ئېلېكتىر ماگنىت دۇنياسى كىشىلەرنىڭ ئېلېكتىرغا بولغان تونۇشىنى ناھايىتى بۇرۇن باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا سۈركەش ئارقىلىق زەرەتلەشنى بىلەتتى. بۇنى بىر ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ بىر-بىرىنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈشكەن چاغلىرى بولغان. راستىنى ئېيتقاندا ئىنسانىيەتنىڭ ئويۇنغا قايمۇقۇشىنى بۇ ھادىسىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئىلمىي جەھەتتىن چۈشىنەلمەي قايمۇقۇپ يۈردى دېگەن تۈزۈك. فىرانكىلىن ۋە ئۇنىڭ چاقماقنى تۇتۇشى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق تارىخىنى بىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم بىنجامىن فىرانكىلىننىڭ نامىنى بىلمەي قالمىسا كېرەك. …
20 – ئەسىردىكى ئېرسىيەت ئىلمى بىز ئېرسىيەت ئىلمىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ئالدى بىلەن كەينىمىزگە يېرىم ئەسىر چېكىنىپ، سۆزنى ئېرسىيەت ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مېندېل (1822 – 1884)دىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. مېندېلنىڭ ئېرسىيەت قانۇنىنى بايقىشى ئومۇمەن نام قازانغان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن ئازراق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئامىللارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ قائىدە بويىچە مېندېلنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇنى …
بىرىنچى باب باغداد . مەڭگۈلۈك ئارزۇنىڭ تۇغۇلۇشى 4 باغداد قانداق قىلىپ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى: خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد ھايات ۋاقتىدىلا خەلىپىلىكنىڭ زېمىنىنى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەرگەنىدى. مەئىمۇن شەرقىي ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىقىغا؛ ئەمىن سۇرىيەنىڭ ۋالىيلىقىغا؛ قاسىم بولسا مېسسوپوتامىيەنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمىن خەلىپىنىڭ ۋارىسى، مەئىمۇن بولسا نايىب ئىدى. ھارۇن ئەررەشىد قازا قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاكا – ئۇكىلار ئارىسىدا ھوقۇق …
بىرىنچى باب باغداد . مەڭگۈلۈك ئارزۇنىڭ تۇغۇلۇشى 3 ئوقۇرمەنگە مەلۇم بولغايكى، خەلىپە مەنسۇر ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئوغلى مەھدى[1] خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇردى. خەلىپە مەنسۇر دەۋرىدىلا داڭقى چىقىشقا باشلىغان باغداد ئۆزىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىنى داۋام قىلدى. ئەدەبىيات – سەنئەت، تەبىئىي پەن ۋە تېبابەت ئىشلىرى ماس قەدەمدە راۋاجلاندى، مەيلى خەلىپە مەنسۇر بولسۇن، مەيلى خەلىپە مەھدى بولسۇن مەرىپەت ئىشلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتى يېڭى بىر …
بىرىنچى باب باغداد . مەڭگۈلۈك ئارزۇنىڭ تۇغۇلۇشى 2 خەلىپە مەنسۇرنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتەۋاتقان ئوت ئۇنى زادىلا ئارام تاپقۇزمىدى. ئۇنىڭ مەسلەكدىشى يەنىلا باش ۋەزىر خالىد بەرمەكى ئىدى. پاراسەتلىك بۇ ۋەزىر خەلىپىنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئاسانلا تاپالايتتى. خەلىپە غۇلاملاردىن بىرىنى خالىد بەرمەكىنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپ، ئۆزى خاس خانىسىغا كىرىپ كەتتى. خەلىپە مەنسۇر خاس خانىسىدا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى. خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن غۇلام ئىجازەت سوراپ كىرىپ، باش …
بىرىنچى باب باغداد . مەڭگۈلۈك ئارزۇنىڭ تۇغۇلۇشى 1 مىلادىيە 762 – يىلى، يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى. چاڭ توزۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر توپ ئاتلىقلار يېيىلىپ ئېقىۋاتقان دەجلە دەرياسىنىڭ بويىدا توختىدى. ئاتلىقلارنىڭ ئىچىدە چاققانغىنە قارا رەڭلىك ئوۋ كىيىمى كىيىۋالغان، تەلەتى ۋە تەقى – تۇرقىدىن سۈر – ھەيۋىسى، ئەقىل – پاراسىتى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدىغان بىرەيلەن ھەممىنىڭ ئالدىدا ئاتتىن چۈشتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ …
قاتناش ماشىنىلىرى ئىنقىلابى پار ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى توقۇلما بۇيۇملار، كۆمۈر، پولات-تۆمۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. مەھسۇلات مىقدارى ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بازارنىڭ تاۋارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى، تاۋارلارنىڭ توشۇلۇشىنىڭ ئاستا بولۇشى قاتناش ساھەسىگە يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. پار ماشىنىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىنىشتىن تارتىپ ئىچىدىن يانىدىغان ماشىنىلارنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشقىچە قاتناش ساھەسىدە زور ئىنقىلاپ بولۇپ ئۆتتى دېيىشكە بولاتتى. لەيلىگۈچى قاتناش ۋاستىسى ــــ كېمە …
قەدىمكى رىمنىڭ پەن-تېخنىكىسى ياۋروپانىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتىدىكى يەنە بىر يورۇق نۇقتا قەدىمقى رىمنىڭ پالاق مەدەنىيىتىدۇر. قەدىمقى رىم مەدەنىيىتى قەدىمقى يۇناننىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدە مەدەنىيەت ھېسابلىناتتى. بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە، ئۇلار جۇمھۇرىيەت سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە قانۇن تۈزۈلمىسىنى ئورناتقان. ئىككىنچىدىن، تىل جەھەتتە، ئۇلار گىرىك يېزىقىنى ئۆزگەرتىپ ۋە ئىسلاھ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى لاتىن يېزىقى بىلەن ئىپادە قىلغان. لاتىن يېزىقى ھازىرقى دۇنياغا ئەڭ …
بۈگۈنكى دەۋردە دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىنى دېگۈدەك جۇلالاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر نۇرلۇق مەشئەل بار. ئۇ بولسىمۇ ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسىنىڭ جەۋھىرى كومپيۇتېردىن ئىبارەت. كومپيۇتېر پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرى تەرىپىدىن «ئۇچۇر دەۋرى» دەپ ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان مۇشۇ زاماننىڭ بەلگىسى بولۇپ تۇرماقتا، «ئۇچۇر دەۋرى»دىكى ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ يادروسى بولۇپ كەلمەكتە. كومپيۇتېر ئىنسان مېڭىسىنىڭ سۈنئىيلەشتۈرۈلگىنى بولۇپ، بەزى ئىقتىدارلىرى ھەتتا ئىنسان مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارىدىن كۈچلۈك. كومپيۇتېرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى …