Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مەن بۇ قىزغىنلىقنى كۆرۈپ، «Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش» ھەققىدە بۇ تېمىنى يېزىۋاتقان ئىدىم، مەزمۇن پۈتۈپ بولغۇچە، رەسىمدىكى تەرتىپ بويىچە «ئۇيغۇرچە تىل بولىقى»نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار، ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇرچە Windows 8 دىن بىرنەچچە رەسىملەرنىمۇ يوللاپ قويدۇم، قاچىلاپ باقمىغانلار بۇ رەسىمدىن ھوزۇر ئالغاچ تۇرۇڭلار، رەھمەت!
بەزى تورداشلار خەنزۇچە ھالەتتە چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، مەن ئىشلىتىۋاتقان Windows 8 نىڭ تىلى ئىنگلىزچە ئىدى، شۇڭا رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە Windows 8 دىن ئېلىندى. ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، مېنىڭچىمۇ خەنزۇچە Windows 8 دىمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 107,656 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:13
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟
تېخىمۇ كۆپ
445 پارچە باھا يېزىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن win8نى مىكروسوفت تورىدىن سېتىۋالغان ئىدىم توردىن چۇشۇرۇپ isoھۈججىتىنى ھاسىلقىلدىم .لىكىن ئۇنى بىۋاستە قاچىلغىلى بولمىدى، شۇڭا مەن win7نڭ ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ قاچىلدىم.قاچىلاپ بۇلۇپ قارىسام خەنزۇچە ئىكەن مەن خەنزۇچە بۇلۇقىنى ئۆچۈر ۋېتىپ ئىنگىلىزچە خەت بۇلىقىنى قاچىلىغان لىكىن بۇ ئىنگىلىز چە بولماي خەنزۇچە پېتى تۇرۋالدى .شۇنداقلا ئويغۇرچە بۇلاقنىمۇ قاچىلغىلى بولماي تۇر ۋالدى ، قانداق قىلسام ئويغۇرچە خەت بۇلىقىنى نورمال چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيمەن؟
ھاۋارايىنى مەنۇئۇيغۇرچەقىلالماي رايۇندىگەننى ئىچىپ ئورنى دىگەن يەردىن ئىنگلىز تىلىغا توغىرلىسام ھاۋاراي ئۇيغۇرچە ئۆرۈنگەن
ھە راست، ھاۋارايى قىسمىدا شەھەرلەرنىڭ ئىسمى پەقەت ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىدى(خەنزۇچە). ئاندىن شەھەرلەرنى تاللىغاندىن كېيىن ھاۋارايىغا ئائىت ئۇچۇرلارمۇ خەنزۇچە چىقىۋالدى.
شەھەر قوشۇش دېگەن جايدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈپ ئىزدىسەم تاپالمىدى، دېدى. خەنزۇچە كىرگۈزسەم ئاندىن تېپىپ چىقتى، لېكىن ئۇچۇرلار يەنىلا خەنزۇچە.
مەن قارىسام، ئالىم ئەھەت مۇئەللىم يازمىغا قىستۇرغان رەسىمدە «ئەنگلىيە، لوندون» دېگەندەك خەتلەرنى كۆرگەندەك قىلغانتىم.
مەنمۇ خەنزۇچە قاچىلىغان ئىدىم، ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ يازمىسىدا بېرىلگەن سۈرەتلەرگە سېلىشتۇرسام، مېنىڭ 100 پىرسەنت ئۇيغۇرچە ئەمەستەك ھېس قىلدىم.
ئەگەر شارائىت يار بەرسە يەنىلا ئورگان تور بېتىدىن ئىنگلىزچە چۈشۈرۈپ قاچىلىسا بولغۇدەكمۇ-نېمە؟
خەنزۇچە قاچىلىغان بولسىڭىز، «ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ» دەپ ئۇچۇر چىقىرىۋالىدىكەن. بۇ چاغدا يۇقارقىلارنىڭ «ئىنگلىزچە قاچىلاپ ئۇندىن كېيىن قاچىلاش» ئۇسۇلىمۇ بولىدىغاندۇ. مېنىڭ قوللانغان ئۇسۇلۇم: Windows Update يەنى كونترول تاختىدىن يېڭىلاشنى قوزغىتىپ، «يېڭلانما تەكشۈرۈش» نى باسسىڭىز، «xx دانە يېڭىلانما بار» دەپ چىقىدۇ، ئۇنى چەكسىڭىز يېڭىلانما ھۆججەتلەر تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ، سىز دىققەت قىلسىڭىز دەل ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتكە توغرا بەلگىسى قويۇلمىغان بولىدۇ. دېمەك، سىز ھەممىنى تاللاپ توغرا بەلگىسىنى قويۇڭ، ئاندىن «يېڭىلاش» نى بېسىپ يېڭىلاپ قايتا قوزغالغاندىن كېيىن، كونترول تاختىدىن «تىل قوشۇش» قا كىرىپ، ئۇيغۇرچىنى تاللىسىڭىز «ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈش قاچىلاش» كۇنۇپكىسى كۆرۈنىدۇ. چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن نورماللىشىدۇ.
بەك ياخشى بوپتۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن 11 – ئايدا مەككە مۇكەررەمدە بىر يېڭى لىپتوپ سىتىۋالغان ئىدىم سېستىمىسى دەل Windows 8ئىكەن بۇرۇن بۇ سېستىمىنى كورۇپ باقمىغاچقا باشلاش يۇزۇدىكى رەسىم كورۇنۇپ تۇرۇدىغان كوزنەكنى يۇيۇپ تاشلىۋېتىپتىمەن قەتتئى ئەسلىگە كەلمىدى ياردەم قىلسىڭىز رەھمەت
ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئاددىي ئىكەن. رەھمەت ئىنىم، ئوقۇمىغان، قېرىغان ئادەم مۇشۇنچىلىك بولۇدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى يىل تورلارغا ئىلتىماس يېزىپ يۈرگەنتىم، جاۋاپلار يېزىلاتتى، نان تېگىدىغان يېرىگە يېقىن ئۈزۈلۈپ قالاتتى. بۇ بەك ياخشى بولدى. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.
خۇدايا، خۇداۋەندەكېرىم! توۋا قىلدىم. بۇرۇن قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولدى-يا؟ بۇرۇنمۇ ئىزاھات سىزىقى (Footnote) ھەققىدە سورىساملا قىزغىن جاۋاپ يېزىلاتتى. ئەمما جاۋاپلارنىڭ ھىچبىرى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان تىپتا ئەمەس ئىدى. دەل مەسىلىنى چۈشەنمەيۋاتقاندەك باشقا گەپلەرنى قىلىشاتتى. دەل مەسىلە چۈشۈنۈلۈپ، تەكرار مۈجمەللىك كۆرۈلمەيدىغان دەرىجىگە يەتكەندىلا جاۋاپ بېرىشتىن قاچقاندەك جىممىدىلا يوقۇلۇپ كېتىپ، تەكرار جاۋاپ ئالغىلى بولمايتى. بۇ يەردىمۇ شىنداق بولۇۋاتىدۇ. دەرھال جاۋاپ بېرىلگىنىدىن خۇش بولدۇم، ئەمما جاۋاپ مەن سورىغان نەرسىنىڭ جاۋابى ئەمەستى. تەكرار شۇنداق سورۇغان ئىدىم: توغرا، Word تا. ئىلگىرى Windows98 دە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالىغان ئىدىم، Word تىكى Formatئىچىدىكى مەلۇم بىر تاب ئىچىدىنلا توغرۇلانغان ئىدى. XPدىن باشلاپ ھىچ ئەپلەشمىدى. ھازىر بىر كومپيۇتېردا ۋىستا، يەنە بىرىدە Win 7 ئىشلىتىۋاتىمەن. جاۋاپ يازغىنىڭىزدىن ئىلھاملىنىپ يېزىپ كەتتىم، بۇلارنى ئوفىس 2007 ئىشلىتىۋاتىمەن. سىز جاۋاپتا«نەقىلنى ئوڭدىن باشلاش»دەپسىز، ئۇنداق ئەمەس، بەت ئاستى ئىزاھاتنىڭ سىزىقى (تېكست ئوڭدىن بولۇۋاتىدۇ)! سىزىق سول تەرەپتە، تېكسىت ئوڭ تەرەپتە بولسا بەك سەت تۇرۇدۇكەن. شۇنى ھەل قىلىدىغان قەدەم باسقۇچلارنى دەپ بەرسىڭىز مىڭلارچە رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇنىڭغا جاۋاپ يوق! مانا شنداق قىلىپ، Footnoteنىڭ سىزىقىنى ئوڭ تەرەپكە توغرۇلاش ھەل بولمايۋاتىدۇئ
دۆلەت ۋە رايوننى ئوڭدىن-سولغا يېزىق ئىشلىتىدىغان دۆلەت ياكى رايوننى تاللاڭ، مەسىلەن: سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئاندىن يەنە Microsoft Office نىڭ تىل تەڭشەيدىغان جايغا بۇنى قوشۇڭ. جاۋابى مۇشۇنداق ئاددىي
ئالىم مۇئەللىم مەن بۈگۈن ۋىندوۋىس8 نىڭ ھەقلىق نەشرىنى 250سومغا سېتىۋالدىم، بۇنىڭغا ئۇيغۇربەگ ياردەم قىلدى، لىكىن ئۇيغۇرتىلنى سىزگە ئوخشاش تاللىسام تىل بولىقىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ چىقىۋالدى، توختىماي يىڭىلاۋاتىمەن بولمىسا، قاچىلغاندا خەن تىلنى تاللاپ قاچىلاپتىكەنمەن،
ئالىم مۇئەللىم مەن win 8 ھەقىقى نەشىرىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە ئىشلىتىپ ناھايىتى خۇش بولدۇم ۋە پەخىرلەندىم.
ئەمدى سىزدىن بىر مەسىلە سورىسام مەن ئۇيغۇرچە تىل بۇلاق چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەندىن كىيىن دىسكا نامىنى ئۆزگەرتسەم «بۇ قوزغاتقۇچنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى تەمىنلەڭ» دەپ چىقىۋالدى «داۋاملاشتۇرۇش»نى باسساممۇ ئۆزگەرمىدى قانداق قىلسام بولىدۇ
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز ،
مەن win8 قاچىلىغان لىكىن بۇ ئەپسىز بىلىندى ،، قانداق ئەپسىز دىسىڭىز_ ئادەتتە مەن qq نى ئىشلىتمەن ( توربىكەت قۇرغۇچىلىرى ئاساسەن ئىشلىتدۇ ) win8 نىڭ qq بەك قولايسىزكەن ، ئەڭ ئاددىيسى بىرەر دولار ھۆججەت ئەۋەتسىمۇ كەمەيدىكەن ، 视频 ئەۋەتكىلى بومايدىكەن،
يانا مەن ئىشلىتىدىغان توربەت ياسايدىغاندا پايدىلنىدغان بەزى دىتاللا قوزغالمايدىكەن ، مۇشۇنى win7 دا نورمال ئىشلەتكەندەك ھالەتتە ىلغىلى بوماسمۇ …..
چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز-ھە؟ بۇ Windows 8 نىڭ ئىشى ئەمەس، QQ نى ياسىغانلار شۇ Windows 8 گە لايىق ياسىيالمىدى دېگەن گەپ.
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىنداشلا،مەن ۋىن8 نىڭ تىل بۇلىقى چىققانلىقىغا بەك خوش بولدۇم،ئۇيغۇر تىلى خارلانمايدىغان بۇبتۇ، مەن خەنسۇچە بىلمىسەممۇ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى چۇشۇرۇب قاچىلدىم، باشقىلارغا كوبراق تەشۋىق قىلايلى.
ئالىم مۇئەللىم ۋە دوستلار ،ياخشىمۇ سىلەر ،مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا ئەپ قاچىلىسام ،windows ئوتتېىمى مۇلازىمىتى ئىجرا بولماپتۇ دەيدۇ،بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار بوپتىكەن.كۆپ رەخمەت!
بىرەرسىڭلار يادەم قىلساڭلارچۇ؟
بەك ياخشى ئىش بۇپتۇ ۋىندوۋىس 8 نى سېتىۋالساق باشقا يۇمشاق دېتالنى قاچلىغاندا نورمال قاچلىنامدۇ . مۇشۇ ئىشنى بىلىۋالاي دىگەن