سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ھەسەل ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-01 10:18مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

ھەسەل ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى
كۈز پەسلىدە ھەسەل ۋە چاي ئارقىلىق ئورۇقلاش ياپونىيە ۋە تەيۋەندە ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ . كۈز پەسلىدە سەمرىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى توختىتىپ ، ھەسەل بىلەن چاينىلا ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلارش ۋە تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ
  ھەسەل ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى : ھەر كۈنى ئەتتىگەن ، چۈش ۋە كەچتە ھەسەلنى چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن باشقا ھېچقانداق يېمەكلىك يېيىلمەيدۇ . ھەر كۈنى 150 - 200 گرام ( 150 گرام بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ ) ھەسەل ئىستېمال قىلىنىدۇ . قورساق ئېچىپ كەتكەندە ياكى - چارچىغاندا ھەسەلنى بىۋاستە ئىستېمال قىلسىمۇ ياكى چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچسىمۇ بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلىنىش بىلەن بىللە ، كەيپىياتىمۇ كۆتۈرىلىدۇ . بۇ ئۇسۇلنى ھەر ئايدا ئۈچ كۈن قوللانغاندا ئۈچ كۈندە بەش كىلو گرام ئورۇقلىغىلى  بولىدۇ . شۇنداقلا بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك ئۈچەي تازلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشلىكى بولىدۇ .
  بەزى كىشىلەر ھەسەل تاتلىق تۇرسا قانداق ئورۇقلىغىلى بولىدۇ ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن ، خېلى بۇرۇنلا ھەسەل ئۈچەي داۋالاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا ھېساپلىنىپ كەلگەن . ھەسەل تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسى ۋە مول مىقتاردىكى مېنىرال ماددا ، ۋىتامىنلار ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى زەھەرنى تازلاپ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ ۋە بۇ ماددىلار بەدەنگە تەكشى تارقىلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بىلەن بىللە ئىنتايىن ياخشى ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
  ئۈچ كۈن ئىچىدە ئورۇقلاش ئۇسۇلى مۇنداق : بىرىنچى كۈنى ئەتتىگەندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش ، چۈشتە ھەسەلنى يېشىل چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچىش بىلەن بىر قوشۇق ھەسەل ئىستېمال قىلىش . چۈشتىن كېيىن ئىككى قوشۇق ھەسەل ، كەچتە ئەتتىرگۈل چىيىغا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش كېرەك . ئىچىپ بولغاندىن كېيىن  باش قىيىش ۋە پۇت - قوللار بوشۇشۇپ قورساق ئېچىشتەك ئەھۋال كۆرۈلسە نورمال ئەھۋال بولۇپ تېزلا ئوڭشىلىدۇ
  ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە ھەسەلنى بىر ئىستاكان يېشىل چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچىش ، چۈشتە ھەسەلنى بىر ئىستاكان يالپۇز چىيىغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن سىرت ، بىر قوشۇق ھەسەل ئىستېمال قىلىش . چۈشتىن كېيىن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش ، كەچتە ھەسەلنى بىر ئىستاكان قىزىل چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن باشقا ، بىر قوشۇق ھەسەل ئىستىمال قىلىش كېرەك . ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن قورساق خېلى يىنىكلەپ بۇ خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا خېلى كۆنۈپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ . بۇ بەدەندىكى زەھەرنىڭ تازلىنىشىنى تېزلىتىدۇ .  
  ئۈچۈنچى كۈنى ئەتتىگەندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش ، چۈشتە ئاپلىسىن چېيىغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچىش . چۈشتىن كېيىن بىر ئىستاكان چاي بىلەن ئىككى قوشۇق ھەسەل ئىستېمال قىلىش ، كەچتە قىزىل گۈل چىيىغا  ئارلاشتۇرۇلغان بىر ئىستاكان ھەسەل چاي ئىچىش كېرەك . ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەم خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك ، روھىي كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىدۇ پۇت - قوللىرىدىكى ئىششىقلارمۇ كۆرۈنەرلىك يىنىپ ئاشقازان قورساق ئاشقانلىق تۇيغۇسىمۇ بولمايدۇ .

  
<< شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە گېزىتى >> دىن ئېلىندى(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(11)
73.3%
دەسسەش
(4)
26.7%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !