سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ساختا دۇنيا!(ئايسىز~كېچە

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-13 10:45مەنبە: يازغۇچى:ئايسىز~كېچە زىيارەت سانى: قېتىم

 ساختا دۇنيا
 
                   
   ئاپتورى : جەمىلە بارات
 
   كۈلۈپ قاراۋاتقان قۇياشنىڭ ئاداققى نۇرلىرى يۈزلىرىمنى سۆيەلمىدى،ئاخشامنى تۇيغۇلارنىڭ كۆيۈپ كېتىۋاتقان ئاددىي تىۋىشلىرى يۈرىكىمنى چېكىپ كۆكسۈمگە نەقىش قىلىشقا باشلىغان كۆلەڭگۈسى سېنىڭ تۇيغۇللىرىڭنىڭ تىنىقلىرىنى بوي سۇندۇرالارمۇ؟ بىلمەيسەن سەن بىلەلمەيسەن ھەم بىلىشكىمۇ قادىر بولالمايسەن .مەن كېتىمەن ،كېتىپ قالىمەن .ئۇيقۇسىز بولۇپ قالغان قىزنىڭ كۆزلىرىدىكى ياش تامچىللىرىغا ھەمراھ بولغان چۈشلىرىڭنىڭ تەشۋىسى سېنى بىئارام قىلمايدۇ.قەستەنلىكتىن يوقالمىغان سۆيگۈ بىخلىرى سېنى مەھكۈملۇق ئالىمىگە ئەمەس بەلكى،گۈزەللىك ئالىمىنىڭ شاھزادىسىگە ئايلاندۇرسۇمۇ؟ئازاپلىق كۈيلەرنىڭ يۈرەكنى زىدە قىلغۇچى قاتتىللىق مۇڭلىرى  روھىڭنى قامال قىلىپ ،كۆزلەردىن ياش ئاققۇزغاندا ،ئۈمىتسىز سۆيگۈنىڭ ياسالما كۈلكىسى ھىجران بىلەن تولغۇنىۋاتقاندا كەملەپ كېتىۋاتقان ئازاپ دەقىقىللىرى قار قاپلىغان بىخۇت شەھەرنىڭ تىنىچسىز قوينىغا چۆكۈپ كەتتى.
   ئۆزگۈرىۋاتقان پەسىلنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى ،ئىسكۇرۇپكا كۈيلىرىنىڭ سېھىرلىك مۇڭلىرى ئەۋجىدە كۆزى يۇمۇلغان ئۈمىت ئىگىسىنى ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسىتىپ،چۈشكۈنلەشكەن ،بېشى تۆۋەن مەغلۇبىيەتچىگە روھىيەت سۆيگۈسىنىڭ ئازاپلىق ھىكايىسىنى ھىكايە قىلىپ بېرىۋاتقاندا ،دۇنيادىن ئۈمىت ئۈزۈپ ،ئىشەنچسىزلەر توپىغا قوشۇلۇپ كەتكەن ياش يىگىتنىڭ يۈرەك چوڭقۇرلىرىدىكى خىلۋەتلىرىدە سايىداۋاتقان ئىشەنچسىز مۇھەببەت يىگىتنىڭ جىىمغۇرلۇق ئارلاشقان ئىپادىسىزلىكى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى.
   چارچاشتىن ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتكەن كاشىلىسى جىق كومپىيوتېرخانىغا يالغۇز كىرىپ كېلىۋاتقان ئاياق تىۋىشلىرىدىن ھەيران قالمىغان تازلىق ئىشچىسى ئاياللنىڭ پوللارنى سۈرتىۋاتقاندىكى ئالدىرماسلىقى خىيالىمنى بۆلىۋېتەلمەي ئالدىنقى كۈنى يۈزەكى كۆرگەن س د ماكىس سېستىمىسىنىڭ يېڭى تۇيغۇللىرى يۈرىكىمنى ئېغىتىۋەتتى.
تاڭ سۈزۈلگىلى نەۋاخ؟تېخىچە ئېرىنچەكلىك قىلىپ،ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنالمايۋاتقان قۇياشنىڭ نۇرلىرىغا تەشنا بولىۋاتقان كائىناتنىڭ غەمخانە تۇيغۇللىرى پەرىشانلارنىڭ دەردىگە دەرت قوشۇپ،غاپىللارغا پەرۋاسىزلىق خىيالىنىنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا تۇتقۇزماقتا ئىدى.
مەن كېتىمەن.ئېغىر بىلىنىۋاتقان مەدەنىياتلىك پاسكىنا شەھەردىن كېتىمەن.غەمخانە ،پەرۋاسىزلارنى،دەرتمەنلەرنى،ئاشىقلارنى ،ئۈمىتسىز ،نادان،ئاقىللارنى ...تاشلاپ كېتىمەن.مەن كېتىۋتقان دەقىقىلەردە سەن يەنىلا ئاشۇ پەرۋاسىزلىقىڭ بىلەن ھەممىگە قادىرلىقىڭنى نامايەن قىلىپ ،مىليارد خىل ئۇسۇلدا سېنىڭ سەھنەڭدە رول ئېلىۋاتقان ئارتىسلىرىڭنىڭ رەڭگا-رەڭ نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ بېلىڭنى تۇتقىنىڭچە ،بېشىڭنى تىك تۇتۇپ،گەۋدەڭنى راۋۇرۇس رۇسلاپ ،گاھ قولۇڭنى شىلتىپ ،گاھ ئۇھسىنساڭمۇ يەنىلا يىگانە قالمايسەن.ئەي !پەرۋاسىز شەھەر ،مەن كېتىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىلەردە ئەزەلدىن مېنى ئەسكە ئېلىپ باقمىغان ئاشۇ كىشىلەرگە ئوخشاشلا سەنمۇ مېنى بىر دەمدىلا ئۇنتۇپ كېتىسەن.يەنە شۇ دەقىقىلەردە خوتەن بىلەن چەتئەلگە ساياھەت قىلىش سەپىرىگە ھەمراھ قىلماقچى بولغان ئاشىقىمنىڭ مېنىڭ سەھەردىكى ئۇيقۇسىز كۆزلىرىمنىڭ ئەسرارى بولغان سېغىنىش تۇيغۇللىرىنى چىرماپ ،كۆتۈرۈلىۋاتقان بۇلۇتلۇق كۆز يەتكۈسىز ئالەمنىڭ تۈرمەل-تۈرمەل بۇلۇتلىرىمۇ سۈرۈپ كېتەلمەيۋاتقان چىرماش تۇيغۇللىرىمنى ئەسلا يوق قىلىۋېتەلمىدى.
تۇرۇپلا، كەتمە! دەيتى قانداقتۇر ئاسىي بىر تۇيغۇللىرىم يەنە ئۆز-ئۆزۈمگە؟
مەن كېتىشتىن ئاۋال سېنىڭ ساختا كۈلكە يوشۇرۇنغان مىسكىن چىرايىڭنى ئەبەدىي كۆڭۈل خانەمدىكى ئىزلىرىنى پاك-پاكىز ئۆچۈرۈپ تاشلاپ كېتىمەن .خەير -خوش  ساختا دۇنيا ! خەير- خوش ئازغۇن تۇيغۇللىرىم!!...
 
 
ئەسەر ھەققىدە:    بۇ ئەسەر خاراكتىر جەھەتتىن نەسىر بولۇپ
،ئاپتورنىڭ   رىيال  دۇنيا بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان تۇرمۇش ،چۈشەنچىسى  ئۆزگە شەھەردە قىسقىغىنە ۋاقىت كومپىيوتېر  بىلىملىرىنى ئۆگىنىش جەريانىدىكى  ئۆگىچە ھېسلىرى ، ئەقىلغە سىغدۇرۇپ بولمايدىغان   كۆز ئالدىدىكى رەڭگا-رەڭ تۇرمۇش كارتېنىللىرى ئازاپ بىلەن بەختنىڭ  يانمۇ -يان ھەمراھلىقى، دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ئۆز رېتىمى بىلەن مېڭىش قانۇنىيىتى قىسقىچە مەزمۇن بىلەن ئىپادىلەنگەن.
 
     لىرىكا خاتىرلىرىدىن
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(0)
0%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !