاپاكار يوق .
جاھىللار كۆڭلى تۈن ئۆخشاش ، ئۇنى پەرق ئەتكىلى بولماس ، قارا تۈنگە شەپەرەڭدىن بۆلەك ئەسلا تەلەپكار يوق .
ئۆزۈڭ ھەم < نىمشېھىت > بۇ پىكرىڭنىڭ تەستىقى بول قۇربان ، بىلىمدىن يۈز ئۆزىگەنلەردەك قاتتىق گۇناھكار يوق .
1936- يىل فېۋرال ، باي
مەنبە : نىمشېھىت ئەسەرلىرى ۋە نىمشھېت تارىخى (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |