سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

مەن يەنە ئاجراشماقچى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-29 10:37مەنبە: يازغۇچى:Wasil زىيارەت سانى: قېتىم

بەلكىم ئاجراشساڭ ئۆزەڭنىڭ ئىشى ، نېمە بۇ يەردە جار سېلىپ يۈرىيسەن دېيىشىڭىز مۈمكىن . چوڭلار كېڭەشلىك ئىش بوزۇلماس دەپ توغرا دەپتىكەن 1-قېتىم ﻫىچكىمگە مەسلىﻬەت سالماي مۇشۇ كۈنگە قالغان ، بۇدا سىلەرنى بىر ئەقىل كۆرسىتەمدىكىن دىدىم .----------------------------------------

2007 - يىلى يانىۋار .

مەن چەكسىز ﻫاياجان ئىچىدە ئاجىرىشىش خېتىنى قولۇمغا ئالدىم . چۈنكى بۇ يەرگە كېلىپ خەتنى ئالماق ماڭا ئۇنچىۋالا ئاسانغا چۈشمىدى . ئاخىرى ئالدىم ، يۈرۈگۈم خوشلىقتىن يېرىلىپ كىتەيلا دېدى . ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا قىلچە چاندۇرمۇدۇم . پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كىتىۋاتقاچ ئۇ :
-- ساڭا بەخت تىلەيمەن ، سالامەتلىكىڭنى ئاسرا ، ۋاقتىڭ بولسا شېرىنئاينى ئەكىلىپ ئانامغا كۆرسۈتۈپ تۇر ، - دىدى . بۇ سۆز ماڭا سەل ئېغىر كەلدى . بۇرنۇمنىڭ ئۈچى غۇژژىدە بولۇپ كۆزۈمگە ياش كەلدى .
توۋا !!! تولۇق ئوتتۇردا بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ كۈيۈشكەن 2 - 3يىل سىنىشىپ ئالىي مەكتەپكە چىقىپ يۈرۈشكەن ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندا 3 -شەخسنىڭ قولىدىن جىنىمنى تىكىپ قوپۇپ تالىشىپ قىز تەككەن ئېرىم بىلەن بىر پارچە قەغەز بىلەن يات بولۇشۇپ كەتتۇق . ئەر - ئاياللىق مىﻬرىمۇ ياكى ساۋاقداشلىق مىﻬرىمۇ ئىشقىلىپ ئارىمىزدا ئاجايىپ بىر خىل نازۇك ئەمما مۇستەﻫكەم مۇﻫەببەت ﻫىلىﻬەم ساقلانماقتا ئىدى .
ئۆزىغۇ ئاق كۆڭۈل ، يوۋاش ئىدى ، ئەمما پولى يوق ، ﻫەي !!!
توي قىلغان ئېيدىلا بويۇمدا قىلىشى ئۇنى ۋە ئاتا - ئانسىنى چەكسز خوشال قىلغان بىلەن مېنىڭ بېشىمغا تۈگىمەس غەم ئېلىپ كەلگەن ئىدى . ﻫوجرا ئۆيىمىزنى گۈلدەك ياسىۋالغان بىلەن سوغۇقلىقىدىن ئۆي ئىچىدە تالادىنمۇ قېلىن كىيىپ ئولتۇراتتۇق . ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلار بىلەن بىر قورودا ئىدۇق . خىيالىم چوڭراق ئۆي ئېلىپ ئاندىن بالىلىق بولۇش ئىدى . « ئۆيدىكى ﻫىساۋات بازاغا توغرا كەلمەي » قالدى . قولىمىزدا ئىقتىساد يوقلىقىنى باﻫانە قىلسام ئۇ :
-- سەن نىمىگە غەم قىلىسەن ، تويدا چۈشكەن پۇلغا ياخشىراق پاي چىكى ئېلىپ قويساق ، بالا توغۇلغىچە خېلى پۇللۇق بۇلۇپ قالىمىز ، بالىنىڭ رىسقىنى خۇدا بېرىدۇ ، - دەپ ئاغزىمىنى توۋاقلاپلا قويدى .
ئاي كۈنۈم توشۇپ ، پەرىشتىدەك بىر قىز يەڭگىدىم ، شېرىن ئايدا ﻫامىلدار بولغاچقا شېرىئاي دەپ ئىسىم قويدۇق . توغۇتقا كەتكەن 6000 سومغا يىقىن پۇل ئۈچۈن ئېرىم تەرەپ - تەرەپكە چېپىشقا مەجبۇر بولدى . چۇنكى ئۇنىڭ ئالغان پاي چىكى چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن قولىمىزدا نەق پۇل يوق ئىدى . ﻫېلىمۇ ﻫۆكۈمەتكە ئىشلەپ قويۇپتىكەنمەن . 5000 سومغا يېقىن پۇلنى ئىدارىدىن ئاتچوت قىلىپ بەردى .
قىرىقىم توشۇپ ئۇنىڭ چوڭ ئۆيىگە يوتكەپ كېلىندىم . بالا ئۈچ ئايغا توشمايلا ئۇ كاماندرۇپكىغا ماڭدى . تۇلۇق ئوتتۇردىن تارتىپ كۈندە بىللە بولغاچقىمۇ ئۇنىڭ يوقلىغى بەكمۇ بىلىندى . كۈندۈزدىغۇ خىزمەت ئالدىراشلىغىدا بىلىنمەيدىكەن . كىچىىسى چارچاپ كەتكەندە ، بالا يىغلىغاندا ئۇنىڭ يوقلىغى بىلىنەتتى . ئامال قانچە مىڭ كۆرگۈم كەلسىمۇ قىيىن ئانام ، قېيىن ئاتامنىڭ ئالدىدا چاندۇرمىدىم . ئولارغىمۇ تەستە ، يۈرەك باغرىنى يېرىپ چىققان بالسىدىن ئايرىلىش . بالسىنىڭ ئوتىنى باسار ﻫەم ئېرى يوق خوتۇننىڭ نامى يامان دەپ ئۆيۈمگىمۇ چىقىپ كەتمەي چوڭ ئۆيدىلا تۇردۈم ، ئۇ 3 - 4 ئايدا بىر كىلىپ ﻫەپتە ئون كۈن تۇرۈپ كىتەتتى . چوڭلاردىن نۇمۇس قىلىپ ئۆيىمىزگە چىقىپ كىتىش توغۇرلۇق ئېغىزمۇ ئاچالمايتۇق . كىلەتتىيۇ خوددى مېﻬماندەك كېتىپ قالاتتى .
كۈنلەر ﻫەش - پەش دىگۈچە ئۆتەتتى . ئۇ ﻫەر قېتىم كەلگەندە قىلغان قوۇرلۇشتىن زىيان چىقتى دەپ قاقشايتتى . مەنمۇ ئۆزەمنىڭ مۇئاشى بالا ئىككىمىزگە يەتكەچكە ئۈنىڭ پۇلنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ كەتمەيتتىم .
پۇل ئەركىشىنىڭ قولىنىڭ كىرى ، پۇل تاپمىسا ئەقىل تاپار دېگەندە ئۈمىدتە ئىدىم . بالا ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندە چوڭلارنىڭ قارشى چىققىنىغا قارىماي يەسلىگە بەردىم . ئۇمۇ ئالغان قورۇلۇشتىن چوڭ زىيان تارتىپ كېتىپ قايتىپ كەلدى . ئىدارىسى قورۇلۇشنىڭ زىيان تارتىش سەۋەبى ئىنىقلانغىچە ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇر دەپ ئۇنى چىرايلىقچە يولغا سېلىپ قويدى . چوڭلارمۇ چىقىپ ئۆيۇڭلارنى تۇتۈڭلار دىيىشتى .
ئۆيىمىزگە يېنىپ چىقتۇق . بىراق ئوچ جاننىڭ غېمى ماڭا يۈكلەندى . ئۇ شۇ ئولتۇرغانچە ساق بىر يىل ئولتۇرۇپ كەتتى . كۈندۈزى ئۆيدىن چىقماي تورغا چىققاتتى . كەچتە ئاغىنىلىرى بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ چىقىپ كېتىپ قاچان كىرگەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالاتتىم .
بىر كۈنى ئىدارىدىن تېلىفۇن كېلىپ ئۇنى ئىشقا چۈشسۇن دېدى . ئۇف خۇدا ، دەيتتىم ئىچىمدە . ﻫېچ بولمىسا بالنىڭ يەسلى پۇلىغا بولسىمۇ ئىشلەر بىر ئايدا . ئىشقا چۈشۈپ ﻫەپتە ئۆتمەي يەنە كاماندىرۇپكىغا ماڭدى . بالىمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالغاچغا مىنىڭ قولۇممۇ سەل بۇشۇنۇپ قالغان ئىدى . بىر كۈنلەردە مەنمۇ تورغا چىقىدىغان بولىۋالدىم . مۇنبەر كۆرۈپ تېمىلارغا ئانچە - مۇنچە ئىنكاسمۇ يېزىپ قويدىغان بولدۇم . ئۆزەمچە ئېرىم يوق چاغدا رېستۇرانمۇ - رېستۇران يۈرگەندىن مۇشۇ ئىشمۇ بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم . ئۇزۇن ئۆتمەي مۇنبەردە ئۇنىڭ - بۇنىڭدىن ئۈچۈر كىلىپ چ چ رىمنى سورىغىلى تۇردى . ئەتىسلا ئىدارىغا بېرىپ يولداشلارنىڭ ياردىمىدە چ چ لىقمۇ بولۇپ قالدىم . شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭ ئىشىم چ چ دا پاراڭلىشىشلا بولدى . ئەتىگەندە كىلىپ بىر كۈنلۈك ئىشنى ﻫاپىلا - شاپىلا قىلىۋىتىپ ، چ چ دا ئالدىراش بۇلۇپ كېتەتتىم . بىر كۈنى مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى مىنى تاماققا تەكلىپ قىلدى . ياق دەي دېسەم تەربىيە كۆرمىگەنكەن دەپ قالمىسۇن دەپ ماقۇل بولدۇم .

چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۇ ئىدارىغا مىنى ئالغىلى كېلىدىغان بولدى . سائەت ئاخىرى توشتى . بىنادىن چۈشۈپلا بىر پارچە لاتا تۇتقىنىچە ماشىنىسىنى سۈرتۈپ پاقىرتىۋاتقان يىگىتنىڭ دەل مەن كۆرۈشمەكچى بولغان « باشلىق » ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم . يىراقتىن ماڭا دىققەت قىلىۋاتقان ئادەم مەن يېقىنلاشقانسىرى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىدى . -- ئەسسالام باشلىق ئەپەندىم . ئىككى قولۇم بىلەن مەيدەمنى تۇتۇپ ئىگىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تازىم بەردىم . ئۇ كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى . مەن سەل ئوڭايسىز ئەﻫۋالغا چۈشۈپ قالدىم . ئۇ ﻫودۇققىنىچە :
-- ۋەئەلەيكوم ئەسسالام . توۋا ... سىز مەن ساقلاۋاتقان كەۋسەرما ؟
-- قانداق ؟ مەن ، مەن ... سىز ئويلىغاندەك ئەمەسمىكەنمەن ؟
-- ﻫا ﻫا ... ماشىنىغا چىقىڭ ، ماڭغاچ پاراڭلىشايلى .
ماشىنىغا چىقتىم . ئەمما ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىنىمگە بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم . دىمىسىمۇ ئۇ قارا قاشلىق ، بۇرۇنلىرى قىڭراقتەك ، قوي كۆزلۈك بەكمۇ كېلىشكەن ئىدى . ئۇ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ :
-- كىممۇ سىزنى بىر بالىنىڭ ئانىسى دەيدۇ ؟ بەكمۇ ياش كۆرۈنىدىكەنسىز . 18 ياشلىق قىزلار قالسۇن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا .
ئۇف !!! ﻫەنىم بولسا دىدىم ئىچىمدە . ئۇ چىن كۆڭلىدىن دىدىمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . ئەمما توغۇپ قوپۇپ فىگورۇمدىن كەتمەسلىكىم ، دوستلىرىم ﻫەم خىزمەتداشلىرىم يىتەلمەيۋاتقان بىر سىر ئىدى . ئەمدى بايامقى خىياللىرىم ئالىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى . شەﻫەر ئىچىدىن خېلى يىراق تېز تاماقخانىدا غىزالانغاچ كونا دوستلاردەك قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق . تاماقتىن كېيىن ئۇ ماشىنىسىنى يامانلىق تاغقا ﻫەيدىدى . ﻫاۋا بەكمۇ ئىسسىق بولغاچقا بۇ يەرنىڭ سالقىن ﻫاۋاسى تەنگە ﻫوزۇر بىغىشلايتتى .
-- چۈشتىن كىيىن ئىشقا بارماڭچۇ ، بىردەم پاراڭلىشايلى ... ماڭىمۇ بۇ گەپ خوشياقتى - دە باشلىققا تېلىفۇن قىلىپ قويدۇم .
ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بەردى . ئوقۇش پۇتتۈرۈپ يورتىغا قايتىپ بېرىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ زورلىشى بىلەن بىر قىز بىلەن توي قىلغانلىقنى ، ﻫەم بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانلىقنى ، كېيىن مىجەزى كېلىشەلمەي ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ ، خىزمەتنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە يېنىپ چىققانلىقىنى ، ﻫازىر بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شېركەتتە ئىشلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى .
-- سىزچو خانقىز ؟ ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرمامسىز ؟ نېمە ئۈچۈن كېچىدە ئوخلىماي توردا يۈرىسىز ؟ سىزمۇ ئاجراشقانمۇ يە ؟
-- تىلىڭىزغا تاش ، ئۇنداق ئىشلار سىزنىڭ بىشىڭىزدىنلا كەتسۇن . بالىنى يىتىم قىلغىممۇ يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز تەككەن ئېرىم ...
-- كىمنىڭمۇ بالىنى يىتىم قىلغۇسى بار دەيسىز ؟ باشقا كەلگەندە بىلىسىز ...
تاغدىن - باغدىن سۆزلەپ بالىنىڭ ئەچىقىدىغان ۋاقتىمۇ توشۇپ قالغان ئىدى . ئۇ مىنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ، مەن بىلەن بىللە بالىنىڭ قېشىغا باردى . قىزىم باشتا كۆرۈپ سەل يىتىرقىغان ئىدى . ئۇ ماروژنا ، شاكىلات بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىر دەمدىلا ئىلىۋالدى . كەچلىك تاماقتىن كېيىن قىزىمنى ماشىنىسغا سېلىپ ئۈرۈمچىنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنى سەيلە قىلدۇرۇپ كەلدى .
سائەت 10دىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى . ئەمما مېنىڭ ئۇنىڭدىن پەقەتلا ئايرىلغىم كەلمەيۋاتاتتى . ئامالسىز ئۇنىڭغا رەﻫمەت ئېيتىپ قىزىم بىلەن ئايرىلماقچى بولدۇم :
-- كىرىپ كىتەمسىلەر ؟ كەچتە تورغا چىقامسىز ؟
-- ئاپا يەنە بىردەم ئوينايلىچۇ ؟ يالغۇز ئۆيدىن زېرىكتىم .
-- قىزىم ئەتە مەكتەپكە بارىسىز ... توردا كۆرۈشەيلى .
قىزىمنى يېتىلەپ ئۇنىڭغا قىيمىغان ﻫالدا ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭدىم . ئۆيگە كىرىپ ئۆزەمنى كارۋىتىمغا ئاتتىم . شۇندىلا ئۆزەمنى بەكمۇ بىچارە ، بەختسىز ﻫېس قىلدىم . شۇنچە يىلدىن تۇرمۇشۇمدا زادى نىمىنىڭ كەملىكىنى بىلەلمىگەن ئىدىم . بۆگۈن ئاخىرى تاپتىم ، ئۇ بولسىمۇ مۇﻫەببەت ...


شۇنىڭدىن ئېتىبارەن « باشلىق » تۇرمۇشۇمدىكى ئەڭ چوڭ يۆلەنچىگىم بولۇپ قالدى . خىزمەت ئالدىراش كۈنلىرى قىزىمنى يەسلىدىن ئىلىپ كىلىشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپە ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭغا يۈكلەندى .
بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ قىزىمنى يېتىلەپ « ئارمان » تاللا بازىرىغا باردىم . پول تاپشۇردىغان چاغدا ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇشى ﻫەم مەرتلىك بىلەن ﻫىساۋات قىلىشى مىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى . توۋا شۇنچە يىل ئۆي تۇتقان يولدۇشۇم بىرەر قېتىممۇ ... ﻫەي نىمىسىنى دەي ، قانداقمۇ سىلىشتۇراي ...
بۇ رومانتىك ، گۈزەل يازمۇ ﻫەش - پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كېتىپ ، ئۈرۈمچىنىڭ زېرىكىشلىك كۈز پەسلى كەلدى . نەچچە كۈندىن بېرى قىسقا - قىسقا يۆتۈلۈپ تورىۋاتقان قىزىم بىر كېچىسى تويۇقسىز قىزىپ كەتتى . تەمتىرەپ زادى نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم . بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە چوڭ ئۆيگە تېلىفۇن قىلىشنى تازا لايىق كۆرمىدىم . بارماقلىرىم ئىختىيارسىز ئۇنىڭ نومۇرىنى باسماقتا ئىدى . تېلىفۇندا نىمىلەرنى دىگىنىم ئېسىمدە يوق ، 10مىنوت ئۆتمەي ئۇ ئۈنۈپ بولدى :
-- شېرىن قىزىم قانداقراق ئەﻫۋالىڭىز ؟ - دىگىنىچە ئۇنىڭ پىشانىسىنى تۇتتى . قىزىممۇ ئۈنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئۇنىڭ باغرىغا ئاتتى .
-- بالا قىزىپ مۇشۇ ﻫالاتكە يەتكۈچە نىمە قىلدىڭىز ، دەرﻫال كىيىملىرىنى كىيىندۈرۈڭ ، دوختۇرغا بارايلى .
ئۇ دوختۇرخانىدا نومۇر ئېلىش ، قان تەكشۇرتۈش ، پۇل تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىزىمنى كۈتەرگىنىچە چاپاتتى . كاناي ياللۇغى بالىنى قىزىتقان ئىكەن . ئۈچ كۈنلۈك ئاسما ئوكۇل ئۇرىدىغان بولدى . قىزىتما ياندۇرۇش ئوكۇلى ۋە ئاسما ئوكۇلنىڭ تەسىرىدىن قىزىم ئاستا - ئاستا ياخشىلىنىشقا باشلىدى . « باشلىق » بىردەم ئۇنىڭغا قايناقسۇ قويۇپ ئىچكۈزسە ، بىردەم ئۇنىڭغا ﻫەر خىل ئويۇنلارنى كۆرسىتىپ كۈلدۈرەتتى . ئوكۇل تۈگەپ ئۆيگە كەلسەك سائەت ئۈچ بولاي دەپتۇ .
-- بىر پىيالە چاي ئىچكەچ ﻫاردۇغىڭىزنى ئېلىۋىلىپ ئاندىن مېڭىڭ ، - دېدىم مەن تەكەللۇپ يۈزىسىدىن .
--ئاپا !!! شاۋكەت دادام كەتمىسۈن ، مەن يەنە قىزىپ كەتسەم مىنى كىم دوختۇرغا ئاپىرىدۇ ، - دىدى قىزىم نارازىلىق بىلەن .
--شۇ ئەمەسمۇ ؟ ئاپىڭىز قاچان چوڭ بۇلىدىكىن تاڭ ، - دىدى « باشلىق » .
مەن مىيىقىمدا كۈلۈپ قويۇپ ، چاپاننى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم ، ئۇ ئامالسىز يولىغا راۋان بولدى . قىزىم ئۆزىنى كارىۋىتىغا تاشلاپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى .
-- نىگارنىڭمۇ دادىسى بار ، ئېلزاتنىڭمۇ دادىسى بار ، مىنىڭ دادام نىمدەپ ئاغرىپ قالساممۇ كەلمەيدۇ ؟ دادام زادى مېنى ياخشى كۆرەمدۇ يوق ...
قىزىمنىڭ نالىسى يۈرۈگۈمنى ئەزمەكتە ئىدى . قانداقلا بەزلىسەم يىغىسى بارغانچە ئەۋجىگە چىقماقتا ئىدى . مىنىڭمۇ تاقىتىم توشۇپ ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ ، ياتاق ئۆيۈمگە چىقىپ كەتتىم .
ئەتىسى ئەتتىگەن تۇرۇپ ناشتىلىقتىن كېيىنلا يولدۇشۇمغا تېلىفۇن قىلدىم . ﻫېچ بولمىسا قىزىمغا روﻫىي جەﻫەتتىن بولسىمۇ مەدەت بېرىپ قويارمىكىن دىسەم :
-- مەن ﻫازىر سەل ئالدىراش ، ئۆزەڭ بىر ئامال قىلە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ﻫازىر مەندە پۇل يوق ، ئۆزۈڭ ئامال قىلىپ تۇرە .
-- مەن قاچان سىزدىن پۇل سوراپ باققان . بالا ئۈچ ياشتىن ئاشتى بىرەر قىتىم بالىنى دوختۇرغا كۆرسۈتۈپ باقتىڭىزمۇ ؟ بىرەر پايپاق ئىلىپ بەردىڭىزمۇ ؟ بىرەر قىتىم يەسلى پۇلىنى تاپشۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ دادىنىڭ پەقەت بالا تېپىشلا مەجبۇريىتى بارما ؟ ماڭا پۇلىڭىز كېرەك ئەمەس ، ئىككى ئېغىز بولسىمۇ تەسەللىي بەرگەنگە ئۆلۈپ قالامتىڭىز ... بالنىڭ ئالدىدىلا ئۆزەمنى توتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم .
-- ئاپا يىغلىماڭ ، ئەمدى ﻫەرگىز سىزنىڭ ئالدىڭىزدا دادامنىڭ جىدىلىنى قىلمايمەن ، شاۋكەت دادام مېنى كۈندە بىر قېتىم كۆرۈپ كەتسە بولدىغۇ ؟ مەنمۇ دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا دادامنىڭ ماشىنىسى بار دەيمەن ﻫەم ئۇلارغا كۆرسۈتۈپ قويىمەن .
قىزىمنىڭ ﻫەر قىتىم دادامنىڭ قاچان پۇلى ، ماشنىسى بولىدۇ ، قاچان مىنى باغچىغا ئېلىپ بارىدۇ دىگەن سوئاللىرىغا سۈكۈت بىلەن جاۋاپ قايتۇرغان ئىدىم ، بۇ قېتىمقى سوئالىمۇ جاۋاپسىز قالدى .
قىزىمغا ئاخشامقى ئىشلارنى بۇۋا - مۇمىلىرىغا تىنماسلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ ، چوڭ ئۆيگە ئېلىپ كىردىم . قېيىن ئانامغا بالىنىڭ مىجەزىنىڭ يوقلىقىنى ، مەن ئىدارىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ قويۇپ يېنىپ كىلىپ ئوكۇلغا ئاپىردىغانلىقىمنى دەپ قويۇپ يېنىپ چىقتىم ، ئوزاق ماڭمايلا ئۇنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ ﻫەيران قالدىم . ئۇ ماشىنىدىن چاچلىرى چۇۋۇلغان ﻫالدا چۈشتى .
-- ئاخشام كەتمەي ماشىنىدىلا ياتتىم ، ئويلاپ باقسام شېرىننى دوختۇرغا ئاپارمىساق بولمىغۇدەك ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ئالدىراش ، مەنلا ئاپىراي دەپ ...
ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئۈنىڭغا تۇتقۇزۈپ :
-- ئۆيگە كىرىپ ئارام ئالغاچ تۇرۇڭ ، مەنمۇ چۈشكىچە يىنىپ كېلىمەن ، چۈشتىن كىيىن ئاپارايلى ، - دىدىمدە يوغان - يوغان چامداپ ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم . كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى ، يۈرۈكىمنى بىر تەرەپتىن تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپ قىينىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن غۇۋا ، بەكمۇ يىراق بىر بەخت شېرىن لەرزىگە سالماقتا ئىدى .
-----------------------------
ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇللا چوڭ ئۆيگە كىردىم . قىزىمنىڭ قولىدىكى ئالدىنقى كۈنى« باشلىق » ئېلىپ بەرگەن قۇنچاقنى كۆرۈپ پۇت - قۇلۇمدا جان قالمىدى . قىزىمنى ئاستا بالكونغا ئەپچىقىپ قۇنچاقنى قاچان ئىلىپ چىققانلىقىنى سورىدىم .
-- بايا مۇمام بىلەن كىرىپ ئەچىقتىم ، ئاپا خاپا بولدىڭىزما ؟
ئاﻫ خۇدا ﻫەممە ئىش تۈگىدى ، ئەمدى قانداق چۈشەندۈرگەن بىلەن ئۇرنىغا كەلمەيتى . چوڭلارنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ پېتىنالمىدىم ، مەن تاماقنى ئەمەس ، تاماق مىنى يەۋاتاتتى . دۇئادىن كىيىن قىزىمنى يىتلەپ ئۆينىڭ قوڭغۇرىقىنى خېلى ئۇزۇن باسقان بولساممۇ ئىشىك ئىچىلمىدى . ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم .
-- جىندەك ساقلاپ تۇرۇڭلار ، مەن ﻫازىرلا بارىمەن . يۈرۈكۈم ئەمدى جايىغا چۈشتى . ئۇنىڭ ماشىنىسىمۇ دەرۋازا ئالدىدا پەيدا بولدى . قىزىم يۈگۈرگىنىچە ئۇنىڭ قۇچىغىغا چىقىپ :
-- ئاپام سىز ئېلىپ بەرگەن قۇنچاقنى چوڭ ئويگە ئېلىپ چىقسام خاپا بولدى ، -دېدى .
مەن ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم . بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى پەقەتلا تۇتالمىدىم .
-- ئەخمەق قىز ، مەن بەش ياشلىق كىچىك بالا ئەمەس ، قوغلاپ چىقارسىڭىزمۇ بىزىرىپ كىرىۋالىدىغان . چاقچاق ... ئېسىڭىزدە بولسۇن ﻫەرگىزمۇ سىزنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىپ قويمايمەن ... كەۋسەر گاﻫىدا سىزنى شېرىندىنمۇ كىچىكتەك ﻫېس قىلىمەن . سىزنىڭ گۆدەك ، ئاق كۆڭۈللىكىڭىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن . سىز بەك ئۇماق .
بالىنىڭ ئالدىدا يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم . دەرﻫال گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتىم . ئوكۇلدىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ قاتتىق ئويلاندىم . كىچىككىنە ئاۋارچىلىقتىن قورقۇپ ﻫەم بىرسىنىڭ نىكاﻫدا تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى خاتا دەپ يەكۈن چىقاردىم . ئۇنىڭ چ چ نومۇرىنى ، تېلىفۇن نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ ، ئەتىدىن باشلاپ ئىشنى يىڭىدىن باشلىماقچى بولدۇم .
ئەتىگەندە ئىشخانىغا كەلدىمدە تېلىفۇننىڭ سىمىنى چىقىرۋېتىپ ، ئىشىكنى چىڭ تاقاپ يەنە خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولدۇم .
توي قىلىپلا بويۇمدا قالدى ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن چوڭلار بىلەن بىللە تۇردۇق . ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئۆيدە بولغان چاغلىرىدا مەن ئىشتىن چۈشۈپ كەلسەملا ئۇ دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتى . گەرچە ئۇنىڭ يۈزىگە « پۇل تاپالمىدىڭ » دەپ سالمىغىنىم بىلەن مەن خوتۇنلۇق مەجبۇرىيتىمنى زادى قانچىلىك ئادا قىلدىم ؟ توي قىلىش ياخشى كۆرگەن ئىككى ئادەمنىڭ بىر ئۆيگە كىرىپ نوقۇل ﻫالدا ماددىي ئىﻬتىياجىنى قاندۇرۇشلا ئەمەسقۇ . بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بارلىق مۇﻫەببىتىمنى بالىغا بەردىم . ئۇنىڭغىچۇ ؟ ئۇ يىقىلغاندا مەن يۆلەك بولالىدىممۇ ؟ ئۇنىڭغا مەدەت بېرەلىدىممۇ ؟ مۇشۇنداق قىلىپ شۇنچە يىللىق مۇﻫەببىتىمىزنى قۇربان قىلىۋېتىمىزمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن سەۋەپنى ئۇنىڭدىنلا ئىزدەيمەن ؟ ئەجىبا مەندىن قىلچىلىك سەۋەنلىك يوقما ؟
يىللىق دەم ئېلىشىمنى ئېلىپ ئەتىسىلا قىزىم ئىككىمىز ئۇنىڭ قېشىغا يول ئالدۇق . يول بويى قىزىمغا دادىسىنىڭ ئالدىدا « شاۋكەت » نامىنى تىلغا ئالماسلىق توغرىسىدا خىزمەت ئىشلىدىم . سەﻫەردە ناﻫىيە بازىرىغا بېرىپ مىﻬمانخانىغا ئورۇنلىشىپ ، يولدىشىمغا تېلىفۇن قىلدۇق . يولدۇشۇم بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي قېشىمىزغا كەلدى .
بىزنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى يېرىلىپ كىتەرمىكىن دىسەم ، مۇنداقلا كۆرۈشۈپ قىزىمنىڭ قىشىغا كەلدى . قىزىم يىتىرقاپ ئۇنىڭغا زادى ئۇنىمىدى . ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كىيىن دادىسىغا سەل يېقىنلىشىشقا باشلىدى . نىمىلا بولسۇن بالىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى دادىسىنىڭ قېنىدە .
ناﻫىيە بازىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزىلارنى بىردەمدىلا ئايلىنىپ بولدۇق . 11 - ئاي ۋاقىتلىرى بولغاچقا كۆرگىدەك مەنزىرە بولمىغاچ قىزىم بىردەمدىلا زېرىكتى . چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن ياتاققا يېنىپ كەلدۇق .
-- كاللاڭنىڭ ئازراق دەردى بارغۇ دەيمەن . مۇشۇ پۇلنى ئۈرۈمچىدە خەجلىسەڭچۇ ؟ بۇ يەرگە نېمە بار دەپ كەلدىڭ پەقەت چۈشەنمىدىم .
-- توۋا !!! پۇللا بولسا بولامدۇ ؟ مۇﻫەببەت دەپمۇ نەرسە بارغۇ ؟ سىز سېغىنمىغان بىلەن بىز سېغىندۇق .
-- مۇﻫەببەت !!! مۇﻫەببەتكە قوساق تويامدۇ ؟ مۇﻫەببەتكە ماشىنا كېلەمدۇ ؟ مىنىڭ « شاۋكەت دادام » دەك ماشىنام يوق ، پۇلۇم يوق ، سىلەرگە چوڭ - چوڭ خەجلەيدىغان ، ئوينىتىدىغان ... سەن ﻫازىرمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلامسەن ؟ كىم بىلىدۇ سېنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭنى ، خىتىڭنى ئال ، تىگىۋال شۇ « شاۋكەت دادام » غا !!!
بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . قىزىمنىڭ قايسى چاغلاردا ئۇ گەپلەرنى دادىسغا يەتكۈزۈپ بولغانلىقىغا ﻫەيران قالدىم .
ئۆزەمنى ئاقلاشنىمۇ خالىمىدىم . نەرسىلىرىمنى يېغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەييارلاندىم . قىزىم يىغلاپ تۇرۇپ :
-- سىزدەك دادام يوق ، ئاپامنى بۇزەك قىلدىڭىز !!! يەنە شاۋكەت دادام ياخشىكەن ...
قىزىم بىلەن گەرەجگە كېلىپ خوتەنگە قاراپ يولغا چىقتۇق . نەچچە ۋاقتتىن بېرى ئىچىمنى تاتلاۋاتقان نەرسە ئالىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى . ئۆزەمنى تولىمۇ يېنىك ﻫېس قىلاتتىم . خوتەنگە كېلىپ ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق . تاڭ سۈزۈلۈش بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدۇق . تاكسى دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە مەن قىزىمنى ئويغاتتىم . قىزىم كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ ماشىندىن چۈشۈپلا :
-- ئاپا شاۋكەت دادامنىڭ ماشىنىسى ، - دېگىنىچە يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى . ماشىنا ئىچىدىن يۈز - كۆزىنى ساقال باسقان ، ئورۇقلاپ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن « باشلىق » ﻫارغىن ﻫالدا چۈشۈپ كەلدى .
----------------------------------
يات جىنىسلاردىكى بەدەننىڭ بىۋاستە بىر - بىرىگە سۈركىلىشىلا مۇﻫەببەت ئەمەس . ئاياللار ئېنتىلىدىغان مۇﻫەببەت تۇلىمۇ نازۇك ، تولىمۇ مەۋﻫۇم . بىرەر ئېغىز تاتلىق گەپ ياكى ئوتلۇق بىر بېقىش ئاياللار يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى پىنﻬان تويغۇلىرىنى ئويغىتىدۇ ... -------------------------------------
-- ﻫاۋا سوغۇق ، ئۆيگە دەرﻫال كىرىپ كېتىڭلار . ئاپىڭىز بەرىبىر مېنى ئۆيگە كىرگۈزمەيدۇ . ماڭا سالامەت بولساڭلارلا بولدى .
قىزىم تەلەتىمگە قارىۋېتىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى . مەن ﻫارغىن ﻫالدا كومپىيۇتىرنى ئاچتىم . شاۋكەت بىر پارچە خەت قالدۇرغان ئىكەن .
'' كەۋسەر سىز بىلەن كۆرۈشمىگىلى بۈگۈن دەل ئۈچ كۈن بوپتۇ . سىزنىڭ ئۈن - تىنسىز يوقاپ كېتىشىڭىز مېنى بەكمۇ بىئارام قىلدى . بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈشەلمەسلىكىمىز مۈمكىن . نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىزنى ئالداپ كىلىۋاتقىنىمغا ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن . مېنى كەچۈرۈڭ ...
ئاتا - ئانامدىن كىچىكلا يېتىم قالغان ئىكەنمەن ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆزەم ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن توي قىلدىم . ئۇمۇ سىزدەك ئاقكۆڭۈل ، كۆيۈمچان ئىدى . « يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ » دېگەندەك توغۇتتا ئايالىم ۋە ئوغلۇمدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالدىم . ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدىكەن . بالام ۋە ئايالىمنى يەرلىككە قويىۋېتىپ خىزمەتنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلدىم . تۇرمۇشتا ئارقا - ئارقىدىن ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە توردىكى ئالدامچىلىقلار تۈپەيلى مەندە تاشتەك قاتتىق يۈرەك ، ﻫەممە ئادەمگە گۇمانىي نەزەردە قارايدىغان خاراكتىرنى شەكىللەندۇرۇدى .
سىز بىلەن باشتا تۇنۇشقان چاغلاردىمۇ سىزگە گۇمانىي نەزەردە قاراپ كەلدىم . ئەمما سىزدىكى سەمىمىيلىك ﻫەم قەيسەرلىك ماڭا تەسىر قىلدى . مەن ئاخىرى ئۆزۈمنى تاپتىم . كۈنىلار « قولى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق » دېيىشىدۇ ، ئەمما سىز ماڭا مەڭگۈ قولۇم يەتمەيدىغان « تاتلىق شاپتۇل » گاﻫىدا يولدىشىڭىزغا ئىچىم تارلىقى كېلىدۇ . سىزدەك دىيانەتلىك ئايال خۇددى ئۇنىڭغا زايا كەتكەندەك ﻫېس قىلىمەن . بىلىمەن سىز ئۇنى سۆيىسىز ، نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ سىزنىڭ تۇنجى سۆيگىنىڭىز ، ئۆزى سۆيگەن ئادەم ئۈچۈن ﻫەر قانداق قۇربانلىق بېرىش ئەرزىيدۇ .
مەن - مەن دېگەن قىزلارنىمۇ ئىككى ئېغىز شېرىن سۆز بىلەن ئېرىتىدىغان مەن سىزگە كەلگەندە كۆزىڭىزگىمۇ تىكىلىپ قاراشقا پىتىنالماسلىق سەۋەبىنى سىزدىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن سەزدىم . مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن . سىز مېنىڭ قەلبىمدىكى مۇنالىزارىم ، سىز مېنىڭ جىنىم ...
خەير جېنىم ، بەلكىم سىز بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقاندا مەن ئاللىقاچان بۇ شەﻫەردىن ئايرىلىپ بولغان بۇلىمەن . سىلەرگە بەخت تىلەيمەن ، شېرىنغا ياخشى قاراڭ ، ئۇنىمۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش قەيسەر ، دىيانەتلىك قىلىپ تەربىيلەپ چىقىڭ ! ''
شۇنىڭدىن باشلاپ باشلىق ئادەم دېڭىزىدا « ﻫورغا ئايلىنىپ » كەتتى .
« ئەر كىشىنىڭ يۇزىدە تۈكى بار » ، « ئايال كىشى ئاجىز » دېگەن گەپلەر ئاساسسىز ئېيتىلغان سۆزلەر ئەمەسكەن . يولدىشىم كاماندىرۇپكىدىن قايتىپ كېلىپلا ئاجرىشىش تەلىۋىنى ئوتتۇرغا قويدى . « ئىپپەتسىز » قىز كەچۈرۋېتىلگىنى بىلەن مەندەك « ئىپپەتسز » ئايالنىڭ كەچۈرۈلمەيدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى . ئىككىمىز مەسلىﻬەتلشىپ چىرايلىقچە ئاجراشماقچى بولدۇق . ئەمما ئىككى چوڭ ئۆيدىكىلەر بۇ ئىشقا قارشى چىقتى .
-- ئەينى چاغدا ئەر چىقمايدىغاندەك قىلىپ كەتتىڭ ، سىنىڭمۇ باشقىلاردىن ﻫېچ قالغۇچىلىگىڭ يوقتى . كۆزۈڭگە ئۇ شادا پاچاق قانداق كۆرۈنۈپ كەتتىكىن تاڭ . يا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئادەمگەرچىلىكى يوق ..، - ياشىنىپ قالغان ئانام ماڭا ئىچى ئاغرىپ مۇشۇنداق ئىگىز - پەس قايناپ كېتىۋاتاتتى .
-- زادى سېنىڭ نەرىڭ يارىماپتۇ ئۇ دوۋزاق شوتىسغا ؟
ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا « ئىپپەتسىز » بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتسام ، ئۆلۈپ بەرگەن بىلەنمۇ ئانامنىڭ ئالدىدا « گۇناﻫ » يىمنى يويالماسلىق تۇرغانلا گەپ ئىدى .
-- چىقىشالمىدۇق .
-- چىقىشالمىدۇق ؟ سەن باغدا ، ئۇ تاغدا يۈرۈپ قانداق چىقىشمىدىڭلار ؟ بالا توغۇلغاندىن تارتىپ سىرتتا يۈردى ، سەنمۇ ئاز جاپا تارتتىڭمۇ ؟ قارا تۇرۇقىڭغا ، ئۇرۇقلاپ شۇمەكتەك بولۇپ قالغىنىڭنى ؟ ... ياكى ئۇ يەردە بىرەرسى ياراپ قاپتۇمۇ ئۇنىڭغا ؟
-- ئانا ﻫازىر قايسى دەۋىر ؟ ئاجراشقان مەنلىما ؟ چوڭلارنى بۇ ئىشقا ئارلاشتۇرمايلى ، ئۇلاردىن مەن رازى . بالامنى شۇلار بولمىغان بولسا قانداق چوڭ قىلار ئىدىم . مەنمۇ 30 ياشتىن ئاشتىم ، ئۆزەمنىڭ ئىشىنى ئۆزەم بىر تەرەپ قىلالايمەن .
-- 72ئەۋلادىمنىڭ ئىچىدىن چىقمىغان ئىشنى سەن قىلىدىغان بولدۇڭ ، ئەگەر ئاجىراشساڭ بۇ ئۆيگە ئاياق باسقۇچى بولما !!!
ئەلمىساقتىن يۈز - ئابروي ، ئىپپەت - نۇمۇسنى جىنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ كىلىۋاتقان ئانام ئاچچىقىنى باسالماي دىگەن گەپلىرىنى كۆڭلۈمگە ئېلىپمۇ كەتمىدىم .
بۇ ياقتا قېيىن ئانام يىغلاپ - قاخشاپ ، يۈرۈكىنى يېرىپ چىققان بالىسنى قايرىپ قويۇپ مەن تەرەپكە ئۆتۈپلا كەتكەن ئىدى .
-- ئاپا ، بەلكىم تاشنىڭمۇ ئويلايدىغان يەرلىرى باردۇ . ئۇنىڭغىمۇ پۇرسەت بېرەيلى .
-- ئۇنىڭغا نىمە كەپتۇ ، شۇنچە يىلدىن بېرى بالىنى سىز باقسىڭىز ، ئۆزەمنىڭ ئوغلى ئەمما بۇ قانچىلىك ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالىدى ، سىزگە ، بالىسغا پايپاقچىلىق نەرسە ئېلىپ بېرىپ بېقىپتىمۇ ؟ قىزىم مەن ﻫەممىنى بىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، مىنىڭ پۇشتۇمدىن مۇشۇنداق نەرسىنىڭ يارىلىپ قالغىنىغا ﻫەيراق قىلىۋاتىمەن ، توۋا ...
-- ئاپا مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە ، بەلكىم ئۇنىڭ كاللىسىدىن مۇشۇ ئىشلار ئۆتمەيۋاتىدۇ . بىر مەزگىل ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرەيلى ، ئەمما سىلىدىن ئۆتۈنەي بايىقى گەپلەرنى ئۇنىڭغا ﻫەرگىز دىمىسىلە ، ئۇنىڭ ئىچى بەك كۈچلۈك ، ئىچىدىن تۈگۈشۈپ كېتىدۇ .
قىيىن ئانام ئىككىمىز خېلى ئۇزاق كۆز يېشى قىلىشتۇق . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشتۇق . گەرچە قىزىمغا ئىچىم ئاغرىغان بولسىمۇ ، پەقەت مۇشۇ يول بىلەنلا ئۆزەمنى ئاقلىيالايدىغان ﻫېسسىياتتا ئىدىم .
ئىدارىنىڭ بويتاقلار بىناسىغا تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلىرىمنىلا ئېلىپ كۆچۈپ كەلدىم . گەرچە ئۆي كىچىك ، 7 - قەۋەتتە بولسىمۇ ئەمما مەرى ئىسسىق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قاچانلا قارسا كۈلۈپلا تۇرىدىغان ، گىپى ئوچۇق ، ئويۇنچى خىزمەتدىشىم بىلەن بىللە تۇرۇش قىزىم ئىككىمىزنى بەكمۇ خوشال قىلاتتى . ئىشتىن چۈشۈپ مەن قىزىمنى ئەكەلگىچە ئۇ قىز تاماققا تەييارلىق قىلىپ تۇراتتى ، كىلىپ قولمۇ - قول تاماق قىلىشاتتۇق . كۆپۈنچە ﻫاللاردا ئۇ قىزنىڭ يىگىتى كېلىپ كەچلىك تاماقتا بىز بىلەن بىللە بۇلاتتى . تاماقتىن كېيىن تاغدىن -باغدىن پاراڭلىشاتتۇق . مىنىڭ دېگەن گەپلىرىمگە كۆپۇنچە ﻫاللاردا ئىككىسى ئۈچەيلىرى ئۈزۈلگىچە كۈلۈشەتتى .
-- توۋا ﻫەدە ، سىزنى تەكلىماكانغا كۈمۈپ قويۇپ ، نەچچە كۈندىن كېيىن قېزىپ چىقىرىپ ، بۇنىڭدىن بىر - ئىككى ئەسىر بۇرۇنقى « تەكلىماكان گۈزىلى » دەپ نام بەرسىمۇ بولىدۇ . مۇشۇ ئاددىي كاللىڭىز . سىز بۇ دۇنيادا بارمۇ يا ؟ شۇڭا يولدىشىڭىز ياراتماي قويىۋەتكەن سىزنى ، سىزدەك ئادەملەرنى ئاڭلىسا مۇزىيخانلار يوقىرى باﻫادا سىتىۋالامىش ، ئاسارە - ئەتىقىدە سىز ...
ﻫازىرقى ياشلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا تازا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ﻫېس قىلىپ جىق گەپ قىلمايتتىم . قىزىم ئىككىمىز ئىشىكىمىزنى يېپىۋىلىپ كىرىپ كىتەتتۇق . ئۇ ئىككىسىنىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرى زادى تۈگىمەيتتى ، يىگىتنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا كېتىپ قالغىنىنىمۇ بىلمەي قالاتتىم . ئۇلارنىڭ قىزغىن مۇڭداشقانلىرىنى كۆرۈپ ئالىي مەكتەپ ﻫاياتىم كۆز ئالدىمدا كىنۇ لېنتىسىدەك ئۆتەتتى .
-- ﻫەدە ئەتە روژدېستۋا بايرىمى ، شېرىننى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىڭىز يىگىتىم بىلەن ئۈچىمىز ئۆيدە ئۆتكۈزسەك قانداق ؟ - دەپ مەسلىﻬەت سورىدى خىزمەتدىشم . مەن ماقول بولدۇم .
ئەتسى ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ ﻫۈنەرلىرىنى چىقىرىپ 5 - 6 خىل سەي قورۇدۇق . يىگىتچاق بىر پوتۇلكا چەتنىڭ ﻫارىقى ۋە ئىككىمىزگە سوۋغات ئېلىپ ، جاڭ - جاڭ سوغۇقتا كاستيوم - بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ چەتئەللىكلەردەك كىرىپ كەلدى .
-- ﻫەدە سىزمۇ ئازراق ئىچىپ بېقىڭ ، ياخشى نېمە بۇ ، دەردىڭىزگە داۋا بولۇپ قالامدۇ تېخى .
-- ئەمىسە ئازراق قويۇڭ ، تېتىپ باقاي ، تېتىپ قالسا ئىككىڭلارغا قالماي قالامدۇ ؟
ئۈچ رومكا ئىچكەندىن كېيىن ماڭا ﻫاراق كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى . ئاغزىمغا كېلىۋاتقان گەپلەرگە ئۆزەممۇ ﻫەيران قالاتتىم ، ناتىق كەبى سۆزلەيتتىم ، يىغلايتتىم . ئىككەيلەن ئاخىرى چىقماس « پەلسەپە » لىرىمدىن زېرىككەن چېغى :
-- ﻫەدە بۈگۈن چىنىلەرنى مەن يۇياي ، سىز كىرىپ ئارام ئېلىڭ - دىدى .
ئورنۇمدىن تۇرسام بېشىم پىررىدە قېيىپ كەتتى ، ئىگىز - پەس دەسسەپ ئۆيۈمگە كىرىپ كارۋاتقا ئۆزەمنى تاشلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن . بىر ۋاقىتتا ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلدى . ئورنۇمدىن تۇرغۇچىلىكىم يوق ئىدى . ئۇ قىزنى ئاچامدىكى دېسەم ﻫېچ سادا چىقمىدى ، تاملارنى سىلاشتۇرۇپ قوپۇپ چىراقنى ياندۇرۇپ چىقتىم .
-- كىمۇ ؟
-- مەن تاش ، ئاچە ئىشىكىڭنى .
قورققىنىمدىن يېشىلىپ كەتتىم .
-- گېپىڭىز بولسا ئەتە كۈندۈزدە تېلىفۇندا دىيشىلى . ﻫازىر پەقەت مىجەزىم يوق ، - دېدىم . خىزمەتدىشىمنى نېمە دەپ قالاركىن دەپ نومۇستىن « ئۆلۈپ » كىتىۋاتاتتىم .
-- ياخشىلىقچە ئاچ ، بولمىسا ئىشىكنى چېقىپ كىرىمەن .
باشقىلارنىڭ ئۇيقىسىنى بۇزماي دەپ ئىشىكنى ئاچتىم . ئىككى ئاغىينىسى بىلەن ئۇ ئۆيگە باستۇرۇپ كىردى.
-- ئاغىنىلەر بۈگۈن مەن سىلەرگە ئۇنىڭ قانداقلىقىنى بىر كۆرسۈتۈپ قوياي ، -دىگىنىچە ياتاق ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىردى .
يوتقان - كۆرپىلەرنى ئۆرۈپ نىمىنىدۇر ئىزدەيتتى ، ئارقىدىنلا ئاشخانا ، ئوبۇرنىلارنى ئاختۇرۇپ چىقتى . مەن قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم .
-- ئاچە ماۋۇ ئىشىكنى ، ئۇستاتلىقىنى بۇنىڭ ...
-- تاش نېمە ئىزدەۋاتىسىز ؟ قىزىققۇ سىز ، كەچ بولغاندا ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىرىپ ئاختۇرۇشقا نىمە ﻫەددىڭىز ؟
-- ئۈچ - تۆت سائەت بۇرۇن مۇشۇ ئۆيگە كىرىپ كېتىپ چىقمىغان يىگىتنى ئىزدەۋاتىمەن ، ئىشكنى ئاچ دېدىم ساڭا !!!
شۇندىلا يىگىتچاقنىڭ تېخى قايتمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈدۈم ، ئاڭغىچە ئۇلارمۇ ئىشىكنى ئېچىپ چىقىشتى . ئىككەيلەننىڭ ﻫەم ئاغىنىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ مۇشۇ قىلىۋاتقان بىمەنىلىكلىرى ئۈچۈن يېرىلىپ كېتىۋاتاتتىم . ئارىنى جىمجىتلىق باستى . ﻫېچقايسىمىز ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتۇق .
-- تاماكا چىكە ئاكا ،- دىدى يىگىتچاق ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ .
-- ئولتۇرۇڭلار ، مەن چاي دەملەپ كىرەي - دىگنىچە چىقىپ كەتتى خىزمەتدىشىم .
يىگىتچاق كەيپىياتنى تەڭشەيمەن دەپ ئۇلاردىن ئۇنى- بۇنى سورايتتى . بىر ئېغىز جاۋاپتىن كىيىن ﻫەممەيلەن يەنە جىمجىت بولۇشۇپ كېتەتتۇق . كاللام قۇپقۇرۇق ، ئەمما يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىيتتى .
-- كەۋسەر كىيملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ چىقساڭ ، بىرەر يەرگە بېرىپ ياخشىراق پاراڭلىشىپ كەلسەك بوپتىكەن - دېدى تاش كۆزۈمنىڭ ئىچىگە بىچارىلارچە قاراپ . گەپ قىلساملا تۆكۈلۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتىم . بېشىمنى لىڭشىتىپ قوشۇلمىغانلىقىمنى ئىپادىلىدىم .
-- ۋاي قوپىڭە كەۋسەر ﻫەدە ، سىزنىڭ باﻫانىڭىزدا بىزمۇ ئويناپ كىلىلى ، - دىدى يىگىتچاق .
-- مىنى كەچۈر ، ئويلاپ باقسام سېنى تۈزۈك ئوينىتىپمۇ باقماپتىمەن ، بىر ئوينۇتۇپ كېلەي . قىزىمىزنىڭ ۋە بەش يىللىق ئەر - خوتۇنلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىسەنغۇ سەن . بۈگۈن بارلىق گۈناﻫلىرىمنى يۇياي ...
كاللامغا ئۇنىڭ ئاخىردا دېگەن گەپلىرى كىرمىدى . كۈنلەش دېمەك سۆيۈش دېمەك . گەرچە بۈگۈن باشقىلار ئالدىدا ئويۇن قويساقمۇ ئەمما ئۇنىڭ مېنى يەنىلا سۆيىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم . ئىسسىق بىر سېزىم بەدىنىمگە تارىماقتا ئىدى . مېنىڭ ﻫاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ :
-- بوپتۇ بۈگۈن بەك كەچ بولۇپ كەتتى . يېڭى يىل كۈنى ﻫەممىڭلارنى ئوينىتىپ كېلەي . ئەمما سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا شۇنىڭغا ۋەدە بېرەيكى2008 - يىلنىڭ 1 - كۈنى مەن كەۋسىرىمنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىمەن ، - دىگىنىچە چىڭ قوچاقلىدى . مەن يۈتتۈرۈپ قويغانغا شۇنچە يىل بولغان تونۇش سېزىم ، تونۇش ﻫىد ،كەڭ گەۋدە ئىچىدە ئېرىمەكتە ئىدىم .

----------------------------------
داۋامى بار
 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(40)
87%
دەسسەش
(6)
13%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !