خارۇ زار قىلدىڭ مېنى پىراقىڭدا كۆيدۈرۈپ سەن سەن دۇنيا سەن دۇنيا، كىمگە ۋاپا قىلدىڭ سەن . مەن مەن دېگەن يارەننى، يەر قوينىغا ئالدىڭ سەن. ئالدىڭ ،ئالدىڭ تويمادىڭ، كەتكەنلەرنى سورمادىڭ. قاغجىراپ كەتكەن ئۈمىدلىرىمدە توختىماي جاراڭلاپ تۇرىۋاتقان ناخشىنىڭ مۇڭى ئارمانلىق ئالەمنىڭ ئارمانلىرىغا جۇر بولۇپ ،ئارمانلىق سوقۇۋاتقان دەردلىك يۈرۈكىمگە ئېقىپ كىردى.ئارمانلىق خىياللىرىم ئوماق،جەلىپكار بويلۇرۇڭغا يىلان بولۇپ يۆگەشتى... قوللۇرۇڭدىن قوللۇرۇمغا ئوت ئېقىشقا باشلىدى... لەۋلىرىڭدىن لەۋلىرىمگە ئوت ياماشتى... لەۋلىرىڭدىن يۈرۈكىمگە ئوت تۇتاشتى... ئوت ئوتنىڭ ئىچىدە گۈرۈلدەشكە باشلىدى... قىززىق چوغدەك لەۋلىرىڭ يۈرۈكىمگە ئوتلۇق نەشتەر سانجىلماقتا،سەن بوينۇمغا سېلىپ قويغان ئوتلۇق چەمبەر بەزىدە كىڭىيىپ، بەزىدە تارىيىپ جېنىمنى قىيناپ جاڭگالدا قويماقتا،بىز بىر بىرى بىلەن مەھكەم گېرەلىشىكەن گۈلخان ئىچىدە گۇناھ شەكلىدە گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدۇق...شۇ تاپتا سەن تومۇرلىرىمدا ئېقىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ قانلىرىم ئارقىلىق پۈتۈن تىنىمگە تاراپ ،ئاتەش نەپەسلىرىڭ يۈرۈكىمگە يىلتىز تارتماقتا... مەن سېنى ئىزدىدىم ،ھەممە جايدىن سېنى ئىزدىدىم ئەمما سەن يوق،قانلىرىمدىن سېنى ئازدىدىم پەقەتلا سەن يوق...مېھرى-مۇھەببەت،ھەمدە پاكلىق يېغىپ تۇرغان چېھرىڭنى ئەمدى مەن كۆرەلمەيمەن... چاراقلاپ تۇرغان نۇرلۇق چولپاندەك كۆزلىرىڭنىمۇ ئەمدى كۆرەلمەيمەن... شىرىن،تاتلىق ئاۋازىڭنى ئەمدى تىڭشىيالمايمەن... يېقىملىق ،تاتلىق كۈلكەڭنى ئەمدى مەن ئاڭلىيالمايمەن... ھىجران،ئازاپ يۈرۈكىمنى تىنىمسىز غاجىلىماقتا،زەھەرلىك تىرناقلىرى بىلەن تاتىلىماقتا، ھېرىپ-چارچىغاندا يۈرۈكىمدە سۇ ئىچمەكتە... ئۇنتۇپ كېتەي دەپمۇ ئۇنتىيالماسلىق ئادەمنى ھەممىدىن بەك ئازاپلايدىكەن،ئۇنتۇپ يوقۇتۇش بىلەن بىلىپ تۇرۇپ يوقۇتىۋاتقانلىرىمنىڭ ۋەھىمىسى مېنى داۋاملىق ئازاپلىماقتا ئازاپلىنىمەن،يۈرۈكىمدە كۆيۈۋاتقان ئوتلىرىڭ مېنى ئازاپلايدۇ،يۈرۈكىمدە بىر ئوت كۆيۈۋاتىدۇ...ئازاپلىنىۋاتىمەن چۇڭقۇر ئىشىق ئىلكىدە،ھەسرەتلىرىمدە، ھەممە ئادەمنىڭ دەردى ئۆزىگە يامان، ھەممە ئادەمنىڭ دەردى ئۆزىگە تولا ... دەردىم بارۇ،دەردىم بار، باشىمدىكى چاچىمدەك. دەردە تارتماي ئۆلۈپ كەتسەم ، ھاۋادا ئۇچقان لاچىندەك. ئارمانلىرىم شۇقەدەر ئۇسسۇز،شۇقەدەر چاڭقاق،باغرى چاكۇ-چاك،ئەتراپىم زۇلمەت رەڭ ئەمما قوياش دەردلىرىمگە دەرداش بولۇپ مەن بىلەن سۆزلىشىدۇ.ئوڭ-سولۇمنى يالىڭاچ بولغان تەشۋىشلەر قاپلىغان،قىلىچ بىسىدا چامدىغاندەك،ئاينەك پارچىللىرى ئۈستىدە يالاڭئاياغ ماڭغاندەك ئىزلىرى قىپقىزىل،قىپقىزىل...قىزىل گۈل رەڭگىدە چېچەكلىگەن ئىزلارغا قاراپ يۈرۈكىم ئاغرىيدۇ،دەردلىرىم ئاۋۇيدۇ،بىر بىرىدىن ھازازۇل دەردلەر يۈرۈ- كىمنى مىجىقلاپ،تاتىلاپ،غاجىلاپ زادىلا ئارام بەرمەيدۇ،بولدىلا ھەممىلا ئادە دەردمەن ،ھەممىلا ئادەمنىڭ يۈرۈكى دەردكە توشۇپ كەتكەن تۇرسا كىم كىمنىڭ دەردىنى چۈشىنىدۇ،ھەر كىمنىڭ دەردى ئۆزىگە يىتىپ ئاشقۇدەك...مەن بىر گىرە ئىسسىق ھاياجان ئىچىدە چاراسلاپ كۆيۈشكە باشلىدىم،يۈرۈكىمدەك غېرىپ بۇ دۇنيا مەجنۇنلىقىمغا شاھىتتۇر.تەنھالىق،دەرد دەستىدىن يۈرۈكىم بېغىشتىن سىيرىلماقتا... رىسىقى كۆيگەن، تەلىيى كاج،پىشانىسى تەتۈرمەن،ئارمانلار باغرىدا جان تالىشىۋاتقان. پىراقىڭ كۆيدۈرۈپ مېنى خارۇ زار قىلماقتا...مېنى قارا يەرنىڭ باغرى چاقىرماقتا...روھىمدا قىيامەت–قايىم... (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |