ئېينىشتىيىننى باشقىدىن تونۇڭ 2012 – يىل 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئېرۇسالىمغا جايلاشقان ئىسرائىلىيە ئىبراي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنتېرنېتتا ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىيىننىڭ تور ئارخىپخانىسىنى ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىنلا ئېينىشتىيىننىڭ قول يازمىسى ۋە سالام خەتلىرى دېگەندەك ھۈججەتلەرنى تورغا يوللىماقچى بولدى. بۇ ھۈججەتلەر ئېينىشتىيىن ئۆز قولى بىلەن يازغان ئالتە پارچە مۇھەببەت خېتى، ئانىسىغا ئەۋەتكەن ئاترىتكا ۋە بىر قاتار خەتلەر بولۇپ، بۇ يەنە مەشھۇر نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ تولۇق …
ئالەمنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھاكىمجان قۇربان بۇنىڭدىن 400 يىل بۇرۇن گېرمانىيەنىڭ بىر كىچىك بازىرىدا ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، سېخىي بىر گىراف ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئۆز كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى بازاردىكى نامرات كىشىلەرگە ئىئانە قىلىدىكەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئوتتۇرا ئەسىردە نامراتلار كۆپ، شۇنداقلا ھە دېگەندە ۋابا دېگەندەك تارقىلىشچان كېسەللىكلەر كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىپ تۇرغان. بىر كۈنى بۇ گىراف بىر غەيرىي ئادەمنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. بۇ كىشىنىڭ كىچىك دۇكىنى ۋە …
چوڭ مېڭە يالغان سۆزلىمەيدۇ قاينام باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، ئۇنىڭ يالغان سۆزلەيدىغان ناچار ئادىتى بار، مۇشۇ سەۋەبلىكمۇ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئاز ئەدەپلىمىدى. بىر كۈنى، ئۇ ئاتا-ئانىسىغا: « ئوقۇتقۇچىلارغا يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن بىر كۈن ئارام ئېلىشقا قۇيۇپ بەردى» دەپ يالغان سۆزلىدى. ئاتا-ئانىسى راست دەپ ئويلاپ ،ئۇنى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بۇيرۇپ ئىشقا كەتتى، لېكىن قاينام ئاتا-ئانىسى ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، …
لازىر نۇرى ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى داۋالاشنى چۈشىنەمسىز؟ تاتلىق سىنىپتا ئارقا رەتتە ئولتۇرۇپ دوسكىنى كۆرەلمىدى، تەنتەربىيە دەرىسىدە تىك-تاك توپ ئوينىغاندا ئىنكاسى ئىنتايىن ئاستىلاپ كەتتى. سودا سارايغا بېرىپ نەرسە سېتىۋالغاندا ناھايىتى يېقىن كېلىپ قارىمىغۇچە مال ماركىسىنى كۆرەلمىدى. دېمەك ئۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ئۇ شۇنداق قايغۇردى. يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئۇنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە نۇرغۇن ئىشلىرىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي يەنە ئۇنى دۆت كۆرسىتىپ …
سۇ داشقىلى ۋە ئۇنى تازىلاش يېقىندىن بېرى قۇتلۇقلارنىڭ ئۆيىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتقۇچ سۇنى ياخشى ئىسسىتالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاتىسى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ: – ئىچىنى سۇ داشقىلى قاپلاپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ، – دېدى. قۇتلۇققا ئاتىسىنىڭ بۇ سۆزى قىزىق بىلىندى. – ئاتا، سۇ داشقىلى دېگەن قانداق نەرسە ئۇ؟ – دەپ سورىدى ئۇ. – سۇ …
تۆت پەسىل قانداق ئايرىلىدۇ؟ تۆت پەسىلنى ئايرىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلى بار: ئاسترونومىيىدە ئەتىيازلىق كۈن – تۈن تەڭشىلىشى، يازلىق كۈن – تۈن توختىشى، كۈزلۈك كۈن – تۈن تەڭشىلىشى، قىشلىق كۈن – تۈن توختىشى تۆت پەسىلنىڭ باشلانمىسى قىلىنىدۇ. مېتېئورولوگىيىدە ئادەتتە قۇياش كالېندارى بويىچە 3 – ئايدىن 5 – ئايغىچە باھار، 6 – ئايدىن 8 – ئايغىچە ياز، 9 – ئايدىن 11 …
«سېلتسىيە گرادۇس» نىڭ تارىخى «سېلتسىيە گرادۇسى» ھازىر دۇنيادا بىر قەدەر كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل تېمپېراتۇرا شكالىسى، ئۇنى 18 – ئەسىردە شۋېتسىيە ئالىمى سېلخۇس ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇزلاش نۇقتىسىنى 100 گرادۇس، قايناش نۇقتىسىنى نۆل گرادۇس قىلىپ بېكىتكەن، ئوتتۇرىسىنى تەڭمۇتەڭ 100 بۆلەككە بۆلۈپ، ھەر بىر بۆلەكنى بىر گرادۇس قىلغان. لېكىن، ئىشلىتىش داۋامىدا كىشىلەر تولىمۇ ئوڭايسىزلىق ھېس قىلغان. كېلىس 2 – يىلى تېرمومېترنىڭ شكالىسىنى ئاستىن – …
ئانالىتىك گېئومېتىرىيەنىڭ ئاساسچىسى − دېكارت فرانسىيەلىك ماتېماتـىـك، فـىـزىـك، پـەيلاسـوپ دېكـارت (1596 − 1650) ھايات چاغلىرىـدا دىـنـىـي جـەمئىـيـەتـنـىـڭ ئەقـىـدىـلـىـرىـدىـن گۇمانلانغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، چەت ئەللەردە ئۇزاق يـىـل پاناھلىنىپ يۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇ ھايات چېغىدا ياكى نەشر قىلىـش مەنئى قىلىنغان، ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلـگەن. ئۇ ئۆلـۈپ نـۇرغـۇن يـىـللاردىـن كېيىنمۇ «مەنئى قىلىنغان كىتابلار مۇندەرىجىسى» گە كىرگۈزۈلگەن. بىـراق، ھازىر فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدىكى مىللىي ئوغلانلارنى دەپنە قىلىدىغـان سانئارىيان چېركاۋىدىكى ھەيۋەتلىك …
يەر شارىدىكى ئوكسىگىن ئىشلەتسە تۈگەمدۇ؟ ئانىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن ئوكسىگىننىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن قۇتلۇق ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن نەپەس ئېلىشقا باشلىدى. بالىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرگەن ئانىسى: – قۇتلۇق، ساڭا نېمە بولدى بالام، جىمىپلا قالدىڭغۇ؟ – دەپ سورىدى. قۇتلۇق: – ئانا، ئوكسىگىندىن ئازراق نەپەسلىنەي دەيمەن. ئۇنىڭدىن نەپەسلىنىپ تۈگىتىۋەتسەك، قانداق قىلىمىز؟ – دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئانىسى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. …
بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ بىشارەتچىسى ـــ ۋىتكى تېخنىكىسى ۋىتكى دېگەن نېمە؟ نۇرغۇن ئادەم يەنىلا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، «ۋىتكى» دېگەنلىك ئىنگلىزچە «witkey» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، تور ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئىقتىدارى، بىلىم – تەجرىبىلىرى بىلەن باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش دېگەنلىك بولىدۇ. پەن – تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا، پەن – تېخنىكىنىڭ قۇدرىتىنى بىۋاسىتە ھالدا ئىجتىمائىي ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ …