سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

مۇھەببەتنى كامالەتكە يەتكۈزۈشتىكى10 مەخپىيەت

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-26 10:28مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئاتامان زىيارەت سانى: قېتىم

تۇرمۇش يولىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان ياشلارنىڭ قېنى قىززىق، تەجرىبىسىنىڭ كەم بولۇشى، مۇھەببەت قارىشىنىڭ ھەر خىل بولۇشى سەۋەپلىك، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا يا ئۇنداق يا مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئازاپلارنى تارتىۋالىدۇ . روھىي زەربە كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خىزمەتلەرگىمۇ تەسىرى بولىدۇ.
ئۇنداق بولسا، مۇھەببەتنى قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق كامالىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟
1. يەڭگىلىك قىلماسلىق لازىم.
قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىش ئالدىدا بىر دەملىك ھېسسىيات بىلەنلا ئالدىراپ بىر قارارغا كېلىشتىن ساقلىنىشى، ئىككىلا تەرەپ بىر- بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان- كۆرمەيدىغانلىقىنى ئوبدان ئويلىشىشى، بىر- بىرىنى ياخشى كۆزۈتۈشى، سىنىشى شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ مەسلىھىتىنى ئېلىپ ئىش كۆرۈشى كېرەك.
2. بىر- بىرىنى چۈشىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر- بىرىنى قىسمەن چۈشەنگەن ياكى يۈزەكى چۈشەنگەن بولىدۇ. شوڭا ھەر ئىككى تەرەپ مەلۇم ۋاقىت بىر- بىرىنىڭ مىجەز- خاراكتېرى، ئىستىتىك ھەۋىسى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى كۈزىتىپ، ئىگىلەپ تەدرىجى ھالدا بىر- بىرىگە لايىقلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش لازىم.
3. بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەش لازىم .
مۇھەببەت بىر نازۇك ئىچكى تۇيغۇ. ئۇ خۇددى چاۋاك ئىككى قولدىن تەڭ چىققانغا ئوخشاش، ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قانداقتۇر بىرى يەنە بىرىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ئىلاھ بولىۋالسا، يەنە بىر تەرەپ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا چوقۇنغۇچىغا ئايلىنىپ قالسا ھەم بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئاخىرىغا بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى سوۋۇپ مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن. چۈنكى قارشى تەرەپنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق غۇرۇرى، كۆڭلى ۋە ئىرادىسى بولىدۇ- دە، ئەلۋەتتە.
4. ئالدىراپ ئاپاق- چاپاق بولۇپ كەتمەسلىك لازىم.
قىز- يىگىتلەر يېڭى مۇھەببەتلەشكەن مەزگىللەردە بىر- بىرىگە ئىنتىلىدۇ، تەلپۈنىدۇ. خۇددى بىر- بىرىدىن ئايرىلسا ياشىيالمايدىغاندەك ھېسسىياتتا يۈرۈشىدۇ. مانا مۇشۇنداق پەيتتە، ھەددىدىن زىيادە ئاپاق- چاپاق بولۇپ كەتسە، ئاسانلا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىش- ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپ قويۇشى، نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپتە مۇھەببەت دىگەن مۇشۇنچىلىكلا ئىشكەنغۇ، دىگەن كۆز قاراشنى پەيدا قىلىپ، بىر- بىرىگە بولغان قىزغىنلىق، تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن.
5. ئۆز ئارا سىنىشىشىتا ئۇسۇل مۇۋاپىق بولۇشى لازىم.
بەزى قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە ساداقەتمەن ئىكەنلىكىنى سىناپ باققۇسى كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن موھىم. ئەگەر قوللانغان ئۇسۇلىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىلمىي بولسا، كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يېتىپلا قالماي مۇھەببىتىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مۇناسىۋەت تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە قوپال، تېتىقسىز ئۇسۇللار بىلەن سىنىماقچى بولسىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ بىر ئوبدان كېتىۋاتقان مۇناسىۋىتىڭىزنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشىڭىز مۈمكىن. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(30)
68.2%
دەسسەش
(14)
31.8%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !