مۇھەببەت ۋە نىكاھ (بىر دەرتمەن يىگىتنىڭ ھىكايىسى) ئابدۇقادىر جالالىدىن
1.تېلفون ئۈزۈلگەندىن كىيىن
مەن ساڭا بوتكىدا بەرگەندە تېلفون قىزىل قۇياش چېچەكلەرگە تۆكۈپ خۇن مۆكۈندى قوڭۇررەڭ بىنا كەينىگە.
بوتكا يېقىن ئىدى قىزىل چىراققا ئاپتوبۇس ماتورى خىرىلداپ نابۇت قىلدى ئاۋازىنى بوغۇزلاپ. دېدىڭ: -توي خېتىنى ئالدىم دۈشەنبە، تېگىمەن مىنى كۆپ ساقلىغان ئەرگە. چۈشىمەن شەبنەمدەك تۆكۈلۈپ يەرگە، دۇمبىقىم يېرىلاربەلكىم، بۇ شەنبە.
يېقىن بىر ئورۇندۇقتا، ئاق چاچلىق بىر بوۋاي ئولتۇرۇپ يالغۇز، بىر بۇردا بولكىنى تۇتۇپ قولىدا، قارايتتى قىزىرىپ قاتقان قۇياشقا. كەپتەرلەر قونۇپ بىلەكلىرىگە ، مۈرىسىگە چۇقۇلايتتى قىزغىنىپ ئاپپاق بولكىنى. قۇتقۇزۇش ماشنىسى چىرقىراپ كېلىپ ئۇچۇرۋەتتى كەپتەرلەرنى يۆتىلىپ كەتتى بوۋاي ئاخىر يەنە يالغۇز قېلىپ.
زاۋال يۈتۈپ بوۋاينى قىزىل كۆزلىرىدىن ياغدۇرۇپ ئۇچقۇن سۇنايلىنىپ ياتتى دوقمۇشتا. تېلفۇن ئۈزۈلدى. ئۇردۇم قايتىدىن. يۈرەك تەكشۈرۈش ئەسۋابىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ، تېلفونۇڭ كەتكەندۇ بەلكىم ھۇشىدىن.
- سىزگە ئاتىغان سۈزۈك كۆڭلۈمنى، مەڭگۈگە قىز پېتى ساقلىيالايمەن. بەلكىم، خىيالىمدا سىزگە چاي قۇيۇپ، پىنھان ئەقىدەمنى ئاقلىيالايمەن.
بۇ سۆزلىرىڭ ئېكراندا ياش بولۇپ ئاقىدۇ ئاستا لۇغەتتە يوق سۆزنى تېپىۋالغاندەك ئوقۇدۇم مەن ئۇنى بەكمۇ ئۇزاقتا.
نىكاھ دىگەن ئۇ توي خېتىمىدۇ؟ قۇدىلار تۈزۈشكەن توختاممىدۇ يا؟ ياكى بىرەرسىنىڭ پۇلىدىن كەلگەن توساتتىن قوزغالغان ئىلھاممىدۇ يا؟
نىكاھ ئاخۇنۇمنىڭ گۇۋاھلىقىمۇ؟ نانمىكىن يا تۇز سۈيىگە چىلانغان؟ بېلىقمىكىن يا ۋازىدىكى سۇغا سولانغان؟
نىكاھ داپەندىنىڭ دېپىمىدۇ؟ چۈمۈچىنىڭ سېپىمىدۇ؟ تىللا ئۈزۈكنىڭ قېپىمىدۇ؟ ياكى يىراقتىكى كۈندەش يىگىتنىڭ ئۈن- تىنسىز يىغلىغان يىغىسىمىدۇ؟
دۇنيادا بار قۇدا بولغانلار، بىلمەيدۇ نىكاھنىڭ ئەقىدىسىنى. دۇنيادا بار جورا بولغانلار، ئالالماس ھەقىقى نېسىۋىسىنى.
نىكاھ ئۇچراشمىسا مۇھەببەت بىلەن، خالايىق ئالدىدا بولىدۇ رىيا. ئۆيلەر بېزەلسىمۇ ھەشەمەت بىلەن، چىمىلدىق ئىچىدە بولمايدۇ زىيا.
ھايات قەبرىستاندا كۆكەرگەن دەرەخ، چەيلەنگەن ئىپپەتنىڭ قىساسكارىمەن. خىلۋەت بىر جىلغىغا ئوخشار مۇھەببەت، قەلبىمنى ياندۇرۇپ ئۆزەم ماڭىمەن .
مەنبە : تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدىن ئېلىندى .
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |