ئۇيغۇرسوفت بىرنەچچە ئاي نېمە ئىش قىلدى؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت بىرنەچچە ئاي نېمە ئىش قىلدى؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى 4-قەۋەت (توپ تارقىتىش بازىرى) 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە بىر تۇتاش زىننەتلەنگەنلىكتىن بارلىق دۇكانلاردا ئىش توختىغان ئىدى. ھازىر ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى 9-ئايدىن باشلاپ قايتا تىجارەت باشلىدى. دۇكان ئەسلىدىكى ئورۇندىن يۆتكەلمىدى، ئەمما دۇكان نومۇرى قايتىدىن بېكىتىلگەن بولغاچقا ئەسلىدىكى 4319-دۇكاندىن 4-قەۋەت 35-نومۇرغا ئۆزگەردى. بۇ جەرياندا خېرىدارلىرىمىزغا قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرگەن بولساق كەچۈرۈم سورايمىز. خېرىدارلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن ۋاقىپ بولۇشىنى، شۇنداقلا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە 3-قارارلىق ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان خادىملار يېڭى يۇمشاق دېتاللار (ۋە يېڭى ئەپلەر) نى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. پات يېقىندا يېڭى يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەر ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش تەرجىمە گۇرۇپپىسى Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە بىرنەچچە يېڭى ئەپلەرنىڭ تەرجىمىسىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاماملاپ، سۈپەت تەكشۈرۈشكە يوللىدى. Office 2013 نىڭمۇ تەرجىمىسى تاماملىنىپتۇ، يېقىندا بىرلىكتە سۈپەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقچى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ يىل ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە مەيلى ئۇيغۇرسوفتنىڭ بولسۇن ياكى باشقا شىركەتلەرنىڭ بولسۇن بىر قىسىم يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
105 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئۇيغۇر سوفىتنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ بىر قېتىممۇ كىرىپ باقماپتىمەن ئويلاپ باقسام…لېكىن بىر كۈنمۇ ئايرىلىپ باققاندەك ئەمەس…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 18:26
  • ئۇيغۇرسوفت ئەمدى مۇكەممەل بولغان رەڭ تاللاش سىنىقىغا دۇچ كەپتۇ. مەسلەن مەھسۇلاتلارنىڭ سىرىتقى قاپ لايھىسى . ئەپلەرنىڭ تەگلىك رەڭگى ..تۇغ ..شىركەتنىڭ بىزلىشى…مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دىگۇدەك يۇقرى دەرجىدە مۇئەييەن رەڭ بىرلىكىگە كەلگەندە ئاندىن مۇكەممەل بىر ئۇيغۇرسوفىت ئۇقۇمىنى ياراتقىلى بۇلىدۇ. بىز شۇخىل رەڭنى كۆرگىنىمىزدە دەرھال ئۇيغۇرسوفتنى ئېسىمىزگە ئالغۇدەك دەرجىدە…ئاۋۇ رەسىملەرگە قارايدىغان بولساقمۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قانچىلىغان رەڭدە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.رەڭ بىرلككە كەلگەندە مەيلى بىز ئۇيغۇرسوفتنىڭ قايسى خىل مەھسۇلاتىنى ئىشلەتمەيلى بىزگە ناھايىتى تۇنۇش ، يېقىملىق تەسىر بىردۇ.نۇرغۇنلىغان داڭلىق شىركەتلەر مۇشۇ نۇقتىغا ناھايىتى زور كۇچىگەن. بۇ مىنىڭ شەخسى قارشىم ئەلۋەتتە. ئاخىردا ئۇيغۇرسوفتتىڭ تېخمۇ مۇكەممىللىشىگە تىلەكداشمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:49
    • ئېكراننىڭ ئورنى ئەمدى مۇۋاپىق بولۇپتۇ.
      مەھسۇلات قاپلىرى، ئىلىتىشى قوللانمىسى، يۇمشاق دېتال ئارايۈز لايىھىسى ۋە ئىشخانا بېزىلىشى قاتارلىقلارنى بۇنىڭدىن كېيىن قاتتىق مودا بولىدىغانMetro ياكى Flat يۈزلۈك قىلىپ لايىھەلەيدىغان ئىش ئىكەنتۇق دەپ ئويلاپ قىېلۋاتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:36
    • قارىغاندا ئۇيغۇر سوفىتنىڭ ۋەكىلىك رەڭى كۆك ۋە قىزىل رەڭ بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.كۆك رەڭ خەلىقئارادا ئىجادچانلىق،يىڭىلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ،قىزىل رەڭگە نىمە دەپ مەنە بېرىدىكىن ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:09
  • مۇشۇ شىركىتىڭىزدىكى خادىملار يامان سوغۇق بىلىنىدۇ ماڭا، كىرسە بىرەر مەقسەت بىلەن كىرىدىغان ئىش بولغاندىكىن، باشقا يەردىكىدەك «نېمە لازىم، نېمە ئىش بارتى….» دېگەندەك گەپلەرنى سورىماي، چاتىقىمۇ يوق، گەپ قىلسا پەرۋا قىلماي يۈرىدىكەن، ياكى ئادەمگە قاراپ مۇئامىلە قىلامدۇ بىلمىدىم. شىركىتىڭىزنىڭ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:19
    • بۇنداق قىلغىنى زادى بولماپتۇ. مەن ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇراتتىم، يېقىندا يەنە سىنكۆز (كۆزىتىش كامېراسى) ئورناتتۇق. يېقىنقى ئىش بولسا مەن ئۇنى كۆرۈپ باقاي. سەمىمىي تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت! مەن يەنە ھەپتىدە 1-2 كۈن شۇ يەردە مۇقىم تۇرماقچى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى am 07:58
    • windows8 32bt نىڭ ئۆزىدە windows8 64bt نى قاچىلىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوپتىك دېسكا ياكى بارماق دېسكا ئارقىلىق قاچىلايسىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى am 00:28
  • ئالىم مۇئەللىم مەن windows8 32bt نى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم قانداق قىلسام 64bt قا كۈچەلەيمەن ياردەم قىلسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:13
  • مۇبارەك بولسۇن!!مۇشۇ سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ ماڭساڭلا يەنە 5-10يىلدا يۇمشاق دىتال كەسپىدىن ھالقىپ قاتتېق دىتال كەسپىنى راۋاجلاندۇرساڭلا،بىزمۇ ئۆزىمىز ياسېغان كومپيۇتىر تېلفۇن دىگەندەكلەرنى ئىشلىتىپ كەتسەك(شۆلگەي ئېقىتىپ خىيال سۈرۋاتقان چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:58
  • ئالىم مۇئەللىم، ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنىڭ ئاخىرقى خانىسى 9871 بولسا ئۇيغۇرسوفت نىڭ ئېچىلغان ۋاقتىغا ۋەكىللىك قىلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:54
    • ياق، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ ساق 1 يىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ، (سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى).
      ئۇيغۇرسوفت 6-ئاينىڭ 14-كۈنى رەسمىي ئېچىلغان. يەنى مەن 24 ياشقا كىرگەندە. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىككى يىل بولغاندا

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 17:15
      • گوگىل بىلەن بىر كۈندە قۇرۇلۇپتىكەندە.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 18:04
      • ھەجەپ مۇشۇ كۈنى مېنىڭ ئېسىمدە ئۇيغۇرسوفتتا ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرسى بولغاندەك ئېسىمدە قاپتۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:19
      • ھەجەپمۇ توغرا كەپتۇ: مەن دەل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بىر قىزغا تەلەپ قويغان (ھى….ھى….ھى…) ھازىرغىچە يۇرۇۋاتىمەن ، 5يىل بولدى ، مەن ئەمدى سىلەرنىڭ شىركىتىڭلارنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان بولدۇم………………………..

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:40
  • «ئۇيغۇرسوفىت شىركىتى سېتىش بۆلۈمى»نىڭ ۋىۋىسكىسىدىكى،دۇكان ئادرېسى ۋە تېلېفون دىگەننى خەنزۇچەيېزىشنىڭ ئېھتىياجى نېمىكىن؟ئۇيغۇرچەخەتنىڭ يېزىلىشى نۇمۇر ۋە تورئادرىسىغاتوغرا يۆنىلىشتەكەلمىگەنلىكىنى سەۋەپ قىلىپ تۇردۇم…ئۆزۈمگەئۆزۈم تەسەللىي بىرىپ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:03
    • ئىچكىرىدىن ياكى باشقا يەردىن خەنزۇچە ئادرېس بويىچە پوچتىدىن بىر نەرسىلەر كېلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا خەنزۇچە يېزىلىپ قالدى. ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولغاچقا بىر قاراپلا دۇكاننى تاپالايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 17:19
  • ئۇيغۇرسوفت نەچچە ئايدىن كىيىن ،نەچچە يىلغىچە،نەچچە ئوم يىلدا نېمە ئىش قىلماقچى بىر تېما باشلىمامدۇق، يەنە ئۈچ يىلدىن كىيىن ئون سەككىزگە كىرىسىلەر،ئون سەككىزياشغا كىرگەندە كىم بىلەن مابەتلىشىسىلەر؟ يۈخۇي قىلىپ مابەت تاللاپ كىمنى ئالىسىلەر؟يا بىرسىگە تىگەمسىلەر؟ياش بىر يەرگە بېرىپ قالدى،كىيىنلىكنى ئوبدان ئويلاشمىساڭلار بولمايدۇ جۇما!يا بولمىسا مەسلەھەت چاي بېرەملا جامائەت يىغىلىپ بى مەسلەھەتلىشىلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:57
    • 3 يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەمدى بىلدىڭلار، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنى يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن بىلسەڭلار مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ بەرسەك داۋراڭ بولۇپ كېتىدۇ. ئىش قىلماي قۇرۇق تەشۋىقات قىلغاننىڭ قىلچە پايدىسى يوق. ھېچقانداق ئىش قىلماي كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرغاننىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. 18 ياشقا كىرگەندە بىز بىرسىنى ئالارمىز ياكى بىرسىگە تېگەرمىز شۇ، ياكى مۇشۇنداق بويتاق يۈرەرمىز شۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 17:12
      • دىمىسىمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ راست، سوفت بىلەن چەپىلىشىدىغانلار مەخپى ئىش قىلمىسا بولمايدۇ،دۈشمەنلەر بىلىۋالسا چاتاق چىقىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:35
        • شۇنداق، ھازىر بەزىلەر قىلىدىغان ئىش تاپالماي، بەزىلەر ئىشنىڭ كۆپلىكىدىن قىلىدىغان ئادەم تاپالمايۋاتقان، يەنى بەزىلەر مۇشۇنداق تىڭ-تىڭلاپ يۈرگەن.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:47
  • مۇبارەك بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى am 08:50
  • ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ روناق تاپقاي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:33
  • مىنىڭ ئوبدان ئۇگىنىپ مۇشۇ شىركەتكە كىرىپ ئشلىگىم بار .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:05
  • شىركەتنىڭ ئىشخانا مۇھىتى خېلى ياخشىلانغاندەك قىلىدۇ.ئۇيغۇر سوفىت ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ يۈكىسىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:34
  • مۇبارەك بولسۇن! سىزگە ئوخشاش مىھنەتسىز كىشىلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ئارىمىزدىن. جاپالىق ئەمگەكلىرىڭىزلەر بولغاچقىلا بىزلەر ئانا تىلىمىزنىڭ ھۇزۇرىنى كومپىيۇتېردىمۇ سۈرىۋاتىمىز.

    ھە راست، ئالىم مۇئەللىم، 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا كومپىىيۇتېر سېتىۋالغان ئىدىم، سېستىمىسى Win7 ئىكەن. ۋاقتىنچە بازاردىنلا Windows8 دىن بىرنى سېتىۋېلىپ قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم. ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشنى ئويلاپ تورلاردىكى، بلوگىڭىزدىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلدىم، ئاساسەن بەك قىممەتلىشىپ كەتكەن گەپ بار. Windows8.1 چىققاندا مەندەك ھەقىقىي نۇسخىسىنى ئىشلىتىشنى ئارمانداپ ئولتۇرغانلارغا ئەرزانراق سېتىۋېلىش پۇرسىتى بۇلارمۇ؟

    ياكى تورداشلاردا ئارتۇق سېتىۋالغان Windows8 بولغان بولسا سېتىپ بەرگەن بولسىمۇ بۇلاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:27
    • مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 5 نى ئارتۇق ئىلىپ قويغان 3 قالدى ، abdumijit@outlook.com مۇشۇنىڭغا خەت قالدۇرسىڭىز بولىدۇ ، ئەسلى باھادا بىرىمەن ، 248يۇەن ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:36
      • خەت قالدۇرۇپ قويدۇم، ئېچىپ كۆرۈپ باقارسىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:54
      • خەت قالدۇرۇپ قويدۇم

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:12
      • ئاخىرى win8 نىڭ ھالال نۇسخسىنى قاچىلىۋالدىم. ئەينۇللا قېرىندىشىمىز ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى ئەسلى باھاسىدا تەمىنلەپ بەردى، ئارلىقتا ئاكتىپلاشتا بەزى ئىشلارنى مەن ياخشى ئۇقالماي، ئەينۇللا قېرىندىشىمكومپيۇتېرىمنى يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۆزى بىر قوللۇق ئاكتىپلاپ بەردى.

        ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىدىلا قېرىندىشمغا رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

        اللە ئارىمىزدا ئىشەنچلىك كىشىلىرىمىزنى كۆپ قىلغاي!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:15
      • ئالدى بىلەن ماڭا ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت ئىيتىمەن ، قىرىندىشىمىز پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق پۇلنى ئۇرىۋىتىپ ماڭا ئۇچۇر قىلدى مەن سىرىتتا بولغاچقە ئەتىسى سىلىۋىتەي دىگەن ، مۇنبەر ئاچىمەن دەپ ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ ، ئۇچ كۈندىن كىيىن ئۇچۇر قىپتۇ ئەۋەتىپ بەردىم ، قىرىندىشىمىز بىيجىڭدا ئوقوۋاتقان ئوقوغۇچى بولغاچقا بىر سىنىت پايدا ئىلىنمىدى ، ئۆز باھاسىدا تەمىنلەندى ، ئىشەنىچ_ تەرەققىياتنىڭ تۈۋرىكى (ئەينۇلا)

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:09
  • uyghur ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى بويىچە يىزىلىشى
    uighur ئېنگىلىزچە يىزىلىشى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:33
  • مۇبارەك بولسۇن !
    لوغەت قاچانلىققا ئېلان قىلىنار يېڭى لوغەتنى ساقلاپ پات پات شىركەت تورىنى يوقلاپ قويىمەن «يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ» دىگەن خەت ئۆزگەرمەيلا تۇرىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 16:53
    • شۇنى دەيمەن، بىزنىڭ ئىدارىگە ئىككى يۈرۈش ئالماقچى ئىدۇق، مۇشۇ ھەقتە بىر ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلا

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:54