سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سەت ئاياللار شىركىتى!(ئايسىز~كېچە

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-06-02 20:04مەنبە: يازغۇچى:ئايسىز~كېچە زىيارەت سانى: قېتىم

سەت ئاياللار شىركىتى


تاڭ لى چۈن

ھەر قانداق بىر ئايال ئۆزنى سەت دىمەيدۇ.ئەمما مەن ئەزەلدىن ئۆزۇمنىڭ سەت ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ باققان ئەمەس.نىمە ئۇچۇن دىدىڭىزمۇ؟چۇنكى مەن تۇغۇلىشىمدىنلا مۇشۇنداق سەت،كۆرۈمسىز بولۇپ،يۇشۇراي دىسەممۇ  يوشۈرالماي قالمەن!ئاغزىم كالاچتەك،بۇرنۇممۇ ناھايتى يوغان،كۆزلۈرۇم تولمۇ كىچىك،بولۇپمۇ  ئالدىغا چىقىپ تۇرىدىغان ئىككى تال چىشىم  كالپۇكلىرىمنى دوردايتىۋەتكەن!گەرچە ياش بولساممۇ ،تۇرقۇم خۇددى سايىدا قالغان سويمغىلا ئوخشايدۇ،شۇڭا كوچىدا ماڭسام بىرەر ئەركىشى قاراپمۇ  قويمايدۇ.شىركەتلەر ئۆزلىرنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يىتىپ قېلىشتىن قورقۇپ،مىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ.ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا ،ئەمدى مەن قانداق قىلشىم كىرەك!

شۇ سەۋەپلىك مەن مۇشۇ "سەت" سۆزى توغرىسدا توپتۇغرا ئۇچ كىچە-كۇندۇز ئويلنىپ ،ئاخىرى مۇشۇ سەت تۇرقۇمنى پۇل تېپىشنىڭ دەسمايسى قىلىش قارارىغا كەلدىم .شۇنداق قىلىپ مەن پۇتۇن شەھەر دىكى ئاياللارغا مۇنداق بىر ئىلان چىقاردىم:

گۇزەللىكنى سۆيگۇچى خانقىزلار ،خانىملار،مەن تولمۇ سەت بىر ئايال،سىللەرنىڭ مەن ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنىڭ گۇزەللىكىڭلارنى نامايان قىلشىڭلارنى ئۇمۇت قىلمەن.سىللەر بىرەر يىغىلش ياكى ئۇچۇرشىشقا بارغىنڭلاردا مىنىمۇ بىرگە ئېلۋالساڭلار ،مىنىڭ بۇ  سەت چىرايىم،كۆرۇمسىز تۇرقۇم ئارقىلىق ئۆزۇڭلارنىڭ گۇزەللكىنى تېخمۇ تولۇق نامايان قىلىپ،باشقىلارنى ئۆزۈڭلارگە تېخمۇ بەك جەلىپ قىلۋالالايسىلەر.مىنىڭ بۇ بەتبەشىرە تۇرقۇم سالاھىتڭلارنى تېخمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۇپ،سىللەرگە بىر خىل ئىپتخارلىق ،پەخىرلىنىش ،ئىشەنچ تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدىغان بولۇپ،سىللەرنى قوغلىشۋاتقان ئەشۇ ئەرلەر ئالدىدا جاسارتىڭلارنى،ئۆزۈڭلەرگە بولغان ئىشەنچىڭلارنى ھەسسىلەپ ئاشۇرالايسىلەر.گەرچە سىز بىر يولدىشى بار ئايال بولسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ماڭا مۇھتاج بولسىز.يەنى يولدىشڭىز سىزدىن سوۋۇپ كەتكەندە،پەقەت مەن سىزنىڭ قېشىڭىزدا پەيدا بولدىغانلا بولسام،يولدىشڭىز گۇزەللىكىڭىزنى قايتىدىن ھىس قىلدۇ-دە،بىر نازىنىنغا ئىرشەلگەنلگىدىن ئۆزىنى تولمۇ تەلەيلىك ھىس قىلدۇ.

مەن سىزنىڭ شان-شۆھرتىڭىزنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن ،يەنى ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ياخشى قوغدۇغۇچىڭىز بولالايمەن.يەنى ئەشۇ شەھۋەت پەرەس ئەرلەر سىزگە قاراپ شۇلگەيلىرنى ئېقتىپ،سىزنى ئاخماق قىلشقا ئۇرنغان ۋاقتتا،پەقەت مەن يېنىڭىزدىلا بولدىكەنمەن ،ئۇلار مىنى كۆرۇپ قورققىنىدىن ،دەرھال ئۆزلىرنى چەتكە ئېلىشدۇ.ئۇلار جاھىللىق بىلەن  سىزنى بوزەك قىلشقا ئۇرۇنغان تەقدىردىمۇ ،پەقەت مەنلا بولدىكەنمەن،ئۇلارنىڭ منىڭ بۇ بەتبەشىرە تۇرقۇمدىن سەسكىنىپ،ئۆلەر-تىرلىشىگە قارماي تىكىۋتىشگە ئىشەنچىم كامىل!

پۇتۇن شەھەردىكى ئاياللار بۇ ئىلانىمنى كۆرگەندىن كىيىن ،بەس –بەس بىلەن مىنى تەكلىپ قىلىشتى! ئۇلار مىنىڭ سەت چىرايىمنى ،كۆرۇمسىز تۇرقۇمنى كۆرۇپ ،كۆڭۈللىرى تەسەللى تېپىشىپ،ئۆزلىرنى تولمۇ تەلەيلىك ساناشتى! ھەر كۇنى دىگۇدەك، مىنى ئۆزىگە ھەمىرالىققا تەكلىپ قىلدىغان ئاياللارنىڭ ئايغى ئۇزۇلمەيتتى.مەنمۇ پۇرسەتنى غەنمەت بىلىپ،ھەمىراھ بولۇش مۇلازمىتىمنىڭ سائەتلىك ھەققىنى 20يۈەندىن 50يۇەنگە ئۆستۇرۋالدىم.ئەمما تىجارتىم يەنلا شۇنداق ياخشى بولۇپ،ھەتتا تېخى 3كۈن بۇرۇن ئالاقىلشىدىغان بولۋىلىشتى.مەن تەدىرىجى ھالدا، بۇنڭدىن غايەت زور بىر سودا پۇرستىنى بايقدىم.شۇنداق قىلىپ"گۇزەللىكىڭىزنى نامايان قىلش شىركتى"دىن بىرنى قۇرۇپ،پۇتۇن مەملىكەت بويچە بىر تۇركۇم سەت ئاياللارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىپ،پۇتۇن شەھەردىكى ئاياللارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇردۇم!ئارقدىنلا ،پۇتۇن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە تارماق شىركەتلەرنى قۇرۇپ،بۇ كەسپنى پۇتۇن مەملىكەت مىقىياسغا كىڭەيتتىم .

ئىككى يىلدىن كىيىن ،مەن پۇتۇن مەملكەتكە داڭلىق ئەڭ پۇلدار ئايال بولۇپ قالدىم.شۇندىلا ھۆسۇن تۇزەش ئورنغا بېرىپ ،ھۆسۇن تۇزەتتىم،ئاندىن يەنە مىنى قوغلاشقان يگىتلەر ئىچدىن  بىرى بىلەن توي قىلدىم،يەنە بىرنى ئاشنا تۇتۋالدىم.ھەمدە پۇتۇن مەملىكەت بويچە ئەڭ سەت ئايالدىن ئۇچنى مەخسۇس ئۆزۇمگە ھەمىرالىققا بەلگىلەپ،ئۆزۇمنىڭ گۇزەل جامالىنى  ھەسسىلەپ نامايان قىلدىم.

 

 

قەشقەر كونشەھەر ناھىيەئاۋات يېزا ئوتتۇرا مەكتەپدىن توختىھاجى يۈنۈس تەرجىمسى

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(11)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !