Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مەن بۇ قىزغىنلىقنى كۆرۈپ، «Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش» ھەققىدە بۇ تېمىنى يېزىۋاتقان ئىدىم، مەزمۇن پۈتۈپ بولغۇچە، رەسىمدىكى تەرتىپ بويىچە «ئۇيغۇرچە تىل بولىقى»نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار، ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇرچە Windows 8 دىن بىرنەچچە رەسىملەرنىمۇ يوللاپ قويدۇم، قاچىلاپ باقمىغانلار بۇ رەسىمدىن ھوزۇر ئالغاچ تۇرۇڭلار، رەھمەت!
بەزى تورداشلار خەنزۇچە ھالەتتە چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، مەن ئىشلىتىۋاتقان Windows 8 نىڭ تىلى ئىنگلىزچە ئىدى، شۇڭا رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە Windows 8 دىن ئېلىندى. ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، مېنىڭچىمۇ خەنزۇچە Windows 8 دىمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 101,372 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:13
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟
تېخىمۇ كۆپ
مەن خەنسۇچە ھالەتتىمۇ چۈشۈرۈپ قاچىلىۋەردىمغۇ…
سىزنىڭ قايسى نەشىرى ئىدى مىنىڭكىدە چۈشمەيۋاتىدۇ
ئەنگىلىزچە ھالەتتە چۈشۈرسىز
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى…. ئەستىن چىقمايدىغان خوش- خەۋەر كۈنى… ھاھاھا!!!!. نېمە دىگەن ئېسىل…. ئىشبۇ… ئويلىغىنمدىن بۇرۇن تارقىتىلىپتۇ. مەن تېخى بۈگۈن سېتۋالغان. چۈشۋاتىدۇ. %75 بولدى. تىزراق بولسا بولاتتى. … بەك ئېسىل ئىش بوپتۇ…
مۇبارەك بولسۇن !!! بۇمەن بۈگۈن ئاڭلىغان ئەڭ ياخشى خەۋەر بولدى، ياخشى ئىشلار ئۈزۈلمىسۇن
ئاستىدىكى تور كۆرگۈ ،كونتىرول تاختىسى، ھۆججەت كۆرگۈچ لەر گاھ كۆرىنىپ گاھ كۆرۈنمەي تۇرىدۇ،قانداق ھەل قىلىمىز.قارىسام رەسىمدە بىر چىرايلىق چىقىپ تۇرىدۇ.360 نىڭ ئىشىمۇ يا!
360 نى كۆزدىن يوقىتىڭ. شۇنىڭ ئىشى بۇ. مېنىڭ نورمال ئۇنداق ئىش يوق. بۇرۇن 360 با چاغدا شۇنداق بولۇپ قالغان.
خەنزۇچە win8 دە ئەپسىزدەك قىلىدۇ. بەزى باللا چۈشۈرۈپتۇ، بەزى باللا چۈشۈرەلمەپتۇ. نەنىڭ ئىشىكىن بۇ. مەن ئەتە خەنزۇچە win8 نى قاچىلاپ باشقا كومپيۇتېرغا، بىر سىناپ باقاي دەيمەن.
ئىنگىلىزچە تىلىنى قاچىلاپ ئاندىن چۈشۈرسىڭىز بولىكەن
ئالىم مۇئەللىم ئانداق قىلغاندا ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋرايىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدۇ
مەن ھەجەپ خەنزۇچە ھالەتتە چۈشەردىمغۇ
قانداق چۈشۈردىڭىز؟ تەجرىبىڭىزنى سۆزلىمەمسىز؟
بۇ خەتلەرنى بۇنىڭدىن چىرايلىق تەڭشىگىلى بولمايدۇ ، ئاستا – ئاستا كۇنۇپ قالمىز ، ھىچ بولمىسا ھازىرچە شۇنداق
http://www.qutyar.net/mb/thread-4953-1-1.html بۇتىمىدا دىيلگىنى بويىچەwindows8نى چىرايلىق قىلىش دىگەننى C:\Windows\Fonts دىگەنىڭ ئىچىگە چاپلىۋىتىپ كومپىيۇتېرنى قايتاقوزغاتسىڭىز خىتى چىرايلىق بولىدۇ!
مىنىڭ خەنزۇچە ھالەتتە بولسىمۇ چۇشىۋەردىغۇ! بەك بىلمىگەنلەر ئاۋال تاللاپ قۇشۇلۇپ بولغان ئۇيغۇرچە تىلنى يۇيۋىتىپ قايتا قوشسىڭىز يەنە ئاپتۇماتىك ھالدا كۇرۇنمە يۇز تىلىنىڭ ئىشلەتكىلى بۇلدىغانلىقىنى تەكشۇرۇپ بىرىدۇ.ئاندىن چۇشرىۋالىسڭىز بۇلدۇ ، قاچلاپ بولغاندىن كىيىن قايتا بىر قېتىم قوزغالسا كۈچكە ئىگە بۇلدىكەن ،
ئىسىل، ئىسىل، ئىسىل…
لېكىن مۇشۇ خەرىتە تېخى تۇلۇق تەرجىمە قىلىنمىغان ئوخشايدۇ؟
ئالىم ئەھەد مۇئەللىم. رەسىملەردىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى سەت تۇرامدۇ قانداق؟ بۇنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ ياكى ئەرەبچە خەتلەرنى كومپىيوتېردا بۇنىڭدىن چىرايلىق چىقارغىلى بولمامدۇ؟
http://www.shewqiy.com/thread-1683-1-1.html ماۋۇ يەرنى كۆرۈپ بېقىڭ ، ۋاقتىنچە ھەل قىلىش چارىسى مۇشۇ
كىرسەم بىر ئادرىس تەمىنلەپتۇ … قارسام ئۇ جايدا يۇيلۇپ كىتىپتۇ چۈشرەلمىدىم … مومكىن بولسا چۈشرۈش ئادرىسنى تەمىن ئەتكەن بولساڭلار
ئالىم مۇئەللىم مەن سېستىمىنى ئاچقۇچ نۇمۇر بىلەن بىرگە كەلگەن چۈشۈرۈش ئادرىسىدىن چۈشۈرگەن ئىدىم خەنزۇچە قوزغالغان ئىدى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يەردىن تىل بولىقى چۈشۈرەي دىسەم تىل بولىقى يوق دەپ چىقىۋالدى بۇ نىمە ئىشتۇ؟
ئىنگلىزچە ھالەتتە چۈشۈرۈڭ
مىنڭكىمۇ شۇنداق تىل بولىقىنى ئشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ چىقۋالدى
مۇ ئەللىم سىستىما خەنزۇچە ھالەتتە تىل بولىقىنى چۈشۈرگىلى بولماسمۇ ؟
خ شەنزۇچە ھالەتتە چۈشۇرگىلى بولىدۇ.مە شۇنداق چۈشۈرگەن
ئىگىلىسچە نۇسخىسنى قانداق چۈشۈرمىز ؟ بولسا ئالىم بۇئەللىم ئىنگىلىسچە ۋىن8 نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تەمىنلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن
ۋىندوۋىس 7 نىڭ ھەقلىق نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. 2.5 يىل بولدى. ۋىندوۋىس 8 نى مەن سىتىۋىلىپ ئىشلىتەي دىسەم، مەندە ئىناۋەت كارتىسى يوق.
سىز ياردەم قىلالارسىزمۇ، ئىشخانىڭىزدا ياكى ئۆيىڭىزدىكى ئارام ۋاقتىدا بولسىمۇ، چ چ ئارقىلىق كۆرسەتمە بەرسىڭىز.
ۋىندوۋىس 8 نى ئاپتۇماتىك قاچىلاشقا بولامدۇ؟ يەنى: تاللاش ئورونلىرى ئازراق چىقامدۇ دىمەكچى.
ۋىندوۋىس 7 نىڭ نەشىرىنى يۇقىرىلىتىشتا تەكشۈرىدىغان ھۆججەتنى، چۈشۈرۈپ سىستىمىنى تەكشۈرتۈپ باقسام، ھازىرقى ۋىندوۋىس 7 نىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يىتەمدۇ- يوق؟
بۇ يەرگە كىرسىڭىز، ھەممىسى بار
../?p=2027
ئىناۋەت كارتىڭىز بولمىسا ، مەكتەپ ئاۋانگارتلار تورىدىن سېتىۋېلىڭ، قانداق ئېلىشنى ماتېرىيال بېرەي. ئۆزىڭىز (自助) قىلىڭ. http://www.ahtur.com
مەن تۈنۈگۈن يېرىم كىچىدە مۇۋاپىقىيەت قازاندىم. ئەسلىدە قاچىلىغانلىقى 64 بىتلىق نۇسقىدىكى خەنچە سىستىما ئىدى. ھەر قانچە قلىپمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىغان ئدى. ‹语言包无法使用› دەپلا چىقىۋالغان ئىدى. كىيىن 157 مىگابايىتلىق ئېنگىلىزچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ سىستىمىنىڭ تىلىنى پۈتۈنلەي ئىنگىلىزچە قىلغاندىن كىيىن ئاندىن تەكشۈرسەم نورمال چىقتى. 3.8 مىگابايىتلىق ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن قايتا قوزغاتسام پۈتۈنلەي نورمال قوزغالدى. بىۋاستە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرچە خەتكە قاراپ يۈرۈگۈم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالايلا دىدى. كۆز تەگمىسۇن بۇ كۈنلىرىمىزگە . يەنىلا شۈكرى ئيتايلى.
مەن مۇ ئۇيغۇرچە تل بۇلىقىنى ئشلىتىپ باقاي دىگەن ئشنى نەدىن باشلاشنى بىلمىدىم . ماڭا يار دەم قىلالا سىز مۇ؟ چ چ ئارقىلىق مەسلىھەت بەگەن بوسىىڭىز.
936197249:چ چ
window Update نى يۇرگۇرۇپ بايقالغانلىرنىڭ ھەممىنى قاچىلسىڭىز قايتا قوزغالغاندىن كىيىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ
ھەجەپ ئوبدان بولۇپتۇ رەھمەت سىزگە،ئاللا ئىشلىڭىزنى تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق قىلسۇن
ئەسسالام ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم مەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىغان ،خەتلەر چىرايلىق چىقمىدى ،قانداق ئوڭشايمىز؟
قانداق چىرايلىق چىقمىدى ؟ ئاۋۇ رەسىمدىكى خەتلەرگە قاراڭ ! شۇنداق چىقسا نورمال .
رەسىمدىكىدەك چىقتى، لىكىن بۇ چىرايلىق كۆرۈنمەيدىكەن، مۇشۇ توربەتتىكى ئۇيغۇرچە خەتلەردەك چىقسا ياخشى بولاتتى. مەن بىرسىنىڭ كومپىيوتىرىدا ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ مۇشۇنداق چىرايلىق چىققانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، قانداق قىلغاندا چىرايلىق چىقىدىكەن دىسەم، ئالىم ئەھەتنىڭ بىلىوگىدىن تاپقانلىقىنى دىگەن ئىدى، مۇمكىن بولسا ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !ئالىم مۇئەللىم مەن win8.1 نى win8 نىڭ مۇكەممەل نۇسقىسى ۋە ھەقسىز ئىچىۋىتىلگەن ئاكتىپ لىمىسىمۇ بولدىغان لىقىنى كۆرۇپ خەنچە نۇسقىسىنى چۇشۇرۇپ قاچىلغانتىم ھەقىىەتەن خىلى مۇكەممەللىشىپتۇ لىكىن ئۇمۇ ئۇيغۇرچە خەت بولقىسىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ يامىقى بولسا چۇشىرەي دىسەم ھىچقانداق ياماق بايقالمىدى قانداق قىلسام بولا microsoft دىكىلەر بىلەن ئالاقىلشىپ باققان بولسڭىز بولامۇ؟
تىل بولىقى پۈتۈپ بولدى، لېكىن تېخى ئېلان قىلىنمىدى، سەبىر قىلىڭ.