سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئىناقلىقنىڭ دۈشمىنى - گەپ توشۇش

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 19:25مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

سۆزلىشىشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان تىل ئىنسانلارنىڭ مۇﻫىم ئالاقىلىشىش قورالى، كىشىلىك ﻫاياتتا ئىنسانلارغا بەخت، ئىناقلىق، خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئەخلاقلار تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنسە، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان نۇرغۇن يامان، سەلبىي ئىللەتلەرمۇ يەنە شۇ تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.


تىل قەلبتىن ئىبارەت بىر دېڭىزنىڭ قىرغىقى بولۇپ، دېڭىزدا نېمە بولسا قىرغاققا شۇ چىقىدۇ. تىل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ روﻫىي دۇنياسىنى، ئەخلاق - پەزىلىتىنى ۋە تەربىيىلىنىشىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان جەمئىيەت ﻫادىسىلىرى شۇ دەۋرنىڭ روﻫىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆﻫبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەﻫىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزىي سۆﻫبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

سىراجىددىن ئەزىزىي تىلنى ساقلاشنىڭ مۇﻫىملىقى ﻫەققىدە مۇنداق دېدى: " ئىنسان قىيامەت كۈنىدە قۇلاق، كۆز دىل قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرى ئۈستىدە سوئال - سوراق قىلىنغىنىدەك، تىل ئۈستىدىمۇ سوئال - سوراق قىلىنىدۇ. ئۇنى قانداق سۆزلەرگە ئىشلەتتى؟ ئىنسانلارغا ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق ئېلىپ كېلىدىغان سۆزلەرنى قىلدىمۇ؟ ياكى گەپ توشۇشتەك ئىنسانلارغا زىيانلىق سۆزلەرنى قىلدىمۇ؟ ئۇنى كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان ياخشى يولغا ئىشلەتتىمۇ؟ ياكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئىشلەتتىمۇ؟ بۇنىڭ ئۈستىدە چوقۇم سوئال - سوراق قىلىنىدۇ. ئىنسان قىلغان سۆزىدىن تېنىۋالماسلىقى ئۈچۈن پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ۋە ئىش - ﻫەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:" ﻫالبۇكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ﻫۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، سۆزلىرىڭلارنى ۋە قىلمىشلىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ. ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ." ئىنسانلار كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بەختلىك، ئىناق، تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، لېكىن ﻫەممە نەرسىنىڭ بىر كۈشەندىسى بولغىنىدەك، گەپ توشۇش بۇنداق ئارزۇلارنىڭ بىردىنبىر كۈشەندىسىدۇر."

گەپ توشۇشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى
سىراجىددىن ئەزىزىينىڭ ئېيتىشىچە، گەپ توشۇش بەزىدە قىلمىغان ئىشلارنىمۇ قىلدى دەپ كىشىلەرگە قارا چاپلاش ئارقىلىق تۆﻫمەت تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. ئەمما سۇخەنچى(گەپ توشۇغۇچى) ﻫېچ ئىش قىلمىغان بولۇۋېلىپ، كىرپىكىدە تۈگۈلىۋالسىمۇ، ﻫامان بىر كۈنى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئاشكارىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا رەسۋا بولىدۇ.

گەپ توشۇغۇچىنىڭ باشقىلارغا يەتكۈزۈدىغان ئېغىر - زىيان زەخمەتلىرى ﻫەققىدە سۆز ئاچقىنىمىزدا، گەپ توشۇشتىن ئىبارەت بۇ رەزىل خورلۇق سەۋەبىدىن دوستلار بىر - بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ، ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ، ئائىلىلەر پارچىلىنىدۇ، تۇغقانلار بىر - بىرىدىن يىراقلىشىدۇ. ﻫەتتا گەپ توشۇش سەۋەبلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىﻬۇدە قان تۆكۈلۈش ئەﻫۋاللىرىمۇ يۈز بېرىدۇ.

گەپ توشۇغۇچىنىڭ سۆزىنى ئېنىقلىماستىن ئىشىنىپ كەتمەسلىك لازىم
سىراجىددىن ئەزىزىينىڭ ئېيتىشىچە، قۇرئان كەرىمدە: "ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ﻫەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار،" دەپ كۆرسىتىلگەن.

داڭلىق ئالىم ﻫەسەن بەسرىنىڭ يېنىغا بىر ئادەم گەپ توشۇپ كېلىپ، پالانىنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان سىزنىڭ ﻫەققىڭىزدە ئۇنداق - مۇنداق سۆزلەرنى قىلدى، دەپتۇ.

  -    قاچان شۇنداق بولدى؟ دەپ سوراپتۇ ﻫەسەن بەسرى.
-      بۈگۈن.
-    سەن ئابدۇراﻫماننى قەيەردە كۆردۈڭ؟
-    ئۆيىدە كۆردۈم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ﻫېلىقى ئادەم ئەجەبلىنىپ.
-    سەن ئابدۇراﻫماننىڭ ئۆيىدە نېمە ئىش قىلاتتىڭ؟
-    مېﻬمان بولۇپ بارغانىدىم.
-    سەن ئۇنىڭ ئۆيىدە نېمىلەرنى يېدىڭ؟ - دەپ ئىنچىكىلەپ سورىغاندا، ﻫېلىقى ئادەم ئابدۇراﻫماننىڭ ئۆيىدە سەككىز خىل تاماق يېگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، ئاندىن ﻫەسەن بەسرى:
-    سېنىڭ قۇرسىقىڭغا سەككىز خىل تاماق سىغىپتۇ - يۇ، ئەجەبا بىر گەپ سىغمىدىمۇ؟ مەن ئابدۇراﻫماننى دۈشمەن تۇتمايمەن. چۈنكى ئەسلىدە مېنىڭ ﻫەققىمدە يامان گەپ قىلغان ئادەم ئابدۇراخمان ئەمەس، بەلكى سەن، قوپ مېنىڭ يېنىمدىن ﻫۇ - پاسىق! - دەپتۇ.

بۇ قىسسە گەپ توشۇغۇچىنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ﻫەر كىم ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى ۋە ئېنىقلىماستىن بىراۋنى رەنجىتىپ قويۇپ، كېيىن پۇشايمان قىلماسلىقى ئۈچۈن ئىبرەت بولۇشقا ئەرزىيدۇ.
سۆزلىشىشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان تىل ئىنسانلارنىڭ مۇﻫىم ئالاقىلىشىش قورالى، كىشىلىك ﻫاياتتا ئىنسانلارغا بەخت، ئىناقلىق، خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئەخلاقلار تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنسە، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان نۇرغۇن يامان، سەلبىي ئىللەتلەرمۇ يەنە شۇ تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.


تىل قەلبتىن ئىبارەت بىر دېڭىزنىڭ قىرغىقى بولۇپ، دېڭىزدا نېمە بولسا قىرغاققا شۇ چىقىدۇ. تىل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ روﻫىي دۇنياسىنى، ئەخلاق - پەزىلىتىنى ۋە تەربىيىلىنىشىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان جەمئىيەت ﻫادىسىلىرى شۇ دەۋرنىڭ روﻫىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

مەنبە:مەرىپەت ژورنىلى
 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(3)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !