سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

بالا تەربىيىسى ئاتىغا مۇھتاج ئەمەسمۇ ؟

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-21 10:09مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئىھتىبارقىز زىيارەت سانى: قېتىم

___ۋاي ،ئاداش ، بالاڭلىنى سۆرەپ يەنە نەگە ماڭدىڭلا؟
___ ئايلاندۇرۇپ كېلەي دەپ تېشىغا ماڭدىم.
___قاچاندا قارىسا شۇنداق دەيدىكەنسىلەن،بالا دىگەننى ئانىسى باقىدۇ مانداق.
___ بۇمەن تاپقان بالا بولغاندىكىن ئۆزەم باقارمەن-شۇ.... ھا...ھا...ھا...
يولدىشىم يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي،شۇڭا ئۇنىڭ خوشنام بىلەن چاخچاقلىشىۋاتقان گەپلىرىگە كۈلۈپ قويىمەنۇ يەنە نىمىشقىدۇر ئويلىنىمەن....
شۇنداق ،سەبىيلەرنىڭ تەربيىسى ئاساسەن ئانىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ،بوۋاقنى ئىمىتىش،زاكىلاشتەك تۈگۈمەس ئىشلار ئەلۋەتتە ئانىغا لايىق ئەمما مۇشۇ بانادا"ھەممىگە ئانىلايېتىشلىك بولىدۇ"دىگەن ئەندىزە قېلىپلىشىپ قالماسلىقى كېرەك .ئانىنىڭ يېتىشەلمىگەن يەرلىرىگە تەڭ ھەمدەم بولۇش ئاتىنىڭ ئائىلە تەربيىسىدە ئاداقىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى ، چۈنكى ئائىلىنىڭ ئىناق- ئىجىل كەيپىياتىنى بىر ئانائۆزىگە تايىنىپلا يارىتىپ كېتەلمەيدۇ .
.ئۇنداقتا ئائىلە تەربىيىسىدىكى ئاتىلارنىڭ سۇس مۇئامىلىسى بالىلارنىڭ تەربيىسىدەقانداق كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىدۇ؟
كاشكى ئىمىتىش ۋە زاكىلاشتەك ئاددى ئىشلار بىلەنىلا بالا باققىلى بولسا ئىدى،تۇرمۇشتائاتىلارنىڭ رولى ئۇنچە تەكىتلەنمىگەن شۇنداقلا "دادىسىزنىڭ .....چوڭ "دىگەندەك ماقال تەمسىللەرمۇ قالمىغان بولار ئىدى،ئەمىلىيەتتە ،جىسمانى ۋە فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتەبارلىق جانىلىقلاردەك ئادەممۇ ئانىنىڭ تېنىگە ،سۈتىگە ،پەرۋىشىگە زىيادە موھتاج.بۇ ئىشلارپەقەتلا ئانىنىڭ ئەجرى بىلەن رويقاپقا چىقىدۇ.ئۇنداقتا بالا سەل چوڭ بولۇپ ئانىنىڭ كۆكسى ۋە ئىنچىكە پەرۋىشىسىدىن سەل بوشانغاندا نىمىگە موھتاج بولىدۇ؟ مانا بۇ چاغدا ئاتائۆزىنىڭ بالىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ۋە ئىجتىمائى مۇھىتىدا ئەڭ مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەشكە باشلايدۇ .قىزىقارلىقى شۇكى ،مايمۇنلار دۇنياسىغا نەزەر سالسىڭىز ئۇلاردائاتامانلىق ئورنى بار ئەمما "ئاتا" دېگەن بۇ ئۇقۇممۇ،ئوبرازمۇ يوق،ئەلۋەتتە مايمۇنلارنىڭ كىچىك مايمۇنلارنى تۇغۇشى ئۈچۈن ئەركەك مايمۇنلارنىڭ بولۇشى شەرت بولسىمۇ ئەمما قايسى مايمۇنچاقنىڭ ئاتىسى كىم ،ئۇنى ئايرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇنداقلا ئۇلاردائىنسانلاردەك ئۆز پۇشتىنىڭ بېجىرىم يېتىلىشى ئۈچۈن بالىلىرىنى يىمەكلىك،جاي ۋە
بىخەتەرلىكتىن كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتى ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا يوق .ھايۋاناتلاردۇنياسىدا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئاتا ئۇقۇمى ۋە ئايرىمىسى مەۋجۇت ئەمەس .ئاتا ئۇقۇمى پەقەت ئىنسانلارنىڭ توپلىشىپ ياشاش ئىھتىياجى تۈپەيلى شەكىللەنگەن ئائىلە بىرلىكىنى ھاسىل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئاتا ۋە ئاتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەسئۇلىيىتى شەكىللەنگەن .دىمەك ،ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ پەرقىمۇ يەنە بىر جەھەتتە دەل مۇشۇ ئاتا ئورنىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن بولغان .ئىنسانلا بولىدىكەن مەيلى ئۇ قانچىلىق بېكىنچ ۋەقەدىمىلىقىنى ساقلاپ قالغان مىللەت بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇلاردا ئېنىق "ئانا"لىق ۋە"ئاتا"لىق ئورنى ئايرىلغان ۋە ساقلاپ قېلىنغان .ئانا بالىلىقنى قانداق ھايۋانغا قارىماڭ بىرلاقارىسىڭىز قاراپلا بىلىۋالالايسىز،چۈنكى ئۇ ئانىنىڭ تېنىدىن ئىبارەت بۇ تەبىئلىكنى ئاساس قىلغان . ئەمما "ئاتا "دىن ئىبارەت بۇ ئىبارە پەقەت مەلۈم بىر ئىجتىمائى جەمئىيەت ياكى بىرئادەت، تۈزۈم ، قانۇن ئاستىدىلا ئاندىن ئېنىق ئايرىلىدۇ ،كاپالەتلەندۈرىلىدۇ ياكى ساقلىنىدۇ. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(2)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !