مىزاجىڭىزنى بىلەمسىز؟ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجى تۆت خىل بولىدۇ. خاراكتېرى جەھەتتە ئىسسىق ۋە سوغۇق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئەمما تۆت تادۇ (ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق)نىڭ بىر – بىرىگە ئارىلىشىشىدىن پەيدا بولغان مايىللىق كەيپىياتىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇق دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى تەبىئىي جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ كىشىلەرنىڭ رەڭگى …
ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تىلغا ئالغاندا، ئىسلام دۇنياسىدا تا ھازىرغىچە شۆھرەتلىك نامنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان شاۋكەتلىك ئالىي مەكتەپ ناھايىتى ئاز. ئەزھەر ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئورنى ئەڭ يۇقىرى، شۆھرىتى ئەڭ كاتتا بولغان ئالىي مەكتەپ. ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپى ئاپپاراتلىرىدىن ئاساسلىقى ئۈچ خىلى بار، يەنى مەكتەپ، مەدرىسە ۋە مەسچىت. مەكتەپ ئادەتتە باشلانغۇچ دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ئورنىدۇر. …
كېچىدە كۆرۈنگەن ئالۋاستى قۇتلۇق ئاتىسى بىلەن بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە باردى. بوۋىسىنى سېغىنىپ كەتكەن قۇتلۇق بوۋىسىغا ئېسىلىپ قۇچاقلىۋالدى. بوۋايمۇ ئۇنى ئۆزىگە چىڭ چاپلاپ، پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى. تاماقتىن كېيىن بوۋاي ئاتا – بالا ئىككەيلەنگە مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: ــ قايسى كۈنى مەھەللىگە چىقسام، مازارلىققا يېقىن ئەتراپتا بىرەيلەن ۋارقىرايدۇ. ھەيران بولۇپ شۇ ياققا قاراپ ماڭدىم. ماڭا يەنە بىر قانچەيلەن ئەگەشتى. مازارلىققا يېقىن …
تەپەككۇر ئوكيانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيلى ئاپتور ھەققىدە: چاندرا سىكھار (1910 – 1995) ھىندىستانلىق ئاستروفىزىكا ئالىمى؛ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ھىندىستاننىڭ مادراس ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنگلىيەنىڭ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. كېيىن كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ترىنتى ئىنستىتۇتىدا ۋە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش – تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى ئاق پەتەك يۇلتۇزى نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ مۇشۇ خىزمىتى بىلەن 1983 – يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن …
سوغا يۇلتۇز تۈركۈمى سوغا يۇلتۇز تۈركۈمى 12 بۇرجنىڭ بىرى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئۇنى كۆنەك يۇلتۇزى دەپمۇ ئاتىغان، يەنە دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈمى دېگەن نام بىلەنمۇ خاتىرىلىگەن. بۇ يۇلتۇز تۈركۈمى ياز پەسلىدە جەنۇبىي ئاسمان بوشلۇقىدا كۆرۈنىدۇ. ئادەتتە ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 2 – ئاينىڭ 18 – كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت قۇياشنىڭ دەل سوغا يۇلتۇز تۈركۈمى بۇرجىدە تۇرغان ۋاقتى بولىدۇ، مۇشۇ ئارىلىقتا تۇغۇلغان …
تۇخۇمنى چوغقا كۆمۈپ پىشۇرۇش ۋە سالامەتلىك قۇربانجان ئوبۇل تۇخۇم خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان، شۇنداقلا ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ بېرى. تۇخۇم تەركىبىدە تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ماددىلار، ۋىتامىنلار، مىنېرال ماددىلار مول بولغاچقا، گۆشتىن قالسىلا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان مۇھىم يېمەكلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىستېمال قىلغاندا غىزالىق رولىنى ئۆتىگەندىن سىرت، بەدەنگە نىسپەتەن كۆپلىگەن شىپالىق تەسىرنىمۇ بېرەلەيدۇ. تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، مايدا …
كامبىرىج روھى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەسلىدە بىرلا خىل يول بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئەمەس، ھەتتا ئۇ بىر مەيدان ئوڭۇشلۇق بولمىغان ئاسىيلىق قىلىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولغان بۇ قەدىمىي ئالىي مەكتەپ كام دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان. بۇ دەريادا قىيىق ھەيدەيدىغان بىرەيلەندىن ئوقۇشىمىزچە، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى بىر قېتىملىق ۋەھشىي قاتىللىق دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 1209 – يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى …