سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

تالانتلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر قىسقىچە تارىخى ۋە ئەسەرلىرى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-19 11:46مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962- يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1968- يىلدىن 1972- يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان، 1972-يىلدىن 1975 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975- يىلدىن 1979- يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1979- يىلدىن 1995- يىلغىچە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1995- يىلدىن 2006- يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.  ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.

يازغۇچىنىڭ «ئالما» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1965 - يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. 1978 - يىلىدىن ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا 120 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، ئەسلىمە ۋە ئەدەبىيات، تارىخقا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى، «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانى ئېلان قىلىندى ھەمدە ئاساسلىق ھېكايىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.  
"ساۋاقداشلار"ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ئۆزبېك تىلىغا، "ئايخان"ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى قازاق تىلىغا، "ئىت ئېتىش"، "گۆركار" ناملىق ھېكايىلىرى قىرغىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەردە نەشر قىلىنغان. ( مۇھەررىردىن: بىر ھېكايىسى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئامېرىكىدىكى بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان، تەرجىمە قىلغۇچى ئامېرىكىلىق بولۇپ بۇ كىشى بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن تولۇق ئۇچۇرنى يازالماي قالدىم، پات ئارىدا تولۇقلاپ قويىمەن)

ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشردىن چىققان كىتابلىرى: «نەي ئاۋازى» (ھېكايىلەر توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «كونا - يېكى ئىشلار» (ھېكايىلەر توپلىمى، مىللەتلەر نەشرىياتى)، «سالام، ھىسام ئاكا» (پوۋېستلار توپلىمى، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، «بۇ چۈش ئەمەس» (ھېكايىلەر توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «نوزۇگۈم» (پوۋېست، موڭغۇل تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» (بىئوگرافىيىلىك قىسسە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئۆلۈككە خەت» (ھېكايىلەر توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى» (ئىلمىي ئەسەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئايخان» (ھېكايىلەر توپلىمى، قازاق تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى يەنە ئۇنىڭ ھېكايە، پوۋېستلىرىدىن تاللاپ «مەمتىمىن ھوشۇر تاللانما ئەسەرلىرى <1>، <2>، <3>» دىن ئىبارەت ئۈچ كىتابنى نەشر قىلدى. يېقىندا يەنە ئۇنىڭ «قىرلىق ئىستاكان» خەنزۇ تىلىدا (ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ، «ئوت كەتكەن دەريا»(خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى ئېلان قىلىندى. بىر قىسىم ھېكايە ۋە پوۋېست توپلاملىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 2006- يىلى 6- ئايدا ئۇنىڭ «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى» ناملىق كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى

1. «نەي ئاۋازى» -

(ھېكايىلار توپلىمى) شىنجاڭ خەلق نەشرياتى.  1982 -يىل                                  

2. «كونا - يېڭى ئىشلار» -  

(ھېكايىلار توپلىمى) مىللەتلەر نەشرياتى. 1987-يىل

3. «سالام، ھېسام ئاكا» -

(پوۋېستلار). شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرياتى. 1989-يىل

4. «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» -

(بىئوگىراپىك رومان). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1989-يىل

5.  «نۇزۇگۇم» -

(پوۋېستلار). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى.  1990-يىل

6.  «بۇ چۈش ئەمەس» -

(ھىكايىلار توپلىمى). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1991-يىل

7.  «ئۆلۈككە خەت» -

(ھېكايىلار توپلىمى). قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى. 1993-يىل

8.  «ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارىيانتى» -

(ئىلمىي ئەسەر). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1995-يىل

9.  «قۇم باسقان شەھەر» -

(رومان). شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۇرلەر نەشرياتى. 1996-يىل

10. «مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما» -

(ئىككى قىسىم). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1999-يىل

11. «مەمتىمىن ھوشۇر پوۋېستلىرىدىن تاللانما» -

شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1999-يىل

12. «ئايخان» - ( قازاقچە ) -

(پوۋېست،ھېكايىلار توپلىمى). شىنجاڭ خەلق  نەشرياتى. 2000-يىل

13. «قىرلىق ئىستاكان» - (خەنزۇچە) -

(ھىكايىلار توپلىمى). شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرياتى. 2001-يىل

14. «ئوت كەتكەن دەريا» -

(ھىكايىلار توپلىمى). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 2002-يىل

15. «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى» -

(ئىلمىي ئەسەر). مىللەتلەرنەشرياتى.  2006-يىل

16. «ئوت كەتكەن دەريا» -(خەنزۇچە) -

(ھېكايىلار توپلىمى). مىللەتلەر نەشىرياتى. 2006-يىل

مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىنىڭ مۇكاپاتلىنىش  ئەھۋالى

1.  « ئۇستام» -    1981-يىلى  ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە  30  يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2. «ساۋاقداشلار» - 1989-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن  يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

3. «ھاراق ھەققىدە ھېكايە» ( 1989-يىللىق)، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا» (1990-يىللىق)، «كۈزيامغۇرى» (1992-يىللىق)، «ئاتاقلىق مۇقامچى كارۇشاڭ ئاخۇنۇم» (2006 -يىللىق) دىگەن ئەسەرلىرى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

4. «بۇ چۈش ئەمەس» (1990-يىللىق)، «ئۆلۈككە خەت» (1992-يىللىق). «بۇرۇت ماجىراسى» (2001-يىللىق) دىگەن ئەسەرلىرى «تارىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

5. «بۇرۇت ماجىراسى» - 1991-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

6. «بۇ چۈش ئەمەس» - 1993-يىلى 4- نۆۋەتلىك  مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

7.  «ئۆلۈككە خەت» -  1995-يىلى  ش  ئۇ  ئا  ر  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەسەر باھالاشتا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

8. «چوشقىلارغا بايرام» - 1999-يىل «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» تەرىپىدىن دۆلەت قۇرۇلغالىقىنىڭ 50 يىللىقى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

9. «ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ  ئىلى ۋارىيانتى» - 1997-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن ئىجتىمائى پەن ، پەلسەپە ساھەسى بويىچە 3- دەرىجىلىك تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

10. «گوركار» - 2004-يىلى  ئاپتۇنۇم رايۇن  تۇنجى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ»  ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

11. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر يۇقارقىدەك ئىجادىيەت نەتىجىلىرى بىلەن مەرھۇم داۋۇتجان تەسىس قىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك  «گۈلزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

تۆۋەندە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھىكايىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ

مەنمۇ قىزاردىم                                                                    

          مەمتىمىن ھوشۇر

          ھاراق دېگەن بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ كارامىتىگە مەن قايىل . ئۆزۆڭنى چاغلىماي بىر - ئىككى رومكا ئوشۇق ئىچىپ قويدۇڭمۇ ، بىر دەمدىلا ساراڭ بولىسەن . مانا مەن ھەر قېتىم ھاراق ئىچسەم ، مەھەللىگە ئۈنۈمنى بولۇشىغا قويۇۋىتىپ ناخشا ئېيتىپ كىرىپ كېلىمەن . دەرۋازىنى تېپىپ ئېچىپ ، ھويلىدا ئايالىم « ھاي  خوشنىلار ئاڭلاپ قالسا سەت بولىدۇ » دىگەنچە بەكرەك ۋاقىراپ - جاقىراپ ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماي تىرەجەپ تۇرىۋىلىپ ، خېلى قىلىقلارنى قىلىپ باقىمەن . ئەتىسى ئەتىگەندە ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىمىزدا جىدەل باشلىنىدۇ .  
          _ ئاخشام نىمە ساراڭلىقلارنى قىلىپ كەتكىنىڭىزنى بىلەمسىز ؟_ دەپ گەپ باشلايدۇ ئايالىم ، _ زادى قاچان چوڭ بولىسىز ؟ بىر بالىغا دادا  بولدىڭىز ، نومۇس قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ....بىر گەپ بولسا « ئەر كىشى دېگەن ھاراق ئىچىدۇ » لا دەيسىز . مانا مېنىڭ داداممۇ ئەر كىشىغۇ ؟ ئۆمرىدە ھاراق دىگەن نەرسىنى ئاغزىغا ئالماپتىكەن ...  
        ئۇنىڭ تېپىۋالغان گېپى شۇ . ھەر قېتىم نەسىھەت قىلغىلى تۇرسا ، ماڭا ئۆزىنىڭ دادىسىنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدۇ . قېيناتام راست دېگەندەك كەيپ-ساپادا يوق ، سالاپەتلىك ئادەم . بۇ ئادەمدىن مەنمۇ سەل ئەيمىنىمەن .لىكىن ، ئەتىگەندە باش ئاغرىپ تۇرغاندا ئايالىمنىڭ قىلغان گەپلىرى قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك تېگەتتى . بەزىدە قولۇمنى سىلكىپ :
      _ راست دەيسەن سېنىڭ داداڭ بۇۋاق ۋاقتىدىمۇ زاكىسىغا سىيمەي - چىچماي چوڭ بوپتىكەن ، - دەيتتىمدە ، چايغىمۇ قارىماي ئىشىمغا كىتەتتىم .  
    بىر كۈنى ، ساراڭلىقىم سەل ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ  ، بىر تېپىپ ، دەرۋازىنىڭ قانىتىنى ئاجرىتىۋىتىپتىمەن .

    ئايالىم « ۋاي نىمانداق قىلىسىز !» دەپ يۈگۈرۈپ چىقىپتىكەن ، ئۇنى بىر مۇشت بىلەنلا ئوڭدىسىغا ئۇچۇرىۋىتىپتىمەن . ئوغلۇم ۋار -ۋۇر يېغلىغىنىچە كېلىپ ئاپىسىغا ئېسىلىپتۇ . ئايالىم ئورنىدىن تۇرۇپلا بالىنى كۆتۈرگىنىچە يامانلاپ كېتىپتۇ .  
      ئەتىسى ئويغانسام ، كارۋاتنىڭ ئۈستىدە كىيىم -كېچىكىم بىلەنلا يېتىپ قاپتىمەن . كىچە بولغان ئىشلارنى خىرە -شىرە ئىسىمگە ئالدىم . « خەپ ، مۇشۇ ھاراق دېگەننى ئىككىنچى ئېغىزغا ئالماسمەن » دىدىم . ئايالىمنى قايتىپ كېلەر ، دەپ بىر كۈن كۈتتۈم ، ئىككى كۈن كۈتتۈم ، يوق . ئۆتكەن قېتىملاردا بۇنداق كۆڭۈلسىزلىك بولغاندا ، ئايالىم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ ، بىر - ئىككى كۈن تۇرۇپلا ئاچچىقىدىن يېنىپ قايتىپ كېلەتتى . بۇ قېتىم كۆڭلىگە بەك قاتتىق تەككەن ئوخشايمەن ، ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپمۇ قايتىپ كەلمىدى . يالغۇزچىلىقتا ئۆينىڭ ئايالىم بار چاغدىكى ئىللىقلىغىنى ، ئوغلۇمنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنى ئەسلەپ ئولتۇرالماي قالدىم . ئاخىر سالپىيىپ ، قېيناتامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم  
      دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئوغلۇم ئويناپ يۈرگەنكەن ، يۈگۈرۈپ كېلىپ بوينۇمغا ئېسىلدى . ھويلىدا قېيناتام ئالما شاخلىرىنى پۇتاۋىتىپتۇ . سالامنىڭ چوڭىنى قىلىپ ئالدىغا باردىم .  
      -ۋاي ، سەمەتجانما؟ ... ئۆيگە كىرىڭ ئوغلۇم ، ئۆيگە ،_دەپ ئۆيگە باشلىدى .  
      قېينانام ئاستىمغا كۆرپە سېلىپ ، جوزا قويۇپ ، چاي راسلىدى . ئوغلۇم قۇچىقىمغا چىقىپ ئولتۇرىۋالدى . قېيناتام بىلەن قېينانامنىڭ ئوچۇق چىرايىنى كۆرۈپ خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم .
    _ مەريەمگۈل ، قېنى سەن ؟ جوزىغا كەل قىزىم ، _ دەپ ئايالىمنى چاقىردى قېيناتام .
    باياتىن بېرى بوسۇغىدا قورۇنۇپ تۇرغان ئايالىممۇ ئاستا كېلىپ جوزىنىڭ بىر بۈرجىگىدە ئولتۇردى .« قېيناتامنىڭ ئاچچىق تاپا- تەنىلىرى باشلىنىدىغان بولدى -دە » دەپ دەككە-دۈككىدە ئولتۇردۇم . قېيناتام باشقا گەپ قىلماي ، ئۆزىنىڭ ياش چاغلىرىدىكى ئىشلىرىنى ھىكايە قىلىشقا چۈشۈپ كەتتى .
    _ ياشلىق دېگەن ئەجەپ بىر چاغلار ئىكەن ،_ دەپ گەپ باشلىدى قېيناتام ،_ مانا مەنمۇ ياش ۋاقتىمدا تازا تەلۋە ئىدىم . ئەل -ئاغىنىلەر بىلەن ئانچە - مۇنچە ئىچىپ قوياتتۇق . ئىچتۇقمۇ  ، بولدى  . نىمە تالىشاتتۇقكىن ، بىلمەيمەن ، بىر ئوبدان ئولتۇرغان ئاغىنىلەر بىر دەمدىلا ئۆرە -تۆپە بولۇشۇپ ، بىر-بىرىمىزنىڭ ياقىسىنى سىقىپ ، مۇشتلىشىپ ، قاپاقلىرىمىزنى يېرىپ ئۆيگە قايتاتتۇق . ئەتىسى ئاخشام بىز زادى نىمە تالاشتۇق ھۇي!؟ دىيىشىپ ، يەنە بىر-بىرىمىز بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كېتەتتۇق...

         قېيناتام شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا .« قانداق، ماختىغان داداڭمۇ تايىنلىقمىكەن ؟» دىگەن مەنىدە ئايالىمغا لەپپىدە قاراپ قويدۇم . ئايالىم ۋىللىدە قىزاردى . قېيناتام گېپىنىڭ ئاخىرىنى :
      _ بىر ياخشى يېرىمىز ، ھەر قانچە ئىچسەكمۇ ئۆيگە كېلىپ خوتۇننى ئۇرمايتتۇق !_دەپ تۈگەتمەسما ، مەنمۇ قىزاردىم

(مەنبە:كىتاۋى

ئاشخانىدىكى پاراڭ                                                                                

  (مەمتىمىن ھوشۇر)

        بۈگۈنكى بۇ سوغۇقتا كىرانىڭمۇ تايىنى يوق ئىدى . ئايۇپ بوۋاي ھارۋىسىنى چەتكە توختىتىپ قويۇپ ، بىر چىنە سۇيۇقئاش ئىچىپ ئىسسىۋىلىنىش ئۈچۈن دوخمۇشتىكى ئاشخانىغا كىردى . بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى باشقا ئاشخانىلارنىڭكىدىن پىچاق بىسى بولسىمۇ پەرقلەنگەچكىمىكىن ،خېرىدار خېلىلا كۆپ ئىدى. ئايۇپ بوۋاي بۇلۇڭدىكى ئورۇنغا بېرىپ قىسىلىپ ئولتۇردى . كۈتكۈچى يىگىت ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيدى . چەت-چۆرىسى پۇچۇلۇپ كەتكەن چىنىگە قاراپ بوۋاينىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندەك بولدى . ئۆيدە بولغان بولسا مومىيى ھەرگىزمۇ بۇنداق پۇچۇق چىنىدە چاي بەرمەيتتى. بوۋاي ئەتراپىغا قارىدى . «توۋا!!»دىسە بولىدۇ-دە ، بازاردىكى ئاشپەزلەر خېرىدار يوق چاغلاردا ئىچى پۇشۇپ ، چىنىلەرنى غاجاپ ئولتۇرامدىكىن ، جوزا ئۈستىدىكى چىنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ گىرۋىگى ھەرە چىشى بولۇپ كەتكەنىدى...........  
        بۇرۇن كىرگەن خېرىدارلاردىن بىر ئىككىسى :  
      _ ئۇكاموي ، بىزنىڭ تامىقىمىزنى ئەكىلىۋەتسەڭلار بولاتتا... - دەپ ئالدىراتقىلى تۇردى .  
      _ ئالدىرىماڭلار ، ھەممىڭلارنى ھازىرلا يولغا سالىمىز ،_ دىدى قاچا - قۇچىلارنى يېغىشتۇرىۋاتقان چوكان ، - ئۆيۈڭلەردە بولسىمۇ بىر دەم كۈتىسىلەرغۇ ...  
        شۇ چاغدا ئىشىكتىن ياقىلىق پەلتۇ ، كۆكۈش ئەلتىرە قۇلاقچا كىيىپ ، چاقماق يۇڭ شارپا ئورىغان سالاپەتلىك بىر كىشى كىرىپ كەلدى . ئاشپەز ئۇستام قورۇما چۆمۈچىنى چەتكە قويۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى ،  
        _ قېنى،قېنى  ...  يۇقۇرى ئۆتسىلە ...  
        _ ۋاھ، بازار قالتىسكەن _ ھە!  
        _ دائىملا مۇنداق ئەمەس ،چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا ئازراق خېرىدار يىغىلىپ قالدى    ...    ھوي كۈتكۈچى بالا ، قېنى سەن ؟ ماۋۇ ئاكاڭنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چاي قۇي !  
      خېرىدارلار سەل سىغدىلىشىۋىدى ، بوۋاينىڭ يېنىدىن خېلىلا كەڭرى بىر كىشىلىك ئورۇن بوشىدى . مېھمان ئولتۇرۇش بىلەنلا كۈتكۈچى يېگىت ئۇنىڭغا تېخى غاجىلانمىغان يىڭى پىيالىدە چاي ئەكەلدى . ھەش-پەش دېگۈچە مېھماننىڭ تامىقىمۇ چىقتى . دورا -دەرمىكى تەڭشىلىپ قورۇلغان گۈيرۇ قورۇمىسىنىڭ پۇرىقى بوۋاينىڭ بۇرنىغا گۈپپىدە ئۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئاچقان قورسىقىنى تېخىمۇ غولدۇرلىتىۋەتتى . بوۋاي مايلىق قورۇمىنى ئاشنىڭ ئۈستىگە تۆكۈۋاتقان مېھمانغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى -دە  : مانا ئۈستىگە ئىسسىق كېيىم ، نەگە بارسا ھۆرمەت ئۈستىگە ھۆرمەت ، خۇدامۇ بۇ ئامەتنى بەرگۈسى كەلگەنلەرگە قوشلاپ بېرىدىكەن !... دەپ ئويلاپ ، ئۇنىڭغا ھەۋىسى كەلدى .  
        مېھمان تەخسىسىنى بىر دەمدىلا قۇرۇقداپ ، بىر تال سەرەڭگە ياغىچىنى سۇندۇرۇپ ،چىشىنى ئوبدان كوچىلاپ ، يەنە بىر پىيالە چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن قوزغىلىپ ماڭدى . كاسسىرنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇ قوينىغا قول سېلىۋىدى ،  
        _ ئۇنداق قىلمىسىلا ، سەت بولىدۇ  ...  مەن خاپا بولىمەن ،_ دەپ تەكەللۈپ قىلدى قورۇما قورۇۋاتقان ئاشپەز .  
      مېھمان :  
      _ ئەستا ، بۇ قانداق بولغىنى ... _ دەپ تەڭلىكتە قالغان چىرايىنى خېرىدارلارغا كۆرسىتىپ ، قولىنى يانچۇقتىن چىقىرىۋالدى -دە ، «رەھمەت»ئېيتىپ چىقىپ كەتتى .  
      _ ئىت ! شىركەت باشلىقىمىش  تېخى  ... _ دىدى ئوتتۇرىدا يۈرگەن چوكان بايىقى مېھماندىن قالغان چىنە - تەخسىلەرنى يىغىۋىتىپ .  
      _ كىمنى تىللاۋاتىسىز قىزىم ؟_ دەپ ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدى بوۋاي .  
    _ ھەر كىرگەندە خۇددى پۇل تۆلەيدىغاندەك يانچۇقىغا قولىنى ئاپىرىپ قويىدۇ تېخى  ...  
      ئۇنىڭ كىمنى تىللاۋاتقى بوۋايغا ئوچۇق بولدى .«خۇدايا ، مىڭ قات شۈكرى !_ دىدى بپۋاي ئىچىدە _ كەمبەغەل  قىلغان بولساڭمۇ ، مېنى ئىت قىلماي ، ئادەم قىلىپ يارىتىپسەن !»

(مەنبە: «مەمتىمىن ھوشۇر ھىكايىلىرىدىن تاللانما » دىگەن كىتاپتىن)

ياخشى چۈش كۆرۈڭ

مەمتىمىن ھوشۇر

مەھەللىمىزنىڭ چېتىدە خېلىلا چوڭ بىر ئاممىۋى باغچا بار . پېنسىيىگە چىققانلار ئاخشىمى- ئەتىسى شۇ يەرگە يىغىلىپ قالىمىز . نېمە ئىش بار دەيسىلەر ؟ بەزىلىرىمىز شاھمات ئوينايمىز ، بەزىلىرىمىز كورت؛ بەزىلىرىمىز بايىلا يەپ چىققان تاماقنى سىڭدۈرۈ ش ئۈچۈن ئۇششاق چامداپ ئۇياق - بۇياققا ماڭىمىز ، ئوڭدا يېتىپ دۈم قوپۇپ ، ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارمۇ بار ؛ يەنە بەزىلىرىمىز ئولتۇرىۋىلىپ ، ھازىر بازاردا نېمە ئەرزان ، نېمە قىممەت ، قايسى ئاغرىققا قانداق دورا پايدا قىلىدۇ ، ئاخشام تېلىۋوزوردا قانداق يېڭى نۇمۇرلارنى قويدى ، كىمنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتتى ، كىم ياش خوتۇن ئېلىۋالدى ؛ پېنسىيىگە چىقىپ دۇكان ئېچىپ كىم پايدا ئالدى ، كىم زىيان تارتتى ...دېگەندەك پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتىمىز .

كەچكى تاماقتىن كېيىن ، ئازراق سالقىنداي دەپ باغچىغا چىقىۋىدىم ، كۆل بويىدا قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ، ئېڭىشىپ كېتىپ بارغان ئۇبۇل ئەپەندىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . ئۇ ، ياش ۋاقتلىرىدا باشلانغۇچ ، ئورتا مەكتەپلەرگە مۇئەللىم بولغان ، كېيىنكى ئۆمرى نەشرىياتتا ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈش بىلەن ئۆتكەن كونا زىيالى ئىدى . مېنى كۆرسە دائىم :

- خوش ، شائىر ئەپەندىم ، دېھقان ئۇنداق ئۇلۇغ ، مۇنداق ئۇلۇغ ، دەپ شېئىر يازىسىلەر ، ھەربىرىڭلىنى دېھقان بول ، دەپ شۇ يېزىغا ئاپىرىپ قويسا زادى قانچە كۈن تۇرارسىلەر ؟... توۋا ، مۇشۇ كۈنلەردە ئانىسىنى ئۆمۈر بويى قاقشاتقان ئاغىنىلەر ۋاي ئانام دەپ شېئىر يېزىپ ھالى قالمايدىغان بولى - ھە؟ ... دېگەندەك گەپلەر بىلەن چېقىشىپ قوياتتى .ئۇبۇل ئەپەندىنى كۆرمىگىنىمگە ئۇزۇن بولغانىكەن . شۇ تاپتا بۇ ئۇرۇق ئادەم يەلكىسىنى بىر پاتمان غەم بېسىۋالغاندەك مۈكچىيىپ كېتىپ باراتتى .

- ھاي ئۇبۇل ئەپەندىم ، ئۇبۇل ئەپەندى ! - دەپ چاقىردىم .

ئۇبۇل ئەپەندى بېشىنى كۆتۈرۈپ مەن تەرەپكە قارىدى دە- مېنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ قولىنى پۇلاڭلاتتى . ئوتتۇرىمىزنى ياپيېشىل سۇ ئوتلىرى بېسىپ كەتكەن كۆل ئايرىپ تۇراتتى . ئىككىمىز ئالدىراش بىر - بىرىمىزگە قاراپ مېڭىپ ، كۆلنىڭ بىر بۇرجىگىدە ئۇچراشتۇق . قىزغىن سالاملىشىپ ، شۇ ئەتراپتا تۇرغان بىر يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق .

- خوش ، شائىر ئەپەندىم ، ئىلھام ئىزدەپ چىقتىڭىزمۇ نېمە ؟- دېدى ئۇبۇل ئەپەندىم چاقچىقىنى باشلاپ ، - سىلەرنىڭ ئىشىڭلار نېمدىگەن ئوڭاي ، مانا مۇشۇ لەش باسقان كۆلنى كۆرۈپ دېڭىزنى كۆردۈم ، دەپ شېئىر يېزىۋىرىسىلەر ، بۇ باغقا تولا چىقىدىغان بولىۋالدىڭىز ، ئاز كۈندىن كېيىن " جەننەتنى كۆردۈم " دەپ شېئىر يازىسىزغۇ دەيمەن ؟

- ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ - دېدىممەن كۈلۈپ .
-قەدىر ئەھۋال .
-قارىسام ، غەم باسقاندەك بولۇپ مۈكچىيىپلا قاپسىز .  
- ھە ، خىيال ...  
- نېمە خىيال ئۇ ئۇبۇل ئەپەندىم ؟  
- قارىمامسىز ، خەق دېگەن پۇلنى شاراقشىتىپ غازاڭدەك خەجلەيدىغان بولۇپ كەتتى . بىز بولساق قېرىدۇق ، قولىمىزدىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ ، شۇ ئازغىنە پىنسىيە پۇلىنى ئايدىن - ئايغا قانداق ئۇلاشتۇرارمەن ، دېگەن خىيال !  
- يېقىندىن بېرى قىزىق گەپلەرنى ئاڭلايمەنغۇ ؟  
- نېمە توغرىسىدا ؟ - دەپ ماڭا ئەجەپلىنىپ قارىدى ئۇبۇل ئەپەندى .
- ئاڭلىسام ، سىز كوچىدا قىپيالىڭاچلا يۈگۈرۈپ يۈرگىدەكسىز ؟
- كىمدىن ئاڭلىدىڭىز ؟  
- ئاڭلىدىم ، بىر ئەمەس ، بىر - ئىككەيلەندىن .  
- قىپقىزىل يالغان !  
- توۋا ، ئۇلار قاراپ تۇرۇپ ئۈستىڭىزدىن مۇشۇنداق يالغاننى توقۇغانمىدۇ ؟!
- سىز شۇ گەپكە ئىشەندىڭىزما ؟ ... ھەرقانچە بولسىمۇ مەن مۇشۇ سالاپىتىم بىلەن كوچىدا قىپيالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرەرمەنمۇ ؟!

ئوبۇل ئەپەندىم ئورۇق گەۋدىسىنى رۇسلاپ ، سوئال نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى .

- ئەمدى ، ئادەم دېگەن قېرىغاندا ھەر قىسما بولۇپ قالىدۇچۇ ، - دېدىممەن ، - پېنسىيىگە چىققاندىن بېرى ئۆيدىن چىقماي تېلېۋوزۇرلا كۆرىدىغان بولىۋالدىڭىز ، تېلىۋوزوردىكى يالىڭاچ خوتۇنلارنى تولا كۆرۈۋىرىپ : مەنمۇ بىر شۇنداق چىقىپ باقمايمەنمۇ ، دەپ قالدىڭىزمۇ دەيمىنا ؟  
- توۋا دەڭا .  
- ئەمىسە بۇ گەپ نەدىن چىقتى ؟  
- سىزگە راست گەپنى قىلسام ، چۈشۈمدە شۇنداق يالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ چۈش كۆرۈپتىمەن . قىزىقچىلىق قىلىپ بىر - ئىككەيلەنگە سۆزلەپ بەرگەندەك قىلىۋىدىم .  
- تازىمۇ غەلىتە ئىش بوپتۇ -ھە !...قىپيالىڭاچلا يۈگۈرۈپ يۈرگىدەكسىزما ؟  
- يەنە كېلىپ نەدە دېمەمسىز ؟ كۈپكۈندۈزدە ، نەق قايناق بازارنىڭ ئىچىدە .
- ھېچ بولمىغاندا ئۈستىڭىزدە ئاسما مايكا بىلەن كالتە ئىشتانغۇ باردۇ ؟
-ھېچنىمە يوق ، ئانىدىن تۇغما پېتىم .  
- يائاللا ، مۇشۇ ئورۇق بەستىڭىز بىلەن ھە !؟
...بازاردىكى ئادەملەرنىڭ كۆزىگە بىر قۇرۇق ئىسكىلىت مېڭىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ ، چۇرقىرىشىپ تەرەپ - تەرەپكە قاچقاندۇ ؟

- قىزىق يىرى شۇ ، ھېچكىم ماڭا قاراپ ھەيرانمۇ بولمىدى ، تەرەپ - تەرەپكىمۇ قاچمىدى ، كۆپىنچە ئادەملەر مېنى كۆرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ كىيىم - كچەك ، دەپ بىرمۇنچە نېمىلەرنى ئۈستىگە ئوشۇقچە يۈك قىلىپ ئارتىۋالغانلىقىغا خىجالەت بولۇشتىمۇ - قانداق ، ھەممىسلا قىزىرىپ يەرگە قاراشتى . تېخى بىر كوچا ساقچىسى يېنىمدىن چاس بېرىپ ئۆتۈپ كەتتى . بىر كىرا پىكاپى يانداپ كېلىپ : خىزمىتىڭىزدە بولايمۇ ؟ - دېۋىدى ، " كېرەك ئەمەس!" دەپ قولۇمنى سىلكىدىم .

- " ماقۇل " دەپ ، يالىڭاچ پېتى پىكاپقا كىرىپ ئولتۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ قىزىق بولاتتىغۇ ، دەيمەن ؟  
- پىكاپقا ئولتۇرۇپ نېمە قىلاتتىم ؟ ... پىكاپقا ئولتۇرغاندىن كېيىن كىرا ھەققىنى تۆلىمىسىڭىز بولمايدۇ . يالىڭاچ ئادەمدە نەدە پۇل ، پۇل سالىدىغانغا يانچۇق ؟ ... ئاشۇنداق پىيادە ، بەھۇزۇر مېڭىپ كېتىۋىرىپتىمەن . كۆرگەنلەر : چىرايىڭىز ناھايىتى جىددىي ، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ، بەك سالماق مېڭىپسىز ...- دېيىشتى .  
-نېمە دەيدىغانسىز ؟ - دەپ ھەيران بولدۇممەن ، - چۈشىڭىزدە يالىڭاچ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرگەنلەرمۇ بارمىكەن ؟  
- نېمە بولىۋاتىسىز ؟ - دەپ مەندىن بەتتەررەك ھەيران بولدى ئوبۇل ئەپەندىم ، - مەن دېگەن بازاردا كېتىۋاتقان تۇرسام ، ھەممە ئادەم كۆرمەيتىمۇ ؟
- ھە بوپتۇ ، سۆزلەۋېرىڭ!  
شۇنداق قىلىپ ، يالىڭاچ كېتىۋىرىپتىمەن . شەھىرىمىزنىڭ چېتىدىكى ھېلىقى چوڭ مەيداننى بىلىسىزغۇ؟  
- قايسى مەيداننى دەيسىز ؟... يۈك ماشىنا ، پىكاپلارنىڭ سودىسى بولىدىغان مەيداننى دەمسىز ؟  
-ۋاي خۇدايىمەي ، سىز نېمانداق ھە دېسە ماشىنىنىڭلا گېپىنى قىلىسىز ، پىكاپ ساتىدىغان يەردە مەن نېمە قىلاي ! ھېلىقى شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى تازا قىزىق بازار بولىدىغان مەيدانچۇ ؟ توپتوغرا شۇ يەرگە بېرىپلا توختاپتىمەن . نەدىن كەلگەن قەھرىمانلىقكىن بىلمىدىم ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئېگىز يەرگە چىقىپ ،: " خالايىق ! " دەپ نۇتۇقنى باشلاپتىمەن .

- يالىڭاچ پېتىڭىز ؟  
- يالىڭاچ پېتىم .
ھەممە خەق كۈلۈپ دومىلاپ كېتىشكەندۇ ؟
- كۈلسىمۇ ئىچىدە كۈلدىمۇ ، بىلمىدىم . قارىسام ، ھەممەيلەن نېمە دەركىن ، دەپ ئاغزىمغا قاراپ تۇرۇپتۇ . " خالايىق ، ھازىر جاھان ئىلگىرلەپ نەگە كەتتى ؟ ۋاقتنىڭ قەدىمى قايسى ئەسىرگە يەتتى ؟ بىز قاچانغىچە ئىپتىدائىي ئادەملەردەك زىبۇ - زىننەت دەپ رەڭلىق تاش - مېتاللارنى ئېسىۋىلىپ ، يۈز - كۆزلىرىمىزگە ھەرخىل بوياقلارنى سۈركەپ ، ئەخمەقلەرچە كۆرەڭلەپ يۈرىمىز ؟ لاتا - پىتىلەرگە يۆگىلىۋىلىپ ، ئەيىبلىرىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن يوشۇرۇشقا نەھاجەت !؟ ... ئىنسان بۇ دۇنياغا يالىڭاچ تۆرەلگەن ، يەنە ياپيالىڭاچ كېتىدىغۇ . ماڭا قاراڭلار ، مانا مەن ئەلگە قىرىق يىل ئىشلەپتىمەن ، كۆپچىلىكتىن يوشۇرغىدەك ھېچنىمەم يوق . تېرىلىرىمنىڭ ئاستىدىكى قوۋۇرغىلىرىممۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . تۇغۇلۇپ قانداق يۆگەككە يۆگەلگىنىمىزدىن باشلاپلا پىشانىمىزگە باي - كەمبەغەللىك ، تەلەيلىك - تەلەيسىزلىكنىڭ تامغىسى بېسىلىشقا باشلاپتۇ . ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يۆگىكى ئەمەس ، يۆگەك ئىچىدىكى ۋۇجۇدى بەلگىلەيدىغۇ ؟!... كىمىكى كۆپنىڭ ئالدىدا قورقۇنچى بولمىسا يالىڭاچ بولالايدۇ . قېنى ، كيىم - كېچىكىمىزنى سېلىپ تاشلاپ ، ئوچۇق - ئاشكارا بولايلى !....دەپتىمەن . يەنە نېمىلەنرى دېگىنىم ئېسىمدە يوق . ئەيتاۋۇر بىرمۇنچە ۋالاقلىغان ئوخشايمەن . شۇنىڭ بىلەن ، قانداق بولدى دېمەمسىز ؟ پۈتكۈل بازار ئۆپۈر - تۆپۈر بولۇپ ، ھەممە بەس - بەستە كىيىم -كېچەكلىرىنى سېلىپ تاشلىغىلى تۇردى .

- پەرۋەردىگار ، نېمە دەيدىغانسىز ؟ ئۇ يەردە ئاياللارمۇ بولغىيتتى ؟

- ھازىرقى كۈندە بازاردىكى ئادەمنىڭ تەڭدىن تولىسى ئايال دەڭا !

- ئاياللارمۇ كىيم - كېچەكلىرىنى سېلىپ تاشلىدىما ؟

-سالدى ! ... سىزنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدا چۈشەنچىڭىز قانچىلىككىن ، بىلمىدىم . ئايھاي ، خۇدا ياراتقان ئىنساننىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆرەي دېسىڭىز ، ئۇنى يالىڭاچ ھالەتتە تاماشا قىلىڭ ! ئاياللارنىڭ نۇرلىنىپ تۇرغان قامىتى ، ئىشلەمچىلەرنىڭ بۆرتۈپ چىققان بۇلجۇڭ گۆشلىرى ، كاسىپلارنىڭ چىڭقالغان كۆپكۆك تومۇرلىرى ، دېھقانلارنىڭ كۈن نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇرغان مىسرەڭ تېرىلىرى ... بۇلارنىڭ ھەربىرى ئىنسان پورتېرىتىنى سىزىدىغان رەسسام ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ماتېرىيال بولۇپ ئاشىدۇ. بايا ئۇلارنى كۆرۈمسىز قىلىپ تۇرغان ئۈستىدىكى كونا - يىرتىق لاتا - پىتىلەر ئىكەن ... ھەممەيلەن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلىۋىدى ، تېخىچە خۇدۇكسىنىپ كىيمىنى سالالماي مەھكەم ئورۇنىۋالغانلار باشقىلارنىڭ كۆزىگە باشقىچە كۆرۈنۈشكە باشلىدى . يەنە كېلىپ ئۇلار كىملەر دېمەمسىز ؟ تازا پوزۇر كېيىنىپ ، يۈز - كۆزىنى ئالا - يېشىل بويىۋالغان خېنىملار ، شەھەرنىڭ ھارامدىن بېيىغان بايلىرى ، جانى جىڭ دەپ ساتىدىغان كاززاپلار ، زادى قانداق پۇل تېپىپ ھوزۇر - ھالاۋەت سۈرۈۋاتقنىنىنى بىلىپ بولمايدىغان سىرلىق مەخلۇقلار ، " خوش غوجاملار ، قېنى ھەرقايسىلىرىمۇ ماۋۇ ئۈستىلىرىدىكى جەندازلىرىنى سېلىشىپ باقماملا ، زادى قانداق ئادەملىكلىرىنى بىر كۆرۈپ باقايلى ! " دەپ بەزىلەر ئۇلارغا ھۈرپەيدى . ئۇلارنىڭ كېيىملىرىنى تەرەپ - تەرەپتىن تارتقۇشلاپ سالدۇرۇشقا باشلىۋىدى ، ئەپت- بەشىرسى ئاشكارىلا بولدى . كېلەڭسىز يوغىرىغان قوساقلار ، كۈن نۇرىنى كۆرمەي لەشتەك ساڭگىلاپ كەتكەن تېرىلەر ، ئەيش - ئىشرەت ، قىمار سورۇنلىرىدا خۇنىنى يوقىتىپ كۆكەيگەن بەدەنلەر ، قان - يىرىڭ ئېقىپ تۇرغان نۇمۇسلۇق جايلار ..ۋاي قويۇڭ ، بولارنىڭ بەزىلىرىگە ئالمان - تالمان كىيىملىرىنى باشقىدىن كىيگۈزۈپ قويمايمۇ بولمىدى . مانا ، بەزىلەرنىڭ ئۈستىدىكى چۈمبەردىسىنى قايرىۋەتسىڭىز كارامىتى شۇنچىلىكلا ئىكەن ...نېمە ساراڭلىقىم تۇتتى ، ھېلىقى يالىڭاچ ئاغىنىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە تۇرغان ئېگىز بىناغا قاراپلا مېڭىپتىمەن . ئىشىكنىڭ ئالدىدا پىكاپقا چۈشۈپ قاچماقچى بولغا بىرسىنى تۇتىۋالدۇق . بۇكىم دېمەمسىز ؟ ھېلىقى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىنى سېلىشقا مەسئۇل بولغان پالانچى . ئىككى يىلدا پۈتىدۇ دېگەن بىنا تۆت يىلدىمۇ پۈتمەي ، ئاخىرىدا نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكىنىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ بىناسى پۈتمىگىنى بىلەن بىر قانچە ئەمەلدارنىڭ شەخسى داچىسى ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ بولدى . ھە -ھۇ بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ھەيران قالدۇق .ئىككى قولى نەق جەينىكىدىن ئەگرى ئىكەن . پۈتكۈل شەھەرنى يالماپ يۈتۈۋىلىپ ، ھېچكىمگە قۇيرۇق تۇتقۇزماي يۈرۈدىغان يەنە بىرى نەق پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىلا ئۇچراپ قالدى . " ئاللا - توۋا " دېگىنىگە قويماي ئۇنىمۇ يالىڭاچلىۋىدۇق ، قورسىقى تۆت ، ئاشقازىنى سەككىز بولۇپ چىقتى . ئىش بىلەنكىرگەن ھەربىر ئادەمدىن مىڭلاپ سوم پارا يېمەي قويمايدىغان يەنە بىرىنى زالنىڭ ئىچىدە قوغلاپ يۈرۈپ تۇتىۋالدۇق .

ئۇ ئەبلەخ نېمىشقا كېچىسى يوتقانغا كىرگەندىمۇ گالستۇكنى يەشمەي ياتىدىكىن دېسەك ، ئۇنىڭ گېلىنىڭ ساق يىرى يوق ئىكەن . ھەممە تەرىپى تۆشۈك ئىكەن . بۇ بالا - قازاغا دەسلەپتىلا ئۇچرىغان ھېلىقى ئۈچى : مۇنداق يالىڭاچلىغىلى تۇرساڭلار بۇ بىنادا بىجىرىم ئادەم چىقامدۇ ؟ يالڭاچلايدىغان گەپ بولسا ھەممىنىلا يالىڭاچلاڭلار ، بىزدىنمۇ غەلىتە ئىنسانلارنى كۆرۈسىلەر ، دەپ ئالدىمىزغا چۈشۈپ ، بىزنى بۆلۈممۇ بۆلۈم باشلاپ كىرگىلى تۇردى .قاراڭ بۇلاردا ۋىجدان دېگەن نەرسە بارمۇ ؟ ئىش تەتۈرىگە ئايلانسا مۇشۇنداق بىر بىرىنى ساتقىلى تۇرىدۇ . قېنى قىزىپ كەتكەن ئاغىنىلەر ئۇچرىغاننى يالىڭاچلاۋەردى . ئۆزلىرىگە ئىشەنچىسى بارلىرى ئۈن -تىنسىز كىيىملىرىنى سالدى . خۇدىكى بارلىرى " ۋاي دات!" سېلىپ تەرەپ تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى . قاچقانغا قويماي تۇتۇپ كىيىمىنى يەشتۇق . بۇ يەردىكى يالاقچى ، خۇشامەتچىلەرنىڭ ئەپتىنىڭ سەتلىكىنى دېمەمسىز ، خوش ، خوش ، دەپ ئېگىلىۋىرىپ دۈمبىللىرىنىڭ ئۇستىخىنى قايناپ دوكقا ئايلىنىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ ... مانا شۇ چاغدا ، بىزنىڭ تېخى چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن يۇقىرى قەۋەتتىن شەھەر باشلىقى چۈشۈپ كەلدى .

- بىزنىڭ مۇشۇ شەھەرنىڭ باشلىقىنى دەمسىز ؟

- نەق ئۆزى ، بولۇۋاتقان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈپ تاتىرىپ ، پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرىدا توختاپ قالدى . بىزمۇ بىر دەقىقە تېڭىرقاپ قالدۇق . نېمىلا بولمىسۇن ، ئۇ دېگەن بىر پۈتۈنسۈرۈك شەھەرنى باشقۇرۇۋاتقان ئادەمدە! ھەممىمىزنى سۈر باستى . " بۇ-بۇ - بۇ ...نې ..نې...نې..گى..گى..گى .." دېدى ئۇ . ئەسلىدە شەھەر باشلىقى " بۇ نېمە گەپ ؟ " دېمەكچى بولسا كېرەك . ئۆمرى كاتىبلىرى يېزىپ بەرگەن سۆز تېكىستلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن بۇ ئادەمنىڭ قولىدا كاتىبى يازغان بىرەر ۋاراق قەغەز بولمىسا نەق كېكەچنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەيلى ، ئۇنىڭ زادى نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدۇق . " قېنى ھە ، نېمىگە قاراپ تۇرىمىز ؟ جانابى شەھەر باشلىقىنىمۇ بىر يالىڭاچلاپ باقمايلىمۇ ؟! " دەپ ۋاقىرىدى ئارىمىزدىن بىرەيلەن . دۈررىدە ئورنىمىزدىن قوزغىلىشىمىزغا قاتتىق بىر پۈشتەك چېلىنماسمۇ ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم . كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ، خۇداغا شۈكرى ، ئۆيدە كارىۋىتىمدا يېتىپتىمەن . سەھەر ۋاقتى سائەت ئالتە بولغان چېغى ، باش تەرىپىمدىكى ئۈستەل سائىتى قاتتىق جىرىڭلاپتۇ .

- ئاپلا ، ئۈستەل سائىتىڭىز تازىمۇ بىر چاغدا جىرىڭلاپتۇ - ھە ! دېدىممەن قىزىق گەپنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا ئەپسۇسلىنىپ .

- شۇنى دېمەمسىز ، دېدى ئۇبۇل ئەپەندى ، - شەھەر باشلىقىنى يالىڭاچلاپ باققان بولساق ، يەنە نېمە قىزىقچىلىقلارنى كۆرەتتۇقكىن؟

گەپ بىلەن بولۇپ كۈننىڭ ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتۇق . ئوبۇل ئەپەندى قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى -دە ، ماڭا قاراپ كۈلۈپ :

- قانداق ، شائىر ئەپەندىم ، ئەگەر ئاشۇنداق ئىش يۈز بېرىدىغان بولسا ، كۆپنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلىنىشقا جۈرئىتىڭىز يېتەمدۇ ؟- دەپ سورىدى .

- سىز يالىڭاچلىنالىغان يەردە مەن نېمىشقا يالىڭاچلىنالمىغۇدەكمەن ؟! - دېدىممەن .

- ناتايىن ! - دېدى ئوبۇل ئەپەندىم ، - ھەرھالدا ، كېيىم - كېچەك دەپ ئۈستىمىزگە ئارتىۋالغان بۇ لاتا - پىتىلەر ىېلى كۆپ ئەيبلىرىمىزنى يېپىپ تۇرۇپتۇ . ئەگەر بىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى تېشىدىنلا ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىش بولسا ، ئۇ چاغدا ، خېلى - خېلى يوغان گەپ قىلغانلارمۇ تالاغا چىقالماي قالىدىغۇ ، دەيمەن!؟

ئۇبۇل ئەپەندى شۇ گەپلەرنى قىلىپ خوشلىشىپ ماڭدى .

- ياخشى چۈش كۆرۈڭ ئۇبۇل ئەپەندىم ! - دېدىممەن .  

( «شىنجاڭ مەدىنىيتى» ژورنىلىدىن ئېلىندى)

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(22)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !