ئىككى مەست تۆمۈر يولنى بويلاپ مېڭىپ كېتىۋېتىپ، بىرى يەنە بىرىگە دەپتۇ: _ مەنچە بۇيەردىن ھېلىلا بىر پويىز ئۆتۈپ كېتىپتۇ . توغرا دېدىممۇ؟ ئىككىنچىسى پەرۋاسىزلا سوراپتۇ: _ قانداق بىلدىڭ ھەي بۇنى؟ ھېلىقى مەست رېلىسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: _ قارىمامسەن، بۇيەردە چاقنىڭ ئىزى تۇرمامدۇ؟! ئىككى دوست يېزىدىن شەھەرگە ئوينىغىلى كىرىپتۇ. ئۇلارنىڭ شەھەرگە تۇنجى قېتىم كىرىشى بولغاچقا شەھەردىكى ھەممە نەرسىگە ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپتۇ. بولۇپمۇ كوچىدا قاتناپ يۈرگەن ئىككى قەۋەتلىك ئاپتۇبۇسلارغا بەكلا قىزىقىپ قاپتۇ. سەن چىق دېسە سەن چىق دېيىشىپ ئاخىرى ئىككىسى بىللە چىقىپ قارىسا ئاستىنقى قەۋىتىدە ئادەم شۇنداق قىستىلىشىپ كەتكەن، بۇنى كۆرۈپ كىچىكرەكى چوڭىغا: _ ئاداش، ئاستى بەك قىستاڭچىلىقكەن، ئۈستىگە چىقىپلا ئولتۇرايلى بولمىسا ... دېيىشىگە ئاغىنىسى بېشىغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ: _ ھەي كالۋا، سېنىڭ ئۆلگۈڭ كەلدىما، ئۈستىدە شوپۇر يوقلۇقىنى كۆرمىدىڭما؟_ دېگىدەك.
بىر كۈنى ئۆيگە كەلسەم ئۇكام ھويلىدا يەرگە ئېڭىشىپ بىر نەرسىلەرنى ئىزدەپ ئولتۇرۇپتۇ. _ نېمە ئىزدەۋاتىسەن ، ئۇكام؟ _ دەپ سورىدىم مەن. _ ئاچقۇچۇمنى چۈشۈرۈپ قويغان، شۇنى ئىزدەۋاتىمەن. _ ئاچقۇچۇڭنى نەدە چۈشۈرۈپ قويغان؟ _ ئۆيدە چۈشۈپ قالغانمىكى ... _ ھەي قاپاق، ئۆيدە چۈشۈپ قالغان بولسا بۇ يەردە تىمسىقلاپ نېمىش قىلىسەن؟ _ ئۇنداق دېگەن بىلەن ئۆينىڭ ئىچى بەك قاراڭغۇكەن، يورۇقراق يەردە ئاسان تاپمامدىم؟!
بىر كۈنى ئەر- ئايال ئىككىسى 3- قەۋەتتىكى ئۆيدە ئۇرشۇپ قاپتۇ-دە، ئېرىنىڭ ئاچچىقى راسا كىلىپ ياستۇقنى ئالغانچە دەرىزىدىن پەسكە تاشلىۋېتىپتۇ. پەستە بىر تىلەمچى تىلىشىپ يۈرۈپتىكەن كاللىسىغاچۈشۈپتۇ،تىلەمچى ياستۇققا ئىرىشتىم دەپ خوشال بولۇپ تۇرسا 3-قەۋەتتىك ئايالىنىڭمۇ ئاچچىقى يامانكەن،مانا ئەمسە دەپ يوتقاننى تاشلىۋېتىپتۇ، ئۇ يوتقانمۇ تىلەمچىنىڭ كاللىسىغا چۈشۈپتىكەن تىلەمچى خوشاللىقىدىن ئۈستىگە قاراپ ۋاقىرغۇدەك:"ۋاي،ۋاي، ئەمدى خوتۇننىمۇ تاشلىۋېتىڭ بولامدۇ!!!؟؟؟ "
ئۈچ چىۋىننىڭ ئۇچرۇشۇپ قىلىشى ئۈچ چىۋىن توساتتىن بىر يەردە ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستى بېشى ھۆلكەن. يەنە بىرى بەك ئورۇقكەن، يەنە بىرى بەك سىمىزكەن... ئورۇق چىۋىن بىلەن ھۆل چىۋىن ھېلىقى سىمىز چىۋىندىن سوراپتۇ: _ ھەي سەن نىمانداق سېمىز؟ _ مەن ئۈرۈمچىلىك چىۋىن، ئۈرۈمچىدە كىشىلەر تاماقنى بەك ئىسراپ قىلىدۇ. شۇڭا خالىغان يەردە يەيدىغان نەرسە تاپقىلى بولىدۇ. _ دەپتۇ سېمىزى. سىمىزى بىلەن ھۆل چىۋىن ھېلىقى ئۇرۇقتىن سوراپتۇ: _ سەن نىمانداق ئورۇق؟ _ مەن غۇلجىلىق چىۋىن، غۇلجا شۇنداق پاكىز شەھەر، كىشىلەرمۇ پەقەت ئىسراپچىلىق قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇ يەردە تاماق تاپماق بەك تەس. دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق سېمىز ئىككى چىۋىن ھېلىقى ئۈستى بېشى ھۆل چىۋىندىن سوراپتۇ: _ ھەي سەن نىمانداق ھۆل بولۇپ كەتتىڭ؟ مۇنچا ئاچىدىغان چىۋىنمۇ يا سەن؟ ۋەيت.....!!! -مەن ئاتۇشلۇق چىۋىن ،-دەپتۇھېلىقى ھۆل چىۋىن،- ئاتۇشلۇق كىشىلەر شۇنداق پىخسىقكى سىرتتىن ئەسلا تاماق تاپقىلى بولمايدۇ. ھەتتا ھاياتىمىزغا قارىماي ئۆيگە كىرىپ نان تېپىپ يەۋاتساق ئۇلار تۇتۇۋېلىپ ناننىڭ يۇقۇندىلىرىنى شۈمۈۋالغاندىن كېيىن رەھىمى كېلىپ قالسا قويىۋىتىدۇ......
007 (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |