سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

بىر جۈملىلىك نەسىرلەر

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-26 11:11مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئاتامان زىيارەت سانى: قېتىم

1.سەن ئۆلۈم ناخشىسىنى ئېيتساڭ،مەن ھاياتلىق كۈلكىسىنى جاراڭلىتىمەن .
سەن ھايات جىلۋىسىدىن زارلانساڭ،مەن زارلىرىڭدىن ئۆلۈمنىڭ سايىسىنى كۆرىمەن .


2.سەن دەريا بويىدىكى چىملىقتا ئولتۇرۇپ،مۇھەببەت ناخشىسىنى ئېيتساڭ،
مەن دەريادا ئويناقلاپ ئېقىپ ،ناخشاڭغا تەڭكەش بولدۇم،گۈللەر بىزنى تەبرىكلەپ چاۋاك چالدى.


3. مۇھەببەت رىشتىمنى ئىسكىرىپكامنىڭ تارى قىلىپ تۈن بويى قولاق تۈۋىڭدە ناخشا ئېيتتىم.
سەن سەھەردە پورەكلىدىڭ ، دىمىقىمغا پۈركىگەن ھىدتا ئۇخلاپ قالدىم.....


4.ناخشىلىرىم قىپيالىڭاچ بالىدەك يۈگرۈپ گۈلزارلىقىڭغا كىرىپ كەتتى.گۈللىرىڭ خۇشاللىقتىن ئۇسسۇل ئويناپ،
مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى  ئاشكارلاپ قويدى .


5.شېئىرلىرىم كىپىنەكلەر تەقدىم قىلغان رەڭدار تونىنى يېپىنچاقلاپ ئالەمنىڭ
بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا كېزىپ يۈرىدۇ.


6.بىز بەختنىڭ مەڭزىمىزگە سۆيىشىدىن رازى بولمايمىز.
بەخت بىزدىن بىزار بولغاندا،بىز ئۇنى ئىزدەپ زارلىنىمىز.


7.شامال كۆرۈنمەس قوللىرى بىلەن شاملارنى ئۆچۈرىۋېتىدىغاندەك ،سۆيگۈمۇ كۆرۈنمەس
يىپلىرى بىلەن يۈرەكلەرنى باغلاپ تۇرالايدۇ.


8.سۈكۈت بىر خىل تەبەسسۇم،ئۇ ئۆزىگە نۇرغۇن گۈزەللىكنى يوشۇرغان.


9.چەكسىز دالىدا تۇرۇپ ناخشا ئېيتقانىدىم ، تاغلار ماڭا ئىللىق كۈلۈپ سالام بەردى.
ئۆيۈمدە تۇرۇپ ناخشا ئېيتىۋىدىم،تاملار  غەزەبتىن تاتىرىپ كەتتى.


10.قەلبىم سۆيگۈ ھەققىدە يېزىلغان گۈزەل لىرىكىلار توپلىمى،ئۇنى پەقەت ياشلىق
گۈلىنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئۆزۈڭلا ۋاراقلاشقا ھوقۇقلۇقسەن.........


11.كۈزدىكى سارغايغان ئۈجمە يۇپۇرماقلىرى قەلبىمدىكى ئازابلارنى ئېلىپ يەرگە
چۈشۈپ كەتتى .مەن تەڭرىنىڭ بۇ شاپائىتىدىن بەكمۇ ئازابلاندىم .


12.بىز بۈك-باراقسان  شاپتۇلزارلىقتا قوغلىشىپ ئوينىغاندا ، سېنىڭ رۇخسارىڭنى تۇنجى رەت كۆرگەنىدىم.
ئۆلۈم رەھىمسىز تامغىنى پىشانەمگە باسقاندا، سېنىڭ روخسارىڭنى يەنە كۆز ئالدىمغا كۆلتۈردۈم -دە ،
ھاياتىمدىن رازى بولۇپ كۈلۈپ قويدۇم .


13.كۆلنىڭ ئۇ يېقىدا ئولتۇرۇپ مۇڭلۇق ناخشا ئېيتقىنىڭدا سۆيگۈ قارمىقىڭنى ماڭا تاشلىشىڭنى كۈتۈپ
ساڭا ئۇزاق تەلمۈردۈم. ئەپسۇسكى،سەن ئالدىڭدا ئۈزۈپ يۈرگەن دەردمەن  بېلىقنىڭ مېنىڭ جىسمىم
ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىڭ.



     مەنبە- دوستۇمنىڭ
خاتىرىسى

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(2)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !