قايچا ئىزدەش چاچلىرى ئۆسۈپ پاخپىيىپ كەتكەن بىر يىگىت ساتىراشخانىغا چېچىنى ياساتقىلى كىرىپتۇ. ساتىراش ئەمدىلا ئىش باشلاپ بىردەمدىن كېيىن، بىر ماگنىتنى يىگىتنىڭ بېشىدا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈتكىلى تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىىق ئىچى پۇشقان يىگىت ئۇنىڭدىن ؛ -ئۇستام، بۇ سىزنىڭ يېڭىچە چاچ ياساش تېخنىكىڭىزمۇ؟ ---دەپ سۇراپتۇ. -ياق، مەن قايچىنى ئىزدەۋاتىمەن، --- دەپتۇ ساتىراش پەرۋاسىزلا. تەكلىپ قىلىشنىڭ سەۋەبى -بايىقى ئادەم چىش تارتىش كەسپىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەن، نىمىشقا ئۇنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىسىز؟ ---دەپ سۇراپتۇ بىر چىش دوختۇرىنىڭ ئايالى ئېرىدىن. -ئۇ ئىلگىرى ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقانىكەن، ---دەپتۇ دوختۇر. پەرقى يوق ئايالى ئېرىنى يوقلاپ تۈرمىگە بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن؛ -بۇ يەردە كۈنلىرىڭىز قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، جاپا چېكىۋاتامسىز؟---دەو سۇراپتۇ. -ئۆيدىكى كۈنلىرىم بىلەن ئانچە پەرقى يوق، بۇ يەردىمۇ سىرىتقا چىققىلى قويمايدۇ،ھاراق ئىچكىلى قويمايدۇ، تامىقىمۇ بەك ناچار، ---دەپتۇ ئېرى زارلانغان ھالدا. توينىڭ مەسلىھەتى دادىسى قىزىغا كۆيۈنگەن قىياپەتتە دەپتۇ؛ -تۈنۈگۈن ئوغۇل دوستۇڭ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، سەن بىلەن بەك توي قىلغۇسى باركەن، مەن ئاخىر قوشۇلدۇم.. قىزى ؛ -بىراق دادا، مەن ئاپامدىن ئايرىلالمايمەن، شۇڭا توي قىلغۇم يوق،-- دەپتۇ. دادىسى ؛ --شۇنداقمۇ، قىزىم سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرغۇم يوق، بولدى، ئاپاڭنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكىن! ئۇخلىتىش بىر ئەر - ئايالنىڭ ئوغلى پەقەت ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا قىزقارلىق ھېكايە ئېيتىپ بىرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا ؛ ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟، - دەپ سۇراپتۇ.. .-ھەئە ، ئۇخلاپ قالدى،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا. ئالدىنى ئېلىش بىر قوقۇنچاق كىشى ئوپراتىسيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلىپتۇ. ئۇ دوختۇر ۋە سېستىرالاردىن ماسكىسىنى تاقىماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ. -بولمايدۇ، بىز چوقۇم ماسكا تاقىشىمىز كېرەك، بۇ دېگەن تۈزۈم، --- دەپتۇ دوختۇر. -بولدى مېنى ئالدىماڭلار، سىلەر ئوپراتىسيە جەريانىدا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، مېنىڭ سىلەرنى تونۇۋېلىپ كېيىن ئاۋارىچىلىق تېپىپ بىرىشىمدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر، ---دەپتۇ كېسەل. |