سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

يازغۇچى زۇنۇن قادىرى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-19 11:42مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

 

 

(1) زۇنۇن قادىرىنىڭ ھاياتى:

زۇنۇن قادىرى 1911-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجا شەھرىگە كۆچۈپ كەلگەن. دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، ئاندىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1935-يىلى غۇلجىدا ئېچىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغان. 1936-يىلى غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1937-يىلى ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى يىل، ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. 1941-يىل غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىغىدىكى سانايى نەفىسەدە ئارتىس، ئىجادىيەتچى ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ھەربىي مۇخبىر بولغان. 1945-يىلدىن باشلاپ «كۆرەش»، «ئىتتىپاق» قاتارلىق ژورناللاردا مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1951-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1954-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كىلىپ، ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئىجادىيەت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەم مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ئىلمىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1962-يىلدىن 1979-يىلغىچە ئون سەككىز يىل تارىمدا نەزەربەند ھىسابىدا جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان. 1979-يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كىيىن دەم ئېلىشقا چىققان. 1989-يىلى ئالمائاتاغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەم شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.


(2) زۇنۇن قادىرىنىڭ ئىجادىيىتى:

‹1› زۇنۇن قادىرىنىڭ دىرامما ئىجادىيىتى:
زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1937-يىلى رەسمىي باشلانغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت مىۋىسى «جاھالەتنىڭ جاپاسى» دىگەن ئۈچ پەردىلىك دىراممىسى بولۇپ، بۇ دىرامما سەھنىلەردە ئوينىلىشى بىلەنلا جامائەت ئارىسىدا قىزغىن قارشى ئېلىنغان. تۇنجى ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىلھاملانغان يازغۇچى زۇنۇن قادىرى دىرامما ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ «ئۇچراشقاندا»، «پارتىزانلار ئەترىتى»، «ھەر ئىشنىڭ يولى بار»، «غۇنچەم» ۋە «گۈلنىسا» قاتارلىق دىراممىلارنى يازغان. بۇ دىراممىلاردا يازغۇچى شۇ مەزگىللەردىكى خەلقىمىزنىڭ ئازادلىققا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە زۇلۇمغا قارشى كۆرەش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. زۇنۇن قادىرى ئازاتلىقتىن كېيىن «توي» دىگەن دىراممىسىنى يازغان. بۇ دىرامما 1955-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دىرامما-تىياتىر كۆرىكىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
«غۇنچەم» دىراممىسى – زۇنۇن قادىرى ئىجادىيىتىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىراممىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان، ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەردۇر. بۇ دىرامما ئۈچ پەردە، بەش كۆرۈنۈشلۈك بولۇپ، 1941-يىلى غۇلجىدا يېزىلغان ۋە شۇ مەزگىللەردىلا سەھنىلەردە ئوينۇلۇپ چوڭ داغدۇغا قوزغىغان. بۇ دىراممىدا تىپىك خاراكتىرگە ئىگە پىرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، كىشىگە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە بەدىئىي تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.

‹2› زۇنۇن قادىرىنىڭ ھىكايە ئىجادىيىتى:
زۇنۇن قادىرى 1940-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ھىكايە ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن بولۇپ، «مۇئەللىمنىڭ خېتى»، «رودۇپاي»، «كۈچۈككە ھۇجۇم»، «ئىككى بارمىقىم بىلەن»، «ماغدۇر كەتكەندە» قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھىكايىلەرنى يېزىپ، خەلقىمىزنىڭ شۇ يىللاردىكى ئىچىنىشلىق ھايات قىسمەتلىرىنى خىلى يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ھىكايىلەر ئەدەبىيات ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلغان بولۇپ، شۇ دەۋر ھىكايىچىلىقىنىڭ گۈلتاجىسى ھىساپلىنىدۇ.
زۇنۇن قادىرى شۇ يىللاردا يەنە ئەدەبىي تۈسى ناھايىتى قويۇق بولغان بىر تۈركۈم ئوچىرىكلارنى يازغان بولۇپ، «شەپقەت ھەمشىرىسى» دىگەن ئوچىرىكى ناھايىتى داڭلىق.
زۇنۇن قادىرى ئازادلىقتىن كىيىن «چېنىقىش»، «گۇمان»، «رەھمەت»، «ئەسلەش» ۋە «قىزىلگۈل» قاتارلىق ھىكايىلەرنى، «ئەخمەتجان قاسىمى» ناملىق ئەسلىمىسىنى، «بىر دىھقان يىگىت بىلەن سۆھبەت»، «بەختىخاننىڭ بەختى» قاتارلىق ئوچىرىكلارنى يازغان. 1980-يىللاردا زۇنۇن قادىرى يەنە «خاتىرىلەر» دىگەن ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى يازغان.
زۇنۇن قادىرى ھىكايىلىرى ئىچىدە «ماغدۇر كەتكەندە» دىگەن ھىكايىسى بىلەن «چېنىقىش» دىگەن ھىكايىسى ناھايىتى ياخشى يېزىلغان مەشھۇر ھىكايىلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئىككى ھىكايە ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىدىكى ئىككى ئابىدە. بۇ ئىككى ھىكايە زۇنۇن قادىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىنىمۇ دۇنياغا تونۇتقان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھىكايىچىلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يۇقۇرى چوققىسىنى مۇشۇ ئىككى ھىكايە ياراتقان.
«ماغدۇر كەتكەندە» ھىكايىسى – 1948-يىلى غۇلجىدا يېزىلغان بولۇپ، تېخى ھىچكىمنىڭ ئەسىرىدە ئۇيغۇر يېزىلىرى زۇنۇن قادىرىنىڭ بۇ ھىكايىسىدە تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنداق چىرايلىق تەسۋىرلەنمىدى، دىسەك خاتا بولمايدۇ.
«چېنىقىش» ھىكايىسى – زۇنۇن قادىرىنىڭ 1950-يىللاردا يازغان مەشھۇر ھىكايىسى. بۇ ھىكايە ئۆزگىچە ئۇسلۇپقا ئىگە بولۇپ، «بۇ ئۇسلۇپنى قەلەم يەڭگىل، تىل قىزىقارلىق، تەسۋىرلەر يۇمۇرلۇق، كەيپىيات يورۇق ۋە يەڭگىل دەپ خۇلاسىلەشكە بولىدۇ»(ئازاد سۇلتان).

‹3› زۇنۇن قادىرىنىڭ مەسەل ۋە چۆچەك ئىجادىيىتى:
زۇنۇن قادىرى ئەدەبىي ھاياتىدا يەنە مەسەل ۋە چۆچەك ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللۇنۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئۇ يازغان «چۆجە بىلەن سېغىزخان»، «قوشچى بىلەن چاشقان»، «بۇلبۇل بىلەن سۈڭگۈلىگۈچ»، «قاغا بىلەن كەپتەر» قاتارلىق شېئىرىي مەسەللەر ۋە «ئالتۇننىڭ تەسىرىدە»، «لەئەل شاھ بىلەن ئىپارگۈل» قاتارلىق نەسرىي چۆچەكلەر ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى ئىجات قىلغان مەسەل-چۆچەكلەر ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
زۇنۇن قادىرىنىڭ يەنە «ماكسىم گوركى»، «روھىي ئوزۇق توغرىسىدا» قاتارلىق بىر قىسىم ئەدەبىي ماقالىلىرىمۇ بار. زۇنۇن قادىرىنىڭ «غېرىپ – سەنەم» ناملىق دىراممىسى ۋە كىنو سىنارىيەسى، «غەزەپ» ناملىق بىئوگىرافىك رومانىنىڭ مۇكەممەل لايىھەسى قالايمىقان يىللاردا يوقىلىپ كەتكەن.
زۇنۇن قادىرى – ئەدەبىياتىمىزدىكى تۆھپىكار يازغۇچى. گەرچە ئۇ بەك ھوسۇللۇق يازغۇچى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە مۇنەۋۋەر ئەسىرى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان نادىر ئەسەرلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

(3) زۇنۇن قادىرىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرى:

‹1› «غۇنچەم»  مەسەل، ھىكايە، دىراممىلار توپلىمى. مىللەتلەر نەشرىياتى. 1957-يىل نەشرى.
‹2› «چېنىقىش»  ھىكايىلەر توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1957-يىل نەشرى.
‹3› «غۇنچەم»  دىراممىلار توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1980-يىل نەشرى.
‹4› «خاتىرىلەر»  ئاپتوبىئوگىرافىك ئەسلىمە. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1984-يىل نەشرى.
‹5› «مەسەل ۋە چۆچەكلەر»  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1986-يىل نەشرى.
‹6› «زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى»  ئومۇمىي توپلام. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1992-يىل نەشرى.
‹7› «چېنىقىش»  ھىكايىلەر توپلىمى(خەنزۇچە). جۇڭگۇ يازغۇچىلار نەشرىياتى. 1958-يىل نەشرى.
‹8› «غۇنچەم»  دىراممىلار توپلىمى(خەنزۇچە). جۇڭگۇ تىياتىر نەشرىياتى. 1960-يىل نەشرى.
زۇنۇن قادىرى يېزىشقا قاتناشقان «غېرىپ – سەنەم» كىنو سىنارىيەسى 1980-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.


(بۇ ماتىرىيال كىرىمجان ئابدۇرىھىمنىڭ «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 1997-يىل 30-ئۆكتەبىر سانىدىكى «زۇنۇن قادىرى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا قوشقان تۆھپىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئاساسىي مەنبە قىلىپ تۇرۇپ تەييارلاندى.
تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. 2008-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى)
 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(19)
90.5%
دەسسەش
(2)
9.5%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !