سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە داۋالاش.

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 18:47مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

بۇ كىسەلىكنىڭ ئاساسلىق كىلىپ چىقىش سەۋەبى؛  
ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر مۇرەككەپرەك بۇلۇپ ، ئۇزاق داۋاملاشقان ئاشقازان ياللۇغىنىڭ  ئاشقازان يارىسىغا ئايلىنىپ كىتىشى ئاسان. شۇنىڭدەك ئاشقازان يارىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە  ئۇزاق داۋاملاشقان غەم-قايغۇ، روھى زەربە ۋە ئاشقازان خىزمەتلىرىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئەسەپلەرخىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشلىرىمۇ  مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاشقازان  ئىچكى پەردىسىنىڭ مۇداپىيە ئىقتىدارى بۇزۇلۇپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەركىۋىدىكى كىسلاتاۋە خېمىرەلەرنىڭ ئاشقازان شىلللىق پەردىسى ۋە گۆشلىرىنى زىدىلەندۈرۈش بۇ كىسەلنىڭ شەكىللىنىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل.  پۈتۈن بەدەندە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەرتىپسىز بۇلۇشىمۇ چوڭ رول ئوينايدۇ.
شۇڭا ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارا كىسەللىكى پەقەت مەزكۇر ئۇرۇنلارنىڭ يەرلىك كىسەللىكى بۇلۇپلا قالماي، ئۇمۇمى بەدەننىڭ كىسەللىكى ھىساپلىنىدۇ. جەمىيەتتە ئەۋج ئالغان ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش ئادەتلىرىمۇ بۇ كىسەللىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ
ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
  بۇ كىسەللىك بەك ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقاندا ،ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەيدە سۇزۇلما يارا شەكىللىنىش، ، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي جىددى ياكى تەدرىجى تىشىلىپ كىتىش، كىسەل داۋاملىق تەكرار-تەكرار قوزغىلىپ ئۇزۇقلىنىشقا دەخلى يەتكۈزۈپ ، بىمارنى ئۇرۇقلىتىۋىتىدۇ، يارا ئىزىدا تاتۇق شەكىللەندۈرۈپ، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي  خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش، يارا تىشىلىپ كۆپ مىقداردا قاناش سادىر قىلىشلاردىن ئىبارەت..............  
بۇ كىسەللىكنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى؛  
   ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىلىرىنىڭ ئالامەتلىرىدە تۈۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بۇلىدۇ؛ _
1. سۇزۇلما خارەكتىرلىك قۇرساق ئاغرىش؛  يەنى كىسەل كىشى قۇرسىقى ۋە ئاشقازان ساھەسىنىڭ بىر مەزگىل ئاغرىپ بىر مەزگىل تىنجىپ قالغانلىقىدىن ، ئۇنىڭغا تازا دىققەت قىلمايدۇ ، قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندە داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغاندا يارىنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئاللىقاچان 3-4 يىل بولغان بۇلىدۇ.
2. قۇرساق ئاغرىش دەۋرلىك قوزغىلىدۇ؛   يەنى كۆپىنچە كەچكۈز ، باش ئەتىياز دا  شۇنىڭدەك ھاۋا تۇساتتىن ئۆزگەرگەندە ، جىسمانى ئەمگەك قىلغاندا ياكى يىمەك ئىچمەك قالايمىقانلاشقاندا قوزغىلىدۇ.  
3. قۇرساق ئاغرىش تەرتىپلىك بۇلىدۇ؛؛؛   يەنى ئاغرىق تۇلىراق قۇرساق يۇقىرقى ساھەسىدە بىلىنىدۇ، سىم-سىم ئاغرىيدۇ، بەزىدە ئاشقازان ساھەسى يېقىمسىزلانغاندەكلا بىلىنىدۇ،I  
ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىدا ئاغرىش يىمەك-ئىچمەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ.سىركە ، قىچا ،لازا قاتارلىق ئۆتكۈر نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ئاشقازاننىڭ ئاغرىقى كۈچىيىدۇ، كۆڭلى ئايلىنىپ قۇسىدۇ، قۇسۇق ياكى تەرەتلىرىدە قان بۇلىدۇ .ئېغىز قۇرۇيدۇ، كىكىرىك كۆپ بۇلىدۇ، ئاشقازان يارىسىدىكى ئاغرىق ،تاماق يەپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئارلىقتا  قوزغىلىدۇ ، شۇڭا ئاشقازاندا يارا بار بىمارلار ئاغرىقتىن قورقۇپ تاماق يىييىشتىن باش تارتىدۇ،  12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئاغرىقى بولسا 3-4 سائەتتىن كىيىن قوزغىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئازراق بىر نىمە يىسە پەسىيىپ قالدۇ، كۈپىنچە ھاللاردا تۈن يېرىمدا ئاغرىق تۇتۇپ ، كىسەل كىشى ئويغىنىپ كىتىدۇ. يارا ئاشقازاننىڭ ئېغىزىدا بولسا ، ئاغرىق كۆكرەك نىڭ تۆش سۈڭەك ئاستىدا سىزىلىدۇ. بەزىدە پۇت- قوللىىرى سۇغۇپ كىتىدۇ . ئېغىر ھاللاردا نەپەس قىيىنلىشىش ۋە بىھۇشلۇق قاتارلىق ئەھۋاللار يۈزبىرىدۇ. ئەگەر يارا ئاشقازاننىڭ ئاستىنقى تەرەپلىرىدە يەنى ئاشقازاننىڭ 12 بارماق ئۈچەيگە تۇتاشقان يىرىدە بولسا ، تاماقنىڭ ئۈچەيگە ئۈتۈشى قىيىن بۇلۇپ، ئاغرىق كىندىك ئۈستى سول تەرەپتە بىلنىدۇ، غىزا سىڭىپ بولغاندىن كىيىن ئاغرىش ئېغىر بۇلىدۇ ، يارا ھەر ئىككىلا جايدا بولسا كۆرسىتىلگەن ئالامەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسى مەۋجۇد بۇلىدۇ.بۇلاردىن تاشقىرى ئاشقازاندىن ئاچچىق سۇ يېنىش ، قۇرساق يۇقرى قىسمىنى باسقاندا ئاغرىشتەك ئالامەتلەرمۇ بۇلىدۇ ، ئاشقازاندىكى يارىدىن ئاز مىقداردا قان چىقىپ ، چوڭ تەرەتكە ئارلىشىپ چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن  بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ  تەرىتى كۈپىنچە قارا بۇلىدۇ،  ئۇزاق ۋاقىت تاماق ھەزىم قىلىش دەخلىگە ئۇچراش، قارا تەرەت كىلىپ قان يۇقىتىش، سەۋەبىدىن كىسەل كىشى بارا-بارا كەم قانلىشىپ كىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەرلەش ، يۈرەك سېلىش ، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش ، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۈرلىدۇ.
  
بۇ كىسەلنى ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇلى؛1.دەم ئالدۇرۇش،   - يارا كىسىلى قوزغالغان مەزگىللەردە مۇۋاپىق دەم ئالدۇرۇش لازىم، كۆن بۇيى ئۇرۇندا يېتىش ھاجەت ئەمەس، ئەمما يىتەرلىك ئۇخلىشى لازىم، مۇۋاپىق كۈڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، كۈڭۈلنى خوش تۇتۇش لازىم.

2. پەرھىز تاماقلارنى بىرىش؛ يىمەك -ئىچمەكتە ئۇزۇقلۇققا باي ، ئۇڭاي سىڭىدىغان تاماقلارنى بىرىش لازىم، بىر قىتىمدىلا كۆپلەپ تاماق يەۋالماي، بىر كۈندە ئاز ئازدىن 5-6 قىتىم تاماق يىگەن ياخشى. بۇنداقتا تاماق لوقمىلىرى يارىنى ئاغرىتمايلا قالماي ، بەلكى يارىنىڭ يۈزىنى قاپلاپ تۇرۇپ، ئاشقازاندىكى ھەزىم سۇيۇقلۇقىنىڭ يارىغا تىگىپ ئۇنىڭ ساقىيىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ  قۇيۇشىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ، ئاچچىق چۈچۈك نەرسىلەر ، خۇشبۇي دورا دەرمەكلەر . ھاراق-شاراپ ئىستىمال قىلماسلىق لازىم، يارا تەرەققى قىلىۋاتقان ، كۈچلۈك قۇزغالغان جەرياندا كىسەل كىشى سۈتلۈك تاماققا قانائەت قىلىشى لازىم، يېغى ئايرىۋىتىلگەن كالا قېتىقىنىڭ سۈيى، سۈت. سۈتلۈك ئاش ۋە باشقىلارنى يەپ تۇرۇش لازىم، ئۇلار ئاشقازان شىرىسىنى مۆدىتىل قىلىدۇ .بەدەنگە ئۇزۇقلۇق ماددىلار كۆپلەپ ئۇرۇنلىشىدۇ.

3. يارىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئەگەر مۇۋاپىق كۈرۈلسە، قان ئېلىشنى ئويلاپ كۈرۈش مومكىن
  
4. دورا بىلەن داۋالاش؛     ئاشقازاندىكى ھەزىم سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپ ئىشلىنىپ چىقىشىنى تىزگىنلەيدىغان دورا-دەرمەكلەر يارا كىسىلىگە ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ، چۈنكى ھەزىم سۇيۇقلۇقى كۆپ بۇلۇپ ، ئۇنىڭ كىسلاتا تەركىۋى كۈچلۈك بولسا، يارىنى داۋاملىق غىدىقلاپ ئۇنى ساقايتىشقا دەخلى قىلىدۇ، بۇ نوقتىغا دىققەت قىلىش لازىم. مۇبادا بىمارنىڭ ئىچى سۈرۈپ كەتسە قۇرسى تاباشىرنى قابىز شىرىلەر بىلەن ، جۈملىدىن ، ئىسپۇغۇل لوئابى، بىھى ئۇرغى لوئابى، سىمىز ئوت ئۇرغى، ھۇمماز ئۇرغى، ئوسۇڭ ئۇرغى قاتارلىقلارنىڭ شىرىسىنى چىقىرىپ قېتىپ بىرىلىدۇ. -

يەنە جاۋارىش دارچىن  ، بىرىلىدۇ، بۇ ئاشقازاننىڭ كونا يارىسىغا ناھايتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ ، بۇ دورا يۈرەك، جىگەر ئاغرىقلىرىغىمۇ ، كۆزگە كۈرۈنەرلىك پايدىلىق.
يەنە بىھى شەربىتى، جاۋارىش بۇزۇرى، ھەسەل شەربىتى، قۇرسى كەھرىبا، سۇفۇفى بىخ مارجان، سۇفۇفى سەنگىدانە، ياڭاق مۇرابباسى، مەجۇنى نانخۇا، جاۋارىش پەنجىنۇش، قاتارلىق دورىلارنى كىسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا تاللاپ ئىشلىتىش كىرەك.  < مۇمكىن بولسا تىۋىپنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئېلىڭ>

ئۇزاققىچە دورا بىلەن داۋالاپ ساقايمىغان جاھىل خارەكتىرلىك يارىلارنى  دورا  ئۇنۇم بەرمىگەندە  بىمارلارنى سالامەتلىكى يار بەرسە ئوپراتسىيە ئۇسۇلى بىلەن داۋالاش مومكىن.
پايدىلانغان ماتىريال؛ ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئاشقازان كىسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش دىگەن كىتاپ
 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(5)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !