ئائىلە _ قۇرامىغا يەتكەن يىگىت-قىزنىڭ ئۇچۇرما بولغان قۇش باچكىلىرىدەك قانات قېقىپ تەمشىلىدىغان باراقسان بېغى! ئەمما ، نۇرغۇن يىگىت-قىزلار، ئەر-ئاياللار ،ھەتتا بوۋاي-مومايلارمۇ ئائىلە دىگەن نىكاھدىن كېيىن باشلانغان تۇرمۇش دەپلا قارايدۇ. مىللىتىمىزدە سادىر بولىۋاتقان ، ئائىلە قۇرغانلاردا سادىر بولىۋاتقان ، مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىغا داغ سېلىۋاتقان بىر قاتار نۇقسانلار ، ئىللەتلەر، بەخىتسىزلىكلەرنىڭ بىزنىڭ ئائىلە ۋە كىشىلىك ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنىڭ ئېچىلمىغانلىقى، بۇنىڭ ئىلمىي ئاڭ ۋە روھىي تەييارلىقسىزلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلار زادى قانچىلىك؟! |