شائىر بىلال ئەزىزى1921-يىلى تۇغۇلغان .ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق ھاياتى خوتەندە ئۆتكەن .شائىر باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،1939-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇەللىمىندە ئوقۇيدۇ .ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،خوتەن گېزىتىدە كوررىكتور ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ .1942-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك دارىلمۇەللىمىن مەكتىپىگە ئوقۇشقا كېلدۇ،بۇ مەكتەپتە بىر يىل ئوقىغاندىن كېيىن ،ئۆلكىلىك ساقچى كادىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا يۆتكىلىدۇ .1943-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ،ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيەلىك ساخچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ .
بىلال ئەزىزىنىڭ تۇنجى شېئىرلىرى 1940-يىلى خوتەندە چىقىدىغان «شىنجاڭ خوتەن گېزىتى » دە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇەللىمىن مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن يىللىرى جوڭگو كوممىنىستىك پارتىيەسىنىڭ چېن تىيەنچۇ،ماۋزىمىن قاتارلىق ئەزالىرى بىلەن سوۋىت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان پائاليەتلىرى نەتىجىسىدە ،ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ماركىسىزم-لېنىنىزىم ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ،ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى تونۇشقا باشلايدۇ .سوۋىت ئەدىبىياتىنى ئۈگىنىش ئارقىلىق پوشكىن ،لىرمونتوۋ قاتارلىق كىلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرى،گوركى،ماياكوۋىسكى ،غوپۇر غۇلام ،ئۆمەر مۇھەممىدى قاتارلىق ھازىرقى زامان سوۋىت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشىدۇ .ئۇ يەنە لۇتپۇللا مۇتەللىپ ،تۇرغۇن ئالماس ،ئەھمەت زىيائى قاتارلىق شائىرلار بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ .بىلال ئەزىزى بىر تەرەپتىن ئۈگىنىپ ،بىر تەرەپتىن تولۇپ -تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بىر قىسىم جەڭگىۋار شېئىرلارنى يېزىپ ،40-يىللار ئەدىبىىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. شائىر بىلال ئەزىزىنىڭ مىللىتى ئۆزبىك بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ تىل جەھەتتە راۋان ،يەڭگىل ،چۈشۈنۈشلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىگى بىلەن ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا مۇناسىپ ھەسسىلەرنى قوشتى .شائىر بىلال ئەزىزى 25 يىللا ئۆمۈر كۆردى ،لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقا ھاياتىدا ،40- يىلارئەدىبىياتى خەزىنىسىدە مەزمۇنغا باي رەڭدار بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن بىر قىسمىنى 1957-يىلى «شېئىرلار »دىگەن نام بىلەن نەشىر قىلدى .
ئەپسۇس ....،بۇ ئوت يۈرەك ئوغلانىمىز 1945 -يىلى ئەركىنلىك جەڭچىمىز ،ئوت يۈرەك شائىرىمىىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ(قاينام ئۆركىشى)بىلەن بىللە ئاقسۇدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ،شۇ يىلى 18-سىنتەبىر كۈنى تۈرمىدە قەتلى قىلىنىدۇ .بۇ چاغدا شائىر ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەنىدى . يىللارغا سۇئال
ھەي ،ھەي يىللار !سۆزسىز تىللار توختاڭلارچۇ ؟ سوئال سوراي ، سىلەر جاۋاب قىلساڭلارچۇ ؟
كۆز ئاچقىچە ئېلىپ قاچقان قانداق نېمە ئۇ ؟ ھاياتىمنىڭ كۆز يېشى ئۆمۈر ئەمەسمۇ؟
ئۆمرۈمنى ئوغۇرلىغان ئوغرى سىزلەرغۇ ؟ " مەيلى"دەپلا كەڭ يول قويغان مەن بىر بوزەكمۇ ؟
ھەر بىر يىلدا بىر قېتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ ، قاچىسىزلەر قېرىلىقتىن ئالامەت سېلىپ .
تىزگىنىڭلارنى تۇتقۇزماستىن كېتىسىلەر ، ياشلىغىمنىڭ باغرىن كاۋاپ ئېتىسىلەر .
سىلەر كېلىپ ئۆمرۈمگە قەست قىلغاندا، مەنمۇ ھازىر كۈرەش ئۈچۈن دەل شۇ مەيداندا .
مەن بىلىمەن سىلەر پەقەت ئۆمۈر ئوغرىسى، "غاپىل بولماسلىق كېرەك" سۆزنىڭ توغرىسى .
سەن ئوغرىلار ، زادى بىرمۇ تۇتۇلمىغان ، قەستىڭلاردىن ھېچبىر ئىنسان قۇتۇلمىغان .
ساق قالمىدى تاغ يۈرەكلىك پالۋانلارمۇ ، قاخشاپ ئۆتتى ھەربىر ئەسىر داستانلارمۇ .
كېرەك يوققۇ سىلەرنىڭ كەسپىڭلار ئوغرى ، كەسىپ بولغاچ ئۆزەڭلارغا ئىشىڭلار توغرى .
بەس!ھەي يىللار ،سوئالىمغا جاۋاب بېرىڭلار ! ياكى بارمۇ سۆز تاپالماي قالغان يېرىڭلار ؟
كۆپنى كۆرگەن،كۆپنى بىلگەن يولچى سىزلەرغۇ ! سۆزلەڭلارچۇ؟!تارىخ سىلەر باسقان ئىزلارغۇ !
ھەي-ھەي يىللار !ھەرگىز مېنى قورقىتالمايسىلەر ! جىسمىم مەيلى ،ئىسمىمنى ھېچ يوقىتالمايسىلەر !
جەڭ قىلىمەن كائىناتنىڭ سىرىن تېپىشقا، شەرىپىمنى تائابەتكە ساقلاپ قېلىشقا .
جەڭ قىلىمەن غەيرىتىمدىن ھوسۇل ئېلىشقا ، دۈشمەنلەرنىڭ قەستلىرىنى بىتچىت قىلىشقا.
ساپ ۋىجدانلار ،بۇ يىللارنى ئويلاپ قاراڭلار ! يىللارغا بوزەك بولماي جەڭگە ياراڭلار !
چۈشىنىڭلار ھەر بىر ئىشنىڭ قائىدىسىگە، كۆيۈنىڭلار ۋەتەن ،خەلق پايدىسىگە .
سېكۇنت ئۆمۈر غاپىللىققا دەرىخ كەتمىسۇن ، يىللار ، ئايلار ، كۈنلەر ئۇنى خاراب ئەتمىسۇن. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |