سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

قانداق قىلىپ ئۆزۈمنى باقالىدىم

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-28 14:47مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

مۇيەسسەر ئابدۇراھەت(خەندان)
شىنجاڭ مەدەنىيتى ژونىلى تەھرىراتىغا تەۋسىيە:
《گۇلستان》دىكى تورداشلار2009-يىل22-مارت نەۋرۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇمچىدىكى《ئاق ئالتۇن》رېستۇرانىغا بىر قانچىمىزنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ چاي بەردى.تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى ،شۇ ئارىدا تورداشلاردىن بىر 《خەندان》ئىمزاسىدىكى 《قانداق قىلىپ ئۆزۈمنى باقالىدىم》سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئوقۇشقا باشلىغاندا،ماقالىنىڭ باشلىنىشدا ئۇنىڭ ئوتتۇرى ۋە ئاخىرىنىڭ قانداق ئاخىرلىشىشنى قىياس قىلىپ بولۇپ،خۇددى چۆل-باياۋاندا ئابىھاياتقا ئۈچراپ قالغاندەك ھېسسياتتا بولۇۋتقانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.سۆيۈندۈم. شۇنداق.بىزدە بۇنداق تەبىئي-تېتملىق يېزىلىپ ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان ماقالىلەر ئاز ئۇچرايدۇ.بولۇپمۇ مۇشۇ تېمىدا.
ماقالىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەرىپى،ئۇنڭىدا ئىپادىلەنگەن كەچمىش،كۆزقاراش،پىكىر،ھېسىيات،ئىردە چىن بولۇپ،ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك. يەنە كېلىپ ئاپتۇر مېدىتسىنا پەنلىرىدە ئوقۇۋاتقان قىز. بۇ ھەقىقەتەن بىر تالانت.تالانتلىقلارنى بايقاش،قوللاش پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە ھەممىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى.
ماقالە ژورنال تەلىپىگە تولىمۈ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى ئويلىغان ھالدا سزلەرگە تەۋسىيە قىلىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
ھۆرمەت بىلەن: بوغدا ئابدۇللا
2009-يىل24-مارت ئۇرۇمچى شەھىرى
ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم:
يۇرت-يۇرتتىن نەۋرۇز ھېسى تارالغان بۈگۈن گۇلستانىغا كىچىككىنە بولىسمۇ سوۋغات بېرىشنى ئويلاپ قالدىم.ئىلھام قېچىپ مىسرا تىزالمىدىم.كۆرگىنىم ئاز بولغاچ 《بازىرى ئىتتىك》مۇھەببەت ھىكايلىرى توقۇيالمىدىم.پەقەت ئۆزۈم قىلالىغان،قىلىۋاتقان ئىش بىلەن كۆپچىلىكنى خەۋەرلەندۈرۈپ،پۇرسەت ۋە ئۈمىدنىڭ ھەرقاچان يېنىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئۆزۈگىمۇ،ئۆزگىگىمۇ ئېيتماقچى بولدۈم. ئۆزۈمنى ماختاش ئۈچۈن ئەمەس،ھەربىرىڭلارغا پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن دەپ يېزىپ چىقتىم.
ئەگەر يازمامنىڭ زەررىچە پايدىىسنى كۆرسىڭىز ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختىلىك سانىغان بولاتتىم.
ئىنتېرى تورى بەتلەردە ھەرخىل سەۋەب تۈپەيلى يامان يوللارنى ئارىلىغان قىزلارنىڭ نالىلىرىنى كۆرۈپ قالدىم.پۇل!!! بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ھەممىدىن كېرىكى مۇشۇدەك!قىزلارمۇ پاكىز پۇل تاپالىغان ھەم تېپىۋاتىدۇ. چىرايىڭىزغا ئىشەنمەي ئەقلىڭىزگە ئىشەنىسىڭىز ئىقتىدار سىزدە. قېنى ئەمسىە يازمامغا كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭ.
مېنى پۇل بىلەن ئەمەس ئىلىم بىلەن ،شۆھرەت بىلەن ئەمەس ئەخلاق بىلەن ،زامانىۋىلىشىش بىلەن ئەمەس ئىھسان-ئېتقاد بىلەن چوڭ بولۇشقا نېسىپ قىلغان سۆيۈملۈك ئائىلەمنىڭ ئاددىيلىقىدىن ئۆمۈرۋايەت مىننەتدارىمەن..........
-خاتىرەمدىن(ئاپتۇر)
ئالىي مەكتەپ تالاي ھېس ئاتا قىلدى.نەچچە يۈز سوم بىلەنمۇ،نەچچە مىڭ سوم بىلەنمۇ بىر ئاينى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغنىنى بىلدىم؛ پارقىراق كىيىنمەيمۇ پاكىز يۈرگىلى،ياسانمايمۇ چىرايلىق كۆرۈنگىلى بولىدىغىنىنى بىلدىم.قىممەت گىرىم بۇيۇملىرى،قىممەت باھالىق كىيىملەرنىڭ پۇلىنى ئاتا-ئانامنىڭ يانچۇقىدا قويۇپ قويۇپ،ئايلاپ-ئايلاپ بازار ئايلانمايمۇ،يۇرتداشلار ئولتۇرۇشلىرى،قاۋاقخانىلاردىكى ئويۇنلاردىن يىراق يۈرۈپمۇ ياشىيالىدىم،تېخى باشقىلاردىنمۇ ياخشىراق ياشىيالىدىم.بىر20ياشتىن ئېشىپمۇ ئاتا-ئانامنىڭ قان-تەرىنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋېرىشكە يۈزۈم چىدىماي قېلىۋاتاتتى.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(2)
66.7%
دەسسەش
(1)
33.3%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !