1. ھەددىدىن زىيادە قاملاشقان يىگىتلەر: بۇنداق يىگىتلەر قىزلارغا بېسىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدا قىزلار كەينىگە كىرىۋېلىپ ئاراملىق بەرمىسە، توي قىلغاندىن كىيىن قىزلار، ئاياللار تەڭ قوغلىشىپ ئارام بەرمەيدۇ. شۇڭا بۇ خىل يىگىتلەر بىلەن توي قىلغاندا بەختلىك كۈنلىرىڭىز ئۇزاققا بارمايدۇ؛ 2. پۇلدار يىگىتلەر: بۇ خىلدىكى يىگىتلەر سودا قىلىمەن، ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرۇشقا بارىمەن.... دىگەندەك باھانىلەر بىلەن كۈن بويى سىرتتىلا يۈرىدۇ. سىز بىلەن مۇڭدىشىپ، پاراڭلىشىپ ھېسسىيات ئالماشتۇرمايدۇ. بۇ خىل تۇرمۇشتا ئۆزىڭىزنى خۇددى ئالتۇن قەپەسكە سولانغان قۇشتەك ھېس قىلىسىز؛ 3. كىيىمگە ئامراق يىگىتلەر: يىگىتلەرنىڭ رەتلىك، پاكىز كىيىنىشى ياخشى ئىش بولسىمۇ، ھەددىدىن زىيادە كىيىمگە ئامراق يىگىتلەر سىزنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. كۈن بويى قىزلارغا ئوخشاش كىيىم تاللاپ يۈرسە، نىمەدىگەن بىمەنىلىك! 4. بويى بەك ئىگىز يىگىتلەر: قىزلارنىڭ نەزىرىدە بويى بەك ئىگىز يىگىتلەر كىشىلەرگە ھاڭۋاقتى ھەم دۆتتەك تەسىر بېرىدىكەن. ئوتتۇرا بوي يىگىتلەر ئەقىللىق، چاققان كېلىدىكەن؛ 5. ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان يىگىتلەر: بۇنداق يىگىتلەر بىلەن توي قىلغاندا، ئىچىڭىز سىقىلىپ قالىدۇ، چۈنكى كۈن بويى ئۆيدىن سىرتقا چىقمايدىغان بۇنداق يىگىتلەر جەمئىيەتتىن، سىرتتا نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن بىخەۋەر ئۆيدە تېلېۋېزور كۆرۈپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. بۇنداق يىگىتلەر بىلەن توي قىلسىڭىز ھاياتىڭىزدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماي، تىپتىنىچ سۇدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |