6. تەمكىن، ئېغىر- بېسىق بولۇش لازىم. مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز- يىگىتلەر بىر- بىرىدىن رەنجىپ قالغاندا، ھەتتا خېلى ئېغىر كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن چاغلاردىمۇ، قىزىققانلىق قىلىپ مەسىلىنى ھاپىلا- شاپىلا بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىرىماي ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ئىجابىي تەرەپكە تارتىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. قايسى تەرەپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، كەچۈرۈم سورىشى، قارشى تەرەپمۇ كەچۈرۈم سورىغۇچىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى، بىر- بىرىگە يول قويۇشى لازىم. 7. ئېھتىياتچان بولۇش لازىم. ئادەملەر مۇرەككەپ، دۇنيا زىددىيەتكە تولغان، شۇنداق ئىكەن مەيلى قانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سۆيگۈنىڭىز توغرىسىدا قىلغان گەپ- سۆزلەرگە نىسبەتەن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بېقىشىڭىز، ھەرگىزمۇ پاچاننى تەتۈر كىيىپ مەسىلىنى قوپال ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا ئالدىرماسلىقىڭىز لازىم. ناۋادا ئاڭلىغان گەپ- سۆزلىرىڭىز يالغان بولۇپ قالسا، كىيىن ھەر قانچە ئۆكۈنگەن بىلەنمۇ ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ. 8. بىر- بىرىگە ھەقىقى ئىشىنىش لازىم. مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز- يىگىتلەر ئۆز ئارا راستچىل، سەمىمى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، سۆيگۈنىڭىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ بارالمىغان ياكى كېچىكىپ قالغان چاغلىرىڭىزدا سەۋەبىنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشىڭىز لازىم. ئەگەر يالغان سۆزلەپ ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز، كىيىن بۇ ئىش قارشى تەرەپكە مەلۇم بولۇپ قالسا، ئۇنىڭدا سىزگە نىسبەتەن گۇمانىي كۆز قاراش پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىسىز. 9. بىر- بىرىگە غەمخورلۇق قىلىش لازىم. ئۇلۇغ ئەدىپ چىرنوۋىسكى: «مۇھەببەتنىڭ ئەھمىيىتى --- قارشى تەرەپنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىمۇ ئۆستۈرۈشتە» دەپ توغرا ئېيتقان. ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، قىزغىن ياردەمدە بولۇشى لازىم. 10. ھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىق لازىم. ياشلىق دەۋر تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، بىلىم ئالىدىغان دەۋر، شوڭا بۇ دەۋرنى پەقەت ھاۋايى- ھەۋەسكە بېرىلىپ بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن زېھنىمىزنى بىلىم ئېلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشقا سەرىپ قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇھەببەت ئۈچۈنمۇ لايىقىدا ۋاقىت ئاجرىتىشىمىز، نۇقۇل ھالدا ھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مەنبە: <قىز-ئاياللار مەخپىيتى> دىگەن كىتابتىن (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |