سوغۇق سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش . 1. كۆز قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆپرەك پىياز توغراشقا توغرا كەلگەندە ، دۆشىنىڭ قىرغىقىغا بىر قاچا سوغۇق سۇ قويۇپ قويسا ، كۆزنى ئېچىشتۇرمايدىكەن . 2. پىچاقنى داتلاشتۇمايدىكەن . كۆكتاتنى توغراپ بولۇپ، پىچاقنى سوغۇق سۇغا چىلاپ ، ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتسا ، پىچاق داتلاشمايدىكەن . 3. زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . دائىم سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇپ ، سوغۇق سۇدا يۈزنى يۇيۇپ بەرسە، بەدەن ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچىيىپ ، زۇكام بولمايدىكەن . 4. كۆزنى روشەنلەشتۈرىدىكەن . كۆز سوغۇققا مايىل ، ئىسسىقتىن قورقىدۇ. ئېقىۋاتقان سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇغاندا ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدىكەن . بۇ خىل ئادەتنى ئۇزاق يىل داۋاملاشتۇرغاندا ، تراخومانىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدىكەن . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |