سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

بالىڭىزنى ئوبدان تەبىيىلەي دېسىڭىز...

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-23 00:36مەنبە: يازغۇچى:نۇرلان زىيارەت سانى: قېتىم

بالىڭىزنى ئوبدان تەبىيىلەي دېسىڭىز...

 

داۋېي لېۋېس (ئامېرىكا )

بەختىيار ئابدۇشۈكۈر تەرجىمىسى

 

1. بالىڭىز سورىغان سۇئاللارغا سەۋرىچانلىق، سەمىمىلىك بىلەن جاۋاب بېرىڭ.

2. بالىڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.

3. ئۆيىڭىزدىكى مەخسۇس بىر ئورۇننى بالىڭىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغانغا ئاجىرتىڭ.

4. بالىڭىز مەلۇم ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىق سەۋەبلىك ئۆيىڭىزنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن بولسا، ئۇنى ھەرگىز ئەيىپلىمەڭ.

5.  بالىڭىزنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئىغىز ئۆينى ياكى ئۆيىڭىزنىڭ مەلۇم بىر بۆلىگىنى ئاجىرتىپ بېرىڭ.

6. بالىڭىزنى قۇربى يەتكۈدەك ئىشلارغا سېلىڭ.

7. بالىڭىزنىڭ پىلان تۈزۈشى ۋە پىلانلىرىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم قىلىڭ.

8. بالىڭىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىڭ.

9. بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇقلىرىدىكى خاتا ئىشلىگەن يەرلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەملىشىڭ.

10. بالىڭىزنى ئوخشىمىغان تۇرمۇش سەۋىيىدىكى بالىلار بىلەن ئارلىشىشقا ئۈگىتىڭ.

11. ئۆزىڭىزدە مۇۋاپىق ھەركەت- ئادەتلىرنى يېتىلدۈرۈپ،بالىڭىزنى شۇ ئەندىزە بويىچە ئىش قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەڭ.

12. بالىڭىزغا ھەرگىز پالانچىنىڭ بالىسى سەندىن ياخشى،دەيدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ.

13. بالىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىغا،سىرتلارغا ساياھەتكە بېرىشىغا يول قويۇڭ.

14. بالىڭىزغا كىتاب- ماتىرياللارنى ئېلىپ بېرىپ تۇرۇڭ،ئۆزى ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇڭ.

15.   بالىڭىزنى ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەر بىلەن ئارلىشىشقا ئۈگۈتۈڭ.

16.   بالىڭىزغا قەرەلىدە ئەسەر ئوقۇپ بېرىڭ.

17.   بالىڭىزدا كىچىگىدىن كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈڭ.

18.   بالىڭىزنى ھىكايە ئوقۇش ۋە خىيال قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرۇڭ.

19.   بالىڭىزنىڭ تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.

20.   ھەر كۈنى ئازراق ۋاقتىڭىزنى بالىڭىز بىلەن بىللە بولۇشقا ئاجىرتىڭ.

21.   بالىڭىزنى ئورۇنسىز ئەيىپلەۋەرمەڭ.

22.   بالىڭىزنى خاتالىق سادىر قىلغانلىق سەۋەبلىك مازاق قىلماڭ.

23.   بالىڭىزنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشى، ھېكايە ئېيتىشى ۋە ناخشا ئېيتىشلىرىنى مازاق قىلماڭ.

24.   بالىڭىزنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئۆگىتىڭ.

25.   بالىڭىزنىڭ تەپسىلىي تەجرىبە پىلانى تۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىگە ياردەملىشىڭ.

26.   بالىڭىزنىڭ ھەرخىل زەھەرسىز تاشلاندۇق ماددىلارنى ئوينىشىنى توسماڭ.

27.   بالىڭىزنى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ.

28.   بالىڭىز قىلغان ئىشلاردىن ماختىغۇدەك يەرلەرنى ئىزلەڭ.

29.   بالىڭىزنى ئورۇنسىز ماختىماڭ.

30.   بالىڭىزغا بولغان مۇھەبىتىڭىزگە سەمىمىيلىك بىلەن باھا بېرىڭ.

31.   بالىڭىزغا ئىشلارنى ھەقىقىي قارار قىلىش پۇرسىتى بېرىڭ.

32.   بالىڭىزنىڭ خاسلىقى بار ئادەم بولىشىغا ياردەملىشىڭ.

33.   بالىڭىزنى كۆرۈشكە تېگىشلىك تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈشكە ئادەتلەندۈرۇڭ.

34.   بالىڭىزنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى تونۇشىغا ياردەملىشىڭ.

35. بالىڭىز مەغلۇپ بولغان سەۋەبلىك ئۇنى مەسخىرە قىلماڭ، ئۇنىڭغا : «بۇنداق ئىشلارنى مەنمۇ قىلالمايمەن»دەڭ.

36.   بالىڭىزنى چوڭلارغا يۆلىنىۋالماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇڭ.

37.   بالىڭىزغا ھەم ئۇنىڭ زېھنىي- قۇۋىتىگە ئىشىنىڭ.

38.   بالىڭىز ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتا نەتىجە قازىنالمىسىمۇ،ئۇنىڭغا شۇ ئىشنىڭ ئاساسىي قىسمىنى مۇستەقىل ئورۇنلاشنى ئۆگىتىڭ.

39.   بالىڭىزغا ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ تۇرۇڭ.

40.   بالىڭىز بىلەن مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماڭ.

  

 

 مەنبە :  تور دۇنياسى

 

 

 

 

 

 

 

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(7)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !