سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

چاخچاقنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرەمدۇق چاخچاقچىنىڭمۇ؟

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-21 15:34مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئاتامان زىيارەت سانى: قېتىم

قەلەمكەش ئاكا ئاغىنەم ئابدۇرسۈل سىيتقا ئوچۇق خەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇرۇسۇل ئاكا ! ياخشى تۇرىۋاتامسەن ، مىھماندوس ، خۇش چاخچاق ، مەردانە ئوغلانلارنىڭ ئارىسىدا كۆلكە چاخچاق بىلەن ئولتۇرۇپ يەنە چاقچاقچىلارنىڭ تارىخى كەچۈرمىشلىرى بىلەن ئادەمنىڭ باغرىنى ئىزىدىغان رىئال قىسمەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ يۇرىۋاتامسەن ؟ سەن بىلەن ئالدىنقى يىلى توققۇس تارادا ھال مۇڭ بولغانچە مەن ئوقۇش سەۋەپلىك قايتا دىدارى مۇلاقەت بۇلۇش نىسپ بولمىغان بولسمۇ لىكىن سەن « ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلىدا ئۈزۇلدۇرمەي ئىلان قىلىۋاتقان چاخچاقچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدىكى تەسىرلىك ۋە چىن بايانلاردىن بەزىدە ھۇزۇر ئالسام بەزىدە كۆزلىرىمگە ياش ئىلىپ . ئۇلار بىلەن بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ ئۇلىنىشى ئۈچۈن كۆۋرۇك بۇلىۋاتقان ھالال ھەم سەمىمى ئەمگەكلىرىڭگە بولغان ھۈرمىتىم ئاشقان بولسا ، ئابلىكىم ھەسەننىڭ باھانىسى بىلەن ئابدۇخىلىل مىرخىلىل ئاكنىڭ خۇشچاقچاق ئوچۇق مىجەزى . دولقۇن روزىنىڭ ئۆتكۇر پىكىرلىرى . شەۋكەت ئىبراھىمنىڭ سەممىيتى . ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ تەمكىن ۋە ئوچۇقلىغى . شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى بىر جۈپ گۈل بولغان دىلمۇھەممەد جەفەرى ۋە ئابلەھەت زەپەرىلەر بىلەن تونۇشقانلىغىمدىن پەخىرلىك ھىسياتقا چۈمدۇم
شۇ تاپتا چاخچاق ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىگە يات بىر ماكاندا ئولتۇرۇپ سىلەر بىلەن قىسقا ئەمما كۆڭۇللۇك ئۆتكەن بىر نەچچە كۇنلۇك ھاياتىم توغۇرسىدا ئويلىنىپ غىرىپچلىق خاندانغا مەھكۇم بولغىنىمدا ئوت يۇرەك شائىر قەلەمكەشلەرگە . سەنئەتكارلارغا ، ئىلى باللىرىنىڭ بىشىغا نى نى قىسمەتلەر كەلسمۇ ئەسىرلەردىن بىرى دىھقانغا ئوزۇق ، شائىرغا ئىلھام بۇلۇپ ئەلنى ئۆز ئانىسدەك باغرىغا ئىلىپ پەرۋىش ئەتكەنچە ئۆز سەپىرىنى داۋام ئېتىدىغان دولقۇنلۇق ئىلى دەرياسى ۋە سىلەرنىڭ ئايىغىڭلارغا پايانداز بۇلىۋاتقان خۇشپۇراق گۈل باغلار بىلەن ھاياتنىڭ پەيزىنى سەن بىلەن بىللە سۇرىدىغان بارلىق قەدىردانلارغا سەن ئارقىلىق سالام يوللۇغۇم كەلدى
چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولسام ھەرگىزمۇ غىرىپسنماس ئىدىم . ياقا يۇرىتتا ئولتۇرۇپ سىلەرنىڭ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام ئىتىدىغان سورۇنلىرىڭلارنى ئەدەبىيات ، تارىخ ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ ئۇچۇرششىلىرىنى . ئەسئەت ئابدۇرشىتنىڭ چىراينى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ قىلىدىغان چاخچاقلىرىنى ئاڭلاشقا . ئاۋاز قوشۇشقا مۇيەسسەر بۇلار ئىدىم . دەپ ئويلاپ بارلىق بۇرادەرلەرنى چۇڭقۇر سىغىنىش ئىچىدە ئەسلىدىم
مەن دوستلارغا سەن ئارقىلىق سالام يوللاش بىلەن بىرگە سەن بىلەن ئىلى چاخچاقلىرى ۋە چاقچاقچىلىرى ھەققىدە ئورتاقلاشماقچى . بۇ مەسلە مىنى ئىزچىل ئويغا سىلىپ كىلىۋاتقان بولغاچقا بەزى كۆڭۈل سۆزلىرىمنى سالامىم بىلەن قوشۇپ ئېيتىش قارارغا كەلدىم
ئاتا بوۋىلىرىمىز ھۇنەر نەسەپتىن ئارتۇق دەپ ئەر كىشىنىڭ ھۇنەر ۋە ماھارەت يىتىلدۇرشى توغۇرلۇق بىزگە نەسىھەت قىلىپ ئەر كىشىنىڭ يۇزىنى يورۇق قىلىدىغان ئون خىل ماھارەت ھەققىدە سۆزلەپ ئەڭ ياخشسى سۆزلەش ماھارىتى دىگەن ئىكەن . قابۇسنامىدە بۇ توغۇرلۇق مۇنداق بىر گەپ بار . ئەي ئوغۇل تىرىشىپ تىلىڭنى سۆزلەش ماھارىتى ۋە پاساھەت بىلەن بىزىگەيسەن . خەلىققە تاتلىق تىل بىلەن گۈزەل سۆزلەشنى ئادەت قىلغايسەن . ھەركىمنىڭ تىلى تاتلىق بولسا ئۇنىڭ دوستى كۆپ بۇلىدۇ . سۆزگە ئۇستا كىشى ھەر بىر سۆزنىڭ ئورنىنى تاپمىسا ئىيتمايدۇ . چۇنكى ھەر قانداق سۆز ئۆز جايىدا سۆزلەنمىسە ھەر قانچە گۈزەل بولسىمۇ تېتىقسىز بىلىنىدۇ (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(29)
85.3%
دەسسەش
(5)
14.7%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !