ۋاڭ مېڭ: ‹‹بىزنىڭ دەۋرىمىز، بىزنىڭ ئوقۇيدىغىنىمىز›› تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر جېلىل
--خەلق گېزىتى باش مۇھەررىر ئىشخانىسى مەدەنىيەت -ئاخبارات بۆلۈمى، خەلق تورى مەدەنىيەت قانىلى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
[مەدەنىيەت مۇنبىرى، ئۈچىنچى سان] ۋاڭ مېڭ: كىتاپ ئوقۇش بىرخىل سالاپەت.
بىر قانچە كۈندىن كېيىن بىز 14-قېتىملىق دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنىنى كۈتىۋالىمىز. ھەر قانداق بىر ئادەم، ياكى بىر مىللەت، بىر دۆلەتكە نىسبەتەن كىتاپ ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەممەيلەنگە ئىنتايىن ئايدىڭ. بۇ دەۋىردە بىز قانداق قىلىپ ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك؟ قانداق قىلىپ كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزلىكسىز ھالدا نەزەر دائىرىمىزنى ئېچىپ كۆڭلى-كۆكسىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا ۋە كەڭلىككە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك؟ 4-ئاينىڭ 16-كۈنى داڭلىق يازغۇچى، ئەدىپ ۋاڭ مېڭ ئەپەندى گېزىتىمىزنىڭ ‹‹مەدەنيەت مۇنبىرى›› سەھىپىسىگە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىپ ‹‹بىزنىڭ دەۋرىمىز، بىزنىڭ ئوقۇيدىغىنىمىز›› دىگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى، ھەم گېزىتىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇش، كىتاپنى بالدۇر ئوقۇش، باشقىلاردىن بۇرۇن ئۇقۇش، كىلاسسىك ئەسەرلەنى كۆپ ئوقۇش كېرەك. مۇخبىر: ئەدەبىيات سورۇننىڭ ‹‹دائىم كۆركىرىپ تۇرىدىغان دەرىخى›› بولۇش سۈپىتىڭىز بىەن مۇۋاپىق ۋاقىتتا يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمە بىلەن شۇغۇنلىنىدىكەنسىز، بۇ ھەقتىكى تەسىراتىڭىزنى بىلىپ باقساق بولامدۇ؟ بىرىنچى، كىتاپنى بالدۇر ئوقۇش لازىم. ياشلىق مەزگىلىدە قانچە بالدۇر كىتاپ ئوقۇسا ئۇنىڭ تەسىرىمۇ شۇنچە چۇڭقۇر بولىدۇ. مەسىلەن مەن بەزى چاغلاردا تېخى كونىچە شېئىرلارنىمۇ يېزىپ قويىمەن، ئومۇمەن ھەممىسى قائىدىگە چۈشىدۇ، بۇنىڭدا يەنىلا كىچىك ۋاقتىمدا يادقا ئېلىۋالغان ‹‹تاڭ دەۋر شېئىرلىرىدىن 330 پارچە›› قاتارلىق كىتاپلاردىن ئەندىزە ئالىمەن.
ئىككىنچى، كىتاپنى باشقىلاردىن بۇرۇن ئوقۇش لازىم. كىتاپ سېتىۋالغاندا مۇئەييەن سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان، تولۇق چۈشىنىپ كەتمەك قىيىنراق بولغان كىتاپلارنى سېتىۋېلىڭ. كىتاپ ئوقۇش ھەر خىل سەۋەپلەردىن بولىدۇ، بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى مەقسەت قىلىپ كىتاپ ئوقۇيدۇ، مەن بۇ خىل كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلىغا قارشى تۇرمايمەن. بىراق، كىتاپ ئوقۇش كۆڭلىنى ئېچىش، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا مەلۇم زېھىن تەلەپ قىلىدىغان كىتاپلارنى ئوقۇش كېرەك، بۇنداق كىتاپلار كۆپ ھاللاردا ئادەمنى قىززىقتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئادەمدە بىر خىل جۇغلانما پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا مەن دەيمەن كىتاپ ئوقۇشقا كۆپرەك پۇل سەرپ قىلىش كېرەك، پۇل خەجلەپ كىتاپ ئوقۇش توغرىسىدا بىزنىڭ جۇڭگۇدا ‹‹كىرىشىپ ئوقۇش›› دەيدىغان بىر سۆز بار. كىرىشىش- زەربە بېرىش، قورغانغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئوخشاش. كىرىشىپ ئوقۇش بىرخىل جەڭ قىلىشتىكى قەھرىمانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كىتاپ ئوقۇغاندا تەن ۋە روھنى چوقۇم بىرەكلىككە ئەكىلىپ ئوقۇش لازىم. بۇ خىل كىتاپ ئوقۇش، ئەڭ ئاخرىدا سىزنى ئىستىھكامنى ئالغاندەك نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. مۇخبىر: ھازىر بازاردا ھەر خىل كىتاپلار نۇرغۇن، بىر ئاددى كىتاپخان كىتاپلارنى قانداق تاللاش كېرەك؟
ۋاڭ مېڭ: قانداق كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. مېنىڭ بىر قانچە تەكلىۋىم بار. بىرىنچى، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆپراق ئوقۇش لازىم، كىلاسسىك ئەسەرلەر تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن. ئىككىنچىدىن، يېتەرلىك قۇرال كىتاپلارغا ئىگە بولۇش لازىم، مەسىلەن، خەت لوغىتى، سۆزلۈك، ئىزاھاتلىق لۇغەت، ئوكيانۇس، ئوكىسفورد لوغىتى، ھەرخىل قامۇس دىگەندەك. ئۈچىنچىدىن، ئەگەر مۇمكىنچىلىك بولسا ئاز-تولا چەتئەل تىلىدىكى كىتاپلارنى ئوقۇش كېرەك. چەتئەل تىلىدىكى كىتاپلارنى ئوقۇغان ئادەملەر بىلەن چەتئەل تېلىدىكى كىتاپلارنى ئوقۇپ باقمىغان ئادەملەرنىڭ روھى ھالىتىدە ئەلۋەتتە پەرق بولىدۇ. چوقۇمكى سىز كۆڭلىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئازادىلىشىپ كەتكەنلىكىنى سېزىسىز. خەنزۇ تىلىنى بىلىپلا قالماي يەنە بىرەر چەتئەل تىلىنى بىلسىڭىز ئۇ چاغدا سىزدە يەنە بىر جۈپ كۆز ئارتۇق بولغان بولىدۇ ، خەنزۇ تىلىنى ئاڭلاپ چۈشىنىپلا قالماي، يەنە چەتئەل تىلىنىمۇ ئاڭلاپ چۈشىنەلىسىڭىز، يەنە بىر جۈپ ئاڭلاش ئىقتىدارى يېتىلگەن بولىدۇ ،خەنزۇ تىلىدا سۆزلەپلا قالماي يەنە ئازراق چەتئەل تىلى ياكى ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى بىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىزدە يەنە بىر سۆزلەش ئىقتىدارى ھازىرلانغان بولىدۇ. كىتاپنى قەدىرلەش، كىتاپتى بېرىلىپ ئوقۇش، كىتاپ ئارقىلىق تەسەۋۋۇرنى بېيىتىش، ئوخشىمىغان نوقتىدا تۇرۇپ كىتاپتىكى رىجىلەرنى دەللىللەشنى ئۈگنىۋېلىش لازىم. مۇخبىر: ئادەتتە تۇرمۇش ۋە ئۈگىنىش جەريانىدا، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز كىتاپ ئوقۇيدۇ، لېكىن ئادەمنى گاڭگىرىتىدىغان، ئۇمۇملاشقان ھادىسە شۇكى، قانچە ئوقۇسىمۇ ئۈنىمى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ، سىزنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى نەدە؟ ۋاڭ مېڭ: بۇنىڭ سەۋەبى سىزنىڭ كىتاپنى قانداق ئوقۇغانلىقىڭىزدا. كىتاپ ئوقۇغاندا كىتاپنىڭ قەدىرىگە يېتىش، كىتاپنى بېرىلىپ ئوقۇش، كىتاپ ئارقىلىق تەسەۋۋۇرنى بېيتىش لازىم. كىتاپ ئوقۇش ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى ئۆلۈك ھالدا ئوقۇش، مەززىسىز، ئادەمگە ھېچقانداق مەنىۋى زوق بېرەلمەيدىغان كىتاپلارنى ئوقۇش، كىتاپتىن چىقالماسلىق، دوگما كىتاپلارنى ئوقۇش. يەنە بىر خىلى جانلىق كىتاپ ئوقۇش، ئادەمنى مەلۇم تەپەككۇرغا يېتەكلەيدىغان كىتاپلارنى ئوقۇش، كىتاپتىكىنى ئەمىلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش. جانلىق كىتاپ ئوقۇشتا، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا نەزىرىيىنى ئەمىلىيەتكە باغلاپ ئوقۇش كېرەك. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە كىتاپنىڭ سېھرى كۈچى ئۇنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى سىزىپ بېرەلىگەنلىكى بولۇپلا قالماي، يەنە كىتاپ ئوقۇش تۇرمۇشنىڭ تارتىملىق تەرىپىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدە، شۇنداقلا، كىتاپتىكى بىلىم ۋە ئىدىيىنى ئاتتۇرغىلى بولىدىغانلىقىدا. مەسىلەن ئالساق، بەزى ھاللاردا بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئىشلىرى يۈرۈشۈپ تاسادىپى ھالدا مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنى ياسىشى مۇمكىن، لېكىن سىز دىئالىكتىكا ئوقۇغان بولسىڭىزلا بۇنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز، نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھايات ئۆزگىرىشلىرى قەدىمدىن تارتىپلا بار بولۇپ كەلگەن. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۆپ يۈنىلىشلىك تەپەككۇرغا ئىگە بولۇش كېرەك. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسى تاق لىنيىلىك بولغان ئەمەس، ‹‹ئا›› دىن ‹‹ب›› غىچە بىر خىل تەپەككۇر يولى بولسا، ‹‹ب›› دىن ‹‹ئا›› غىچە يەنە بىر تەپەككۇر يولىدۇر، ئەگە سىز قايتا-قايتا پىكىر يۈرگىزسىڭىز، ئويلانسىڭىز، سېلىشتۇرسىڭىز، دەلىللىسىڭىز، سىزنىڭ بىر پارچە كىتاپقا بولغان چۈشەنچىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسى نۇرغۇن جەھەتلەردىن موللىشىدۇ. مەسىلەن ئالساق، بىز دائىم دەيدىغان ‹‹چوڭ دەريا تولمىسا، كىچىكىگە نەدە سۇ، كىچىك دەريا تولمىسا، ئېرىقىغا نەدە سۇ؟›› دىگەن گەپ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان، مۇبادا ئەكسىچە بولسا، ئويلاپ باقايلى، قارشى يۆنىلىشتىكى رىجە پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ-يوق؟ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ئەگەر ئېرىقتا سۇ بولمىسا، كىچىك دەريادىمۇ سو يوق بولغان بولىدۇ، ئۇنداقتا چوڭ دەريادىكى سۇ قانداق كەلگەن؟ مۇخبىر: يېقىندا سىز‹‹ئاتىنىڭ ياردىمى›› ناملىق يېڭى بىر كىتاۋىڭىزنى چىقاردىڭىز، سىز ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى جەمىيەتنىڭ تەركىپلىنىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلدىڭىز؟ ۋاڭ مېڭ: بۇ مەسىلىگە دەرۋىر بىلەن باغلاپ قاراش كېرەك. ‹‹تۆتىنچى ماي›› دەۋرىدە نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىدىن قايغۇرۇپ ئۇنىڭ خاتالىقلىرىغا نىسبەتەن تەنقىتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ چاغدا بىز بىر ئىنقىلاپ يىللىرىدا تۇرىۋاتاتتۇق، بۇ تەنقىتلەرنىڭ ئاكتىپ ئەھمىيىتى بار ئىدى. لېكىن تارىخى نوقتىئىنەزەر بىلەن قارىغاندا بىزنىڭ جۇڭخۇا مىلللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلىۋېتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىلسە، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ روھى يوقايدۇ، تارىخ يوقايدۇ، ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىملىكىمىز يوقايدۇ. بۈگۈنكى ئەھۋال بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئيەت بەپا قىلىش. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بىز زور دەرىجىدە مەنىۋى مەنبەگە ئېھتىياجلىق بولىمىز. شۇڭا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋىلىقنى بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى قىلىپ قويماسلىقىمىز، ئەكسىچە تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىشىمىز ۋە جارى قىلدۇرىشىمىز لازىم. ئادەمنىڭ مۇۋاپىق ھالدا كىتاپقا ئىشتىياق باغلىشى بىر خىل گۈزەللىكتۇر. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، مىللى خاراكتىردىن ئايرىلالمايدۇ. مۇخبىر: ھازىر توردىن ئەسەرلەرنى ئوقۇش كەڭ ئومۇمىيلاشتى، ھەتتا بەزىلەر ئۇ ھامان بىر كۈنى ئەنئەنىۋى مەتبۇئاتچىلىقنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ دەپ قارىدى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ ۋاڭ مېڭ: كىتاپ ئوقۇشقا قارىتا مېنىڭ شەخسى كۆز قارشىم بىر قەدەر كەڭرەك، توردىن كۆز يۈگۈرتۈشمۇ ئوقۇشنىڭ بىر خىلى. بىراق، قەغەز كىتاپلارنى ئوقۇغاندا ئوي-پىكىرنى بىر يەرگە يىققىلى، تېنچ ھالدا پىكىر يۈرگۈزگىلى بولىدۇ. كىتاپ ئوقۇش بىر خىل بەھىر ئېلىش، بىر خىل تۇرمۇش شەكلى شۇنداقلا بىر خىل سالاپەت. بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە بىر خىل كۆپۈك كەيپىيات پەيدا بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرى شۇكى، بەزى كىشىلىرىمىز كىتاپ ئوقۇمايدۇ، بار بولۇشقا تېگىشلىك ساپا، شەيئىلەرگە قارىتا پىكىر يۈرگۈزۈش كەمچىل. مەسىلەن ئالساق، تىزگنەكنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئىنتايىن قولايلىقنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا ئامرېكىدىكى بەزى ئۇقۇمۇشلۇقلار تىزگىنەك بىر قىسىم ياشلاردا ئېزىلەڭگۈلۈكنى، زېھنىنى يىغالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارىدى. مەسىلەن ئېيتساق، ئۇلار تېلىۋىزور كۆرگەندە توختىماي قانال يۆتكەيدۇ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بىر ئاخشام زادى نىمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى ئىلغا قىلالمايدۇ. تورلىشىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، بىر ئادەم توردا بىر ئاخشام ئۇنى ئېچىپ، بۇنى ئېچىپ نىمىنى كۆرگەنلىكىنى ئۆزىمۇ ئېسىدە تۇتالمايدۇ. ئەگەر سىز بىر نەرسىگە مۇۋاپىق ھالدا چۆكەلمىسىڭىز، كىتاپ ئوقۇيالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ساپايىڭىز، تەربىيىلىنىشىڭىز چوقۇمكى زىيانغا ئۇچرايدۇ. كىتاببازلىق جوڭگۇدا بەزىدە سەلبى مەنىدە كېلىدۇ، لېكىن مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە مۇۋاپىق ھالدىكى كىتاپ مەستانىلىقى ئىنتايىن سۆيۈملۈكتۇر. ئازراقمۇ كىتاپقا بولغان مەستانىلىك بولمىسا مەنمۇ ئۇنداقلاردىن ئۆزەمنى قاچۇرىمەن. مۇخبىر: ھازىر كىشىلەر دائىم مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش توغرىلىق پاراڭ سېلىشىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سىز ئىجادىيەتتە ئىزچىل دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلدىڭىز. سىز قانداق قىلىپ دەۋىرنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى تۇتىۋالدىڭىز؟ مەدەنيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىدىيىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ زۆرۈر ئامىللىرى قايسىلار؟ ۋاڭ مېڭ: بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىش بىر قەدەر قىيىن. مەن ئۆزەمگە مۇنداق نىشان بەلگىلىدىم، ئىزچىل دەۋىرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك ياكى قانداق ئىجدىيەت قىلىشىم كېرەك دىگەندەك گەپلەرنى دەپ باقمىدىم. لېكىن بىر قانچە تۈرلۈك تەسىراتىمنى كۆپچىللىك بىلەن ئورتاقلاشساق بولىدۇ: بىرىنچىسى، مېنىڭ تۇرمۇش تەجىرىبەم مول. بۇ يىل 75ياشقا كىرىدىم، شۇنچە يىللەردىن بېرى مەن ئاكتىپلىق بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆپ تەرەپلەردىن ھەققى تەسىراتلارغا، تەجرىبىگە ئىگە بولدۇم. مۇشۇ تەجرىبىلەر، كۆرگەن-پۈتكەنلىرىم بولمىغان بولسا ئېھتىمال گەپ بولسا چوقۇم قىلالايدىغان ، دىمەكچى بولغىنىنى دىيەلەيدىغان يېزىقچىلىق ھالىتىم بولمىغان بولاتتى. ئىككىنچىسى، مېنىڭ قىززىقىشىم نىسبەتەن كەڭرەك. پەقەت چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەر بولسىمۇ، مەيلى چوڭ ئىشلار بولسۇن، ياكى كىچىك ئىشلار بولسۇن ھەممىسىگە بەك قىززىقىمەن. مەسىلەن ئېيتساق، دېڭىزغا بولغان قىززىقىشىم ئۇنىڭدا بىر خىل سىمفونىيىنىڭ بولغانلىقىدا، تۇپراققا بولغان قىززىقىشىم شەرق شىماللىلارنىڭ ئىككى كىشىلىك لەپىرىگە قىززىققىنىمغا ئوخشايدۇ، ھەممە نەرسىدىن دىگۈدەك زوق ئالالايمەن. ئۈچىنچىسى، ئىجادچانلىقلىق خاراكتىردىن ئايرىلالمايدۇ. سىزدە خاراكتىر بولسا ئاندىن ئىجات قىلالايسىز. بىر مىللەتمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ، دىمەك، يېڭىلىق يارىتىش مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ جېنى، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش جەزمەن مىللەتنىڭ خاراكتىرى بىلەن باغلىنىشى شەرت، شۇنداق قىلغاندىلا پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
مەنبە: خەلق گېزىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى. 2010-يىلى 3-ئاي، چەرچەن
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |