سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

نورۇزدا بېدە (كۆك) نىڭ شىپالىق خۇسۇسىيتىنى بىلىپ قويۇڭ!

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-31 00:13مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

   تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن ( بىرزات)  

نورۇز كىلىپ ئەڭ بۇرۇن ياشىردىغان كۆكتاتلارنىڭ ئەۋۋىلى بېدە بولسا كېرەك.
ماتېرياللاردا ئېيتىلىشىچە بېدەكۆكنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىن A, B, C, E, ساتۋول، كوۋمېترول، فورمونونېتىن، دەيدزئېن، ترىرسىن، ستروللىن، كانالىنلار بار ئىكەن.
قەشقەر تەرەپلەردە كىشىلەر بېدە يېڭى بىخ سۈرۈپ چىققىلى تۇرغاندا ئۈزۈپ ئىلىپ  << كۆك >> نامى بىلەن ئوتياش ئورنىدا تاماقلارغا ئىشلىتىپ كۆك چۈچۈرىسى، كۆپ سامسىسى دېگەندەك تاماق-غىزالارنى ئېتىپ يېيىشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ.
كۆكنىڭ تەبئىتى ھۆل سوغۇق بولۇپ كۆپۈنچە ھاللاردا كۆك چۆچۈرسىنى قوي مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا يېڭى كۆك ھەم تەملىك ھەم سوغۇق كەلمەيدىغان بولىدۇ.
كۆكنىڭ شىپالىق رولى : تەرەتنى يۇمشىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، جىنسىي قۇۋۋەتنى ياخشىلاش، بەدەننى سەمىرتىش ، كۆرەكنىڭ قۇرۇقلىقىدىن بولغان قۇرۇق ھۆتەللەرنى پەسەيتىش , قان تەركىبىدىكى مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈش.
قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. يەنە بېدىدە گۈلقەنت ياساپ ئىستىمال قىلسا يۇقۇردىكى تەسىرلەرنى بېرىش بىلەن بىرگە قان تولۇقلاش، ئۈچەينى سىلىقلاپ قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، ھەيزنى ماڭدۇرۇش قاتارلىقلارغا ئۈنۈمى بولىدۇ.
بېدە كۆكى تەركىبىدە كالتىسىي ،فوسفور قاتارلىق مېنىرال ماددىلار ۋە ھەر خىل ۋىتامىنلار خېلى مول بولغاچقا ،ئۇ ساقلىقنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ .
     1. بېدە كۆكىنى سوقۇپ ، سۇس ئوتتا قورۇپ ،قايماق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئىستىمال قىلىپ بەرسە ،سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ،پەي تارتىشىش ۋە نەپەس سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ ،شۇنداقلا چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ،قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
     2. بېدە كۆكىنى ئىزىپ ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىششىغان جايغا چاپسا ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ياللۇغنى قايتۇرىدۇ .
     3. بېدە كۆكىنى سوقۇپ قورۇپ ، شېكەر بىلەن قوشۇپ بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، قاننى كۆپەيتىدۇ .
     4. يېڭى چىققان بېدە كۆكىنى قۇرۇتۇپ ، چاي بىلەن دەملەپ ئىچىپ بەرسە ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، قاندىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ .
     5. بېدىنىڭ سۈيىدە بوۋاسىرنى يۇيۇپ بەرسە، قان توختىتىدۇ.
    6. بېدىنى سايىدا قۇرۇتۇپ، ئاندىن يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، بىر يېرىم كىلوگرام ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ بېدە مۇرابباسى تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون گرامدىن يەپ بەرسە يەل ھەيدەيدۇ. چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، چاچ چۈشۈش، چاچ بالدۇر ئاقىرىش ۋە بالدۇر قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   7. بېدىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، تېرىنى پارقىرىتىپ، قورۇقنى يوقىتىپ يۈزنى نۇرلاندۇرىدۇ.
   8. بېدىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەزگەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   9.  بېدىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە،  ھەزىم  بۇزۇلۇش ۋە ئىسسىق ئۆتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   10. بېدىنى سوقۇپ، سۈيىنى چىقىرىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، قان بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان بەدەن قىچىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(9)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !