ئۇيغۇرسوفت بىرنەچچە ئاي نېمە ئىش قىلدى؟
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى 4-قەۋەت (توپ تارقىتىش بازىرى) 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە بىر تۇتاش زىننەتلەنگەنلىكتىن بارلىق دۇكانلاردا ئىش توختىغان ئىدى. ھازىر ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى 9-ئايدىن باشلاپ قايتا تىجارەت باشلىدى. دۇكان ئەسلىدىكى ئورۇندىن يۆتكەلمىدى، ئەمما دۇكان نومۇرى قايتىدىن بېكىتىلگەن بولغاچقا ئەسلىدىكى 4319-دۇكاندىن 4-قەۋەت 35-نومۇرغا ئۆزگەردى. بۇ جەرياندا خېرىدارلىرىمىزغا قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرگەن بولساق كەچۈرۈم سورايمىز. خېرىدارلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن ۋاقىپ بولۇشىنى، شۇنداقلا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە 3-قارارلىق ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان خادىملار يېڭى يۇمشاق دېتاللار (ۋە يېڭى ئەپلەر) نى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. پات يېقىندا يېڭى يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەر ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش تەرجىمە گۇرۇپپىسى Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە بىرنەچچە يېڭى ئەپلەرنىڭ تەرجىمىسىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاماملاپ، سۈپەت تەكشۈرۈشكە يوللىدى. Office 2013 نىڭمۇ تەرجىمىسى تاماملىنىپتۇ، يېقىندا بىرلىكتە سۈپەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقچى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ.
بۇ يىل ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە مەيلى ئۇيغۇرسوفتنىڭ بولسۇن ياكى باشقا شىركەتلەرنىڭ بولسۇن بىر قىسىم يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,641 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 09-ئاينىڭ 11-كۈنى am 10:28
- ئالدىنقى يازما :Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت تاماقخانا باشقۇرۇش دېتالى
مۇبارەك بولسۇن! كەلگۈسىدە قىزىلبايراق بازىرىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر كومپىيوتېر تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ قەد كۆتۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مۇبارەك بولسۇن ئۇيغۇر سوفىت. يازلىق تەتىلدە بارغان چىغىمدا بىزەيمىز دەپ ھەممە نەرسىنى چۇۋۇپ قويۇپتىكەن(ئەپسۇس ئۇ چاغدا سىز بىلەن كۆرۇشەلمىگەن ئىدىم)، مانا ئەمدى ماۋۇ ئسىم تاختىسى تازا يارىشىپتۇ.گۈللەپ كىتەيلى.
ھەر قېتىم مۇشۇ بىلوگنى كۆرسەم بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىمەن،ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن!
ئالىم مۇئەللىم مۇبارەك بولسۇن.. سىزنىڭ باھانىڭىز دا ئوغرى نەشىردىن قول ئۈزۈپ ھەقىقىنىڭ پەيزىىنى سۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن.
شىركەت نامى توغۇرسىدا
uighursoft ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال (تۈپتۈز تەرجىمە)*
uighursoft لىكىن تولىمىز بەزى يەردە uyghur دەيمىز.
uighur
uyghur
قايسىسى ئۆلچەم لىكدۇ؟
كەچۈرۈڭ، ئىلگىرى مەن بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىپ بولغان، تورلاردىن تاپالايسىز.
مكروسوفتتىكىلەر uighur نى ئىشلىتىدۇ ، شۇنىڭغا قارىغاندا مۇشۇ توغرا ئوخشايدۇ
خەلقئارالىق ئۆلچەم ۋە مىكروسوفتنىڭ بەزى ماتېرىياللىرىدا يەنىلا شۇ 350 يىلنىڭ ئالدىدا Oxford لۇغىتىدە قېلىپلاشتۇرۇلغان يېزىلىشى uighur نى ئىشلىتىدىكەن.
گېپىڭىزدىن قارىغاندا Office2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى سىلەرنىڭ ئۇيغۇر سوفىت قىلماي باشقىلار قىلدىمۇ نېمە ؟؟
شۇنداق، بىرۋاقىتلاردا بىرەيلەن «بىزنىڭ تەرجىمە شىكىتىمىزگە ۋەزىپە چۈشتى، مۆھلىتى پالانى ۋاقىتقىچە… بۇ ئاتالغۇلار مۇۋاپىق بوپتىمۇ…» دەپ بىلىكتە تېما يوللىغانىدى…
windows8.1 نىڭ تەرجىمىسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى windows8.1 بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلامدۇ ياكى كىيىنراقمۇ ؟؟
UighurBasic پىروگرامما تىلىغا ئىشتىھايىڭلار بارمۇ؟
ئەمىسە روھلانغا مەرھەمەت.
http://www.rohlan.com/thread-24838-1-1.html
مەن ھازىر دەل مۇشۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ئولتۇرغان ئىدىم
ئىشتىھا بولمامدىغان .ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا پروگرامما تىلى بولسا بۇمۇ بىر كاتتا يىڭىلىق بولىدۇ دە .
مانا ياخشى بوپتىغۇ مۇئەللىم، دۇكان ئورنىڭىزنىڭ قايتىدىن تىجارەت باشلىغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن !
مۇئەللىم ، سىزدىن سوراپ باقسام مەن مۇشۇ تەربىيىلەش مەركىزىڭىزدە تەربىيىلىنەي دەپ ئويلىغان ، قۇبۇل قىلامسىلەر.
مەن شىنجاڭ پداگوگىكا ئونۋېرستىتتى ماتىماتىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن ، كېلەر يىلى 5-ئايدا ئوقۇشۇم پۈتىدۇ.
ھە راست ئالىم مۇئەللىم، بۇرۇنراق بىلگەن بولسام شىركىتىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئۆلچەملىك ھۆسىنخەت نۇسخىسىدا يېزىپ بىرەركەنمەن(ئەلۋەتتە ھازىرقى خەلىقئارالىق ئۆلچەملىك ھۆسىنخەت نۇسخىسىدا)، ئەلۋەتتە بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق دىتاللارنىڭ ئىسمىنى يازىدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا مانا مەن ھەرقاچان تەييار…skype نومۇرۇم ilqin@live.cn
ناھايىتى ياخشى، ئۇنداقتا «ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش» دەپ يېزىپ بېرىڭ، ئاۋۇ قوش تىرناقنى ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. E-mail قىلىپ ئەۋەتىڭ،
«ئۇيغۇرسوفت» دېگەن ئىسىمنى مېنىڭ يېقىن دوستۇم ئەكبەر سالىھ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن. ھازىرغا قەدەر قەدىرلەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئاللاھ تىنىڭىزنى ساق قىلسۇن، مۇشۇ office2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى قاچان چىقار دەپ كۆزۈم تىشلىپ كېتەيلا دەپ قالدى، توردىن پارسچىسى ھەقسىزكەن شۇنىڭ تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم، شۇنداق ھوزۇر، ھە راس مۇئەللىم مۇشۇ كۆزنەك 8 دە ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ ياكى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمىيتىنىڭ خەت نۇسخىسىدەك بىرەر ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى ياسالدىمۇ؟ ياكى مۇشۇ ھازىرقى خەت نۇسخىسىمۇ؟ ھازىرقى خەت نۇسخىسىغىمۇ شۇنداق كۆنۈپ قالدىم، شۇنداق ئېنىق، سىناپ باقاي دەپ ئەسلىيە ، تۈز خەت نۇسخىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ باقسام شۇنداق ئىسىل بولدى كومپىيۇتېر، لېكىن كۆمپيۇتېرىم ۋە كونرول تاختىسى، تىزىملىكتىكى خەتلەر يەنىلا مۇشۇ ئەسلىي خەت نۇسخىسىدەك ئېنىق كۆرۈنمەيدىكەن…
2006-يىلى 9-ئايدا «ئەلكاتىپ 5.0» چىققاندا، ALKATIP Tor قاتارلىق بىر-ئىككى خەت نۇسخىسىنى ياساپ ئەمدى قايتا خەت نۇسخىسى ياسىمايمەن دەپ قۇلۇمنى يۇيۇۋەتكەن ئىدىم. ئۇ ئىشلارغا ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ.
شۇنداق بىزدە ئېنىق كۆرۈنىدىغان، ھەم يەنە ئۇيغۇرچە،، قازاقچە، قىرغىزچىدىن باشقا يەنە ئەرەب، پارس،….نىڭ بارلىق ھەرپلىرىنى قوللايدىغان خەت نۇسخىمىز يوق. بولغان بولسا بۇ ئىشلارمۇ تەس ئەمەس ئىدى. ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قوشۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
چىرايلىق بىزىلىپتۇ ،،،،،،،،،،خەلقىمىزنىڭ ئۈمۇدىنى يەردە قويماي جاپالىق ئىشلەۋاتىسىلەر،،،،،،،،،،ئۇيغۇر كومپىيۇرتىرچىلىغى،،،شۇنداقلا ئانا تىلىمىز ئۈچۇن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتىڭلار ،،،،،،،،،،،،،،،،بۇنى خەلق ھەرگىز ئۇنتىمايدۇ،،،،،،،سىلەر ھەقىقى خەلق ئۈچۇن ئىشلەۋاتىسىلەر
Office 2013 نىڭ تەرجىمىسى ھەقسىز بولامۇ يا پۇلغا سىتىۋالامىزمۇ؟ تىل بولىقىنى ئايرىم سىتىۋالىدىكەنمىز دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان.
Office 2013 نى ھەقلىق سېتىۋالسىڭىز، تىل بولىقى دېگەن ئەزەلدىن ھەقسىز نەرسە.
ھەقلىق سىتىۋالغان ئىدىم.
يېڭى دۇكان ۋېۋىسكىسى چىرايلىق بوپتۇ،دۇكاننى چوڭاراققا ئالماشتۇرىۋالغىلى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى-ھە!
ئۇلار مۇشۇ باھانىدا 40 قا يېقىن دۇكانلارنى قوغلىۋەتتى. ئىجارىنى ئۆستۈرۈپ، 3 يىللىق پۇلنى ئالدىن ئېلىۋالدى. ھېلىمۇ تاس قالدى تېخى مۇشۇ ئەسلىي ئورنىمىزمۇ تەگمەي قالغىلى، بەزىلەر تېخى نەچچە 10 مىڭ يۈەن خەجلىگەننىڭ گېپى بار.
ئالىم مۇئەللىم يېڭى دوكىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! شىركىتىڭلارنىڭ تېخىمۇ روناق تىپىشىنى، خەلقىمىزگە تېخىمۇ كۆپ يومشاق دىتاللارنى سۇنىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم !
ئەجرىڭلار يەردە قالمىغۇسى ! ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ روناق تاپقۇسى! ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىگە ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلىرىڭىزگە ئاپىرىن ئېيىتماي تۇرالمايمىز.
ھەراسىت، ئىشخانىنى زىننەتلەيدىغان يەرگىمۇ كېلىپ قالغان، بولسا ئازراق چوڭايىتقان بولساڭلارزە، تېخىمۇ ياخشى بولاتتى!