سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

يۇمۇر ئېلىپ كەلدىم

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-09 11:21مەنبە: يازغۇچى:TUMAR زىيارەت سانى: قېتىم

غۇلجىدىن يۇمۇر ئېلىپ كەلدىم
بىر كۈنى ھېسامكامنىڭ ئايالى زىمىنىخان ھەدەم بىر قاتار چايغا بېرىپ، تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىگە كېلىپ چايدىكىلەرگە:
_ مەن ئۆيگە بىر بېرىپ كېلەي،_ دەپتۇ.
_ نېمىشقا؟ نېمە بولدى؟_ دەپ سوراپتۇ باشقىلار.
- مەن بىر بېرىپ كەلمىسەم بولمايدۇ،_دەپتۇ ۋە ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.
زىمىنىخان ھەدەم ئۆيىگە كېلىپ، ئىشىكنى چېكىپتۇ، ھېسامكام ئۇخلاپ قاپتىكەن.
_ مەن زىمىنىخان.
_ نېمە بولدى؟ قايتىپ كەپسەنغۇ بىردەمدىلا.
_ سىز ئۇخلاپ قالغان بولسىڭىز، توكنى ئۆچۈرمىسە، توك پۇلى جىق چىقىپ كېتەمدىكىن، دەپ قايتىپ كەلدىم.
_ ۋاي مەن توكنى نەۋاق ئۆچۈرۈپ بولدۇم، نېمىشقا ئارتۇق يول ماڭىسەن؟ كالاچنى ئۇپرىتىپ،_ دەپتۇ ھېسامكام.
**************************
داۋاملىق ھاراق ئىچىپ مەست يۈرۈيدىغان بىر بالا بىر كۈنى يولدا ھېسامكامغا ئۇچراپ قاپتۇ.
_ ھېسامكا، ماۋۇ ئىشتىنىم يارىشىپتىمۇ؟ يېڭى ئالغان،_ دەپتۇ.
_ بەك يارىشىپتۇ، بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق يۈرگىن،_دەپتۇ ھېسامكام.
_ ھېسامكا،بۇ ئىشتاننى نەچچىگە ئالدىم؟ دەپ باققىنە.
_ سېنىڭ ئىشتىنىڭنىڭ نەچچە پۇللىقىنى مەن نەدىن بىلىمەن ؟
_ 120 سومغا ئالدىم.
_ ۋايجان، ئۆزۈڭدىن قىممەت ئىشتان ئېلىۋاپسەن،_ دەپتۇ ھېسامكام.
***********************
ھېسامكام ئايالى زىمىنىخان ھەدەم بىلەن بىلەن ئۈرۈمچىدە بازار ئايلىنىۋېتىپ، ئۆزىگە بىرشىلەپىنى كۆرۈۋاتقاندا، زىمىنىخان ھەدەم بىر پوپايكىنى كۆرۈپ، ھېسامكامنىڭ سول تەرىپىگە كېلىپ:
_ ھېسام، ئاۋۇ پوپايكىنى ئالاي دېگەنىدىم، 50 سوم دەيدۇ،_ دەپتىكەن، ھېسامكام:
_ مېنىڭ سول قۇلىقىم ئېغىر،بولدى، ماڭا چىقىپ كېتىمىز،_دەپتۇ.
يەنە بىر دۇكانغا كىرىپ، باشقا شىلەپىلەرنى كۆرۈۋاتقاندا، زىمىنىخان ھەدەم بىر كۆينەكنى كۆرۈپ، ھېسامكامنىڭ ئوڭ تەرىپىگە كېلىپ:
_ ھېسام، ئاۋۇ كۆينەكنى 500 سوم دەيدۇ، تالاشساق چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ،_ دەپتىكەن، ھېسامكام:
_ ۋاي بولدى، سول تەرىپىمگە ئۆتكىنە،_ دەپتۇ.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(11)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !