ئىشخانىدا قەغەز ئىشلىتىش لازىممۇ؟ ـــ يېزىق بىرتەرەپ قىلغۇچ نېگروپونتې[1] فاكستىكى نۇسخىلىغۇچ بىر پارچە بىرتال – بىر تال سىزىقتىن تەشكىل تاپقان سۈرەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن نۇسخىلا ئالىدۇ، ھەمدە 0 ۋە 1 نى ئايرىم – ئايرىم ھالدا سىياھ ئىزى ۋە سىياھ ئىزى يوق جايغا ۋەكىل قىلىپ ئالىدۇ… ئەگەر كومپيۇتېر بىلەن بۇ رەسىمنى ئىزاھلىماقچى بولساق سىزنىڭ رەقەملەشكەن ھۆججىتىڭىز ھەرپ شەكلىدە، چوقۇم بەلگىلىك قۇرۇلمىدىكى ھەرخىل …
ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ۋە ئۇنىڭ يېڭى قاراشلىرى شەرق دۇنياسى ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر پەيلاسوپ ۋە ئالىملارنى تەربىيەلەپ بەرگەن. شۇ ئەللامەلەرنىڭ ئىچىدە ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ئىسىملىك بىر ئالىم بار. بۇ ئالىم ھەققىدە مۇنداق رىۋايەتلەرمۇ بولغان. غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇلتان مەھمۇد غەزنە شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، بوستانلىق باغچىنىڭ شىپاڭىغا بېرىپتۇ. بۇ شىپاڭنىڭ تۆت ئىشىكى بار ئىدى. ئۇ توساتتىن بۇرۇلۇپلا ئەبۇ رەيھاندىن: «مەن قايسى ئىشىكتىن …
تالانتلىق ماتېماتىك نېلس ھېنرىك ئابېل ئاتاقلىق نورۋېگىيە ماتېماتىكا ئالىمى نېلس ھېنرىك ئابېل 19 – ئەسىر ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نۇقتىلىق پەن تۈرى بولغان ئېللىپىس فونكسىيەسى نەزەرىيەسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ھاياتى جاپا-مۇشەققەت ۋە ئېنىقسىز بولغان تۇرمۇش مۇھىتىدا ئۆتكەن، بىراق ئۇ ناچار تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ ماتېماتىكىدەك غوللۇق پەندە كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قازانغان. ئەڭ ئىچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ھاياتى تۇلىمۇ قىسقا بولغان. نېلس ھېنرىك ئابېل …
بېلىق يۇلتۇز تۈركۈمى بېلىق يۇلتۇز تۈركۈمىنى ئەجدادلىرىمىز ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى دەپمۇ ئاتىغان. بېلىق يۇلتۇز تۈركۈمى 12 بۇرج ئىچىدىكى 12 – بۇرج بولۇپ، شەكىل جەھەتتىن بىر – بىرىگە باغلانغان ئىككى تال بېلىققا ئوخشايدۇ. بۇ ئىككى بېلىق گىرېك-رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئافرودىت (مۇھەببەت ئىلاھى) بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئېروسنىڭ سۇ ئىچىدىكى بەدەن كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت. ئوڭ تەرەپتىكى چوڭراقى ئافرودىت، سول تەرەپتىكى كىچىكرەك بېلىق بولسا ئوغلى ئېروس. بىراق، بۇ …
ئېلېكتىر ماگنىت دۇنياسى كىشىلەرنىڭ ئېلېكتىرغا بولغان تونۇشىنى ناھايىتى بۇرۇن باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا سۈركەش ئارقىلىق زەرەتلەشنى بىلەتتى. بۇنى بىر ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ بىر-بىرىنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈشكەن چاغلىرى بولغان. راستىنى ئېيتقاندا ئىنسانىيەتنىڭ ئويۇنغا قايمۇقۇشىنى بۇ ھادىسىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئىلمىي جەھەتتىن چۈشىنەلمەي قايمۇقۇپ يۈردى دېگەن تۈزۈك. فىرانكىلىن ۋە ئۇنىڭ چاقماقنى تۇتۇشى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق تارىخىنى بىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم بىنجامىن فىرانكىلىننىڭ نامىنى بىلمەي قالمىسا كېرەك. …
مىڭ كۆزلۈك مەخلۇق ـــ رادار جورج سۇتتون[1] پەن -تېخنىكا خادىمىنى ئىنسانپەرۋەر قىلىش قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى ئۇنىڭدا ئازراق بولسىمۇ تارىخىي روھ بولۇشى كېرەك، بۇرۇنقىلارنىڭ، يەنى ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ روھى سىڭىشى كېرەك. ھازىرقى زامان ئىلىمى مەيلى قانچىلىك مۇرەككەپ ۋە ئابستراكت بولسۇن، ئۇنىڭ مەنبەسى ئوخشاشلا گۇمانىزملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەربىر پەن كەشپىياتىنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت مېھرىبانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەممىسى ئىنسانىيەت ئەخلاقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى. …
ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى بۇ يەنە ياۋروپا يادرو تەتقىقات تەشكىلاتى دەپمـۇ ئاتـىـلـىـدۇ، 1954 – يىلى 9 – ئايدا قۇرۇلغان، ئورنى شۋېتسارىيـىـنـىـڭ جـەنـۋە شەھىرىدە. ئۇنـى ئاۋسترىيە، بېلگىيە، دانىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گرېتسىـيـە، ئىـتـالـىـيـە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئەنـگـلـىـيـە قـاتـارلـىـق يـاۋروپـادىـكـى 12 دۆلـەت قـۇرغـان. ئۇنـىـڭ تـۈپ مـەقـسـىـتـى يـاۋروپــا دۆلەتلىرىدىكى ساپ پەننىي ۋە ئاساس خاراكتېـرىدىـكـى سۇب يادرو تەتقىقاتى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ساھەلىرىنى ھەمكارلـىـق بـىـلـەن تەمىنلەش، …
كۆزنەكلىك يۇمشاق دېتاللار بېكېنستىن[1] بىزنىڭ ئالىمىمىز تونۇشىمىزدىكىدەك ئۈچ ئۆلچەملىك بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ مەلۇم مەنىدە ئىككى ئۆلچەملىك يۈزدىكى گولوگرافىك شەكىل سۈپىتىدە ئىپادىلەپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار. بىزنىڭ دۇنيانىڭ ئۈچ ئۆلچەملىكلىكىگە بولغان تونۇشىمىزغا قارىتا، ئۇنى مەلۇم بىر ھادىسە، ياكى ئەمەلىي گەۋدە پەيدا قىلغان خاتا سەزگۈ دەپ بىلىشكە بولىدۇ، خالاس. بىلىش كېرەككى، بىر تال قۇم دانچىسى پۈتۈن ئالەمنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدۇ، بىراق بىر تۈز ئېكران بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن. …
ئالىملار نېمە ئۈچۈن پەننى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك كارل ساگان ـــ ئامېرىكىلىق ئاسترونومىيە ئالىمى، ھاياتلىق ئىلىمى ۋە ئاسترونومىيە تەتقىقاتى جەھەتتە زور نەتىجە ياراتقان. يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، سەييارىلەر ئاتموسفېراسى، يەر شارى سىرتىدىكى ھاياتلىق قاتارلىق نوپۇزلۇق ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. سەييارىلەر ئارا تەكشۈرۈشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ يۇپىتېر ۋە مارس توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى تەھلىل قىلغان. 1977 – يىلى كونېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسترونومىيە ۋە بوشلۇق …
ئىزدىنىشنىڭ مۇددىئاسى بۇ نۇتۇق 1918-يىلى 4-ئايدا ئېينشتېيىننىڭ بېرلىن فىزىكا ئىلىمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ماكس پلانكنىڭ 60 ياشلىق تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە قىلغان سۆزى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە 1918-يىلى نەشردىن چىققان «ماكس پلانكنىڭ 60 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى ــ گېرمانىيە فىزىكا ئىلىمىي جەمئىيىتى نۇتۇقلار توپلىمى»دا ئېلان قىلىنغان. 1932-يىلى ئېينشتېيىن بۇ نۇتۇقنى ئازراق ئۆزگەرتكەندىن كېيىن پلانكنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى «ئىلىم-پەننىڭ مەنزىلى قەيەر؟»نىڭ مۇقەددىمىسى قىلغان. ئىلىم-پەن گۈلزارلىقىدا …