سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سۆيگۈ يادىكارى(دىلداش)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-06-07 18:56مەنبە: يازغۇچى:كامىلجان ناس زىيارەت سانى: قېتىم

سۆيگۈ يادىكارى(دىلداش)

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

قەلبىم كۆزنىكىنى ئىشقىڭ بىلەن چەككەن،مىسكىن ھالىمغا مېھىر سۈيۈڭنى تامدۇرغان قەدىرلىك نىگارىم.ساڭا شۇتاپتا يۈرىكىمدىكىنى تۆككۈم كەلدى.ماڭا بىر ئىجازەت بەر يۈرەك سۆزلىرىمنى ساڭا دەۋالاي،مەيلى ئاڭلىغىن مەيلى ئاڭلىما چۈشكۈنلىكتىن يىنىكلەي.سۆز ئوينۇتۇش ئۇرنغا ھەقىقى يۈرەك ئىزھارىمنى سۇناي.مۇنازىرسىز ھەقىقەتكى سەن مەن ئۈچۈن شۇنداق ۋاپادار ئىدىڭ.مەن شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمەنكى:
ئىقىل كۆزۈم ساداقىتىڭىدىن نۇرلانغان،ۋاپادارلىقىڭدىن ھايات مىزانىم ئۈلگە ئالغان ئىدى،ئەپسۇس تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان چاقچقى بىلەن تەڭلا مەندىن يۈز ئۆرىدىڭ.مەن سەن ئۈچۈن شۇنداق ۋاپادار سانىلاتتىم،لىكىن نىمە بولغانلىقىنى ئۆزەممۇ بىلمەيلا قالدىم ئۆزەڭچە مەندىن يۈز ئۆرىدىڭ.تالاي  ۋەدەلەر سېنىڭ پەرۋاسىزلىقىڭدىن مۇڭلاندى.دوستلۇق ھۆرمىتىم ،ساڭا بولغان سۆيگۈ ساداقىتىم سېنىڭ ئالدىڭدا بۇيۇن قىستى....
توختىماي قىلىندىغان تېلېفۇن ۋە ئۇچۇرلۇرۇڭ تۇرمۇزلۇنۇپ قالدى....
ساڭا بولغان تەققەزالىقىم قانچە كۈچەيگەنسىرى سېنىڭ پەرۋاسىزلىقىڭمۇ ئۆرلەپ باردى.قەلىب خەزنەڭگە نىمە سەۋەپتىن قۇلۇپ سىلىنغانلىقنى تالاي ئويلاندىم.گەرچە مەن تالاي ھېكمەتكە تولغان سۆزلىرىڭنى تەشنالىق ئىچىدە سىغىنغان بولساممۇ،سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى تەشنالىق ئىچدە خىيال قىلساممۇ،ئۆتكەن ئۆتمۈش مېنى سەگىتەلمىدى...كۆڭلۈم ھىچ بىر تەسەللى تاپالمىدى.ئۆزەمدىن نەپرەتلىنىپمۇ باقتىم،خىياللىرىمدا ھەر بىر ھۆجەيرىلىرىمنى تەپەككۇرۇم بىلەن ئوپراتسىيە قىلشقىمۇ ئۈلگۈردىم.ھېسچە مەندە نە سەۋەنلىك بولسۇن؟مەن ساڭا قانداق ۋاپاسىزلىق قىلدىم؟ئۈزەلمەس سۇئاللار يەنىلا مېنى ھالسىراتتى....
تەكرار ئوي خىياللارنىڭ مەھسۇلى ئۈچۈن يۈرىكىم قىتىدىن سۆيگۈ يادىكارى سۈپتىدە مۇنۇ مىسرالار تىزىلدى:

                                       ئەسلىگىن يۈرىكىم سەن بىلەن قالدى،
                                       ئەسلىگىن ھاياتىم سەندىن نۇر ئالدى.
                                        ئۇنۇتما،نەقەدەر پاكتۇر بۇ سۆيگۈ،
                                       ئەمما ئۇ پاك پېتى مەڭگۈ تاق قالدى.
ئاخىرقى خۇلاسەم:ھەر قانچە قەدىرلىك مۇھەببەتمۇ قىسمەتلەر ئالدىدا بۇيۇن قىسىدىكەن.ۋاقتىڭ ئۆتۈشى تەقدىرنىڭ ئۆزگۈرۈشلىرى يۈرەكنىڭ خاراكتىرىنى تىپ- تىنچ ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن.... مەيلى مېنى سۆي ياكى سۆيمە،مەندىكى يۈرەكنىڭ ساڭا كۆيدىغانلىقنى مەڭگۈ ئۇنۇتما!

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.
 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(1)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !