Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

مەن بۇ قىزغىنلىقنى كۆرۈپ، «Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش» ھەققىدە بۇ تېمىنى يېزىۋاتقان ئىدىم، مەزمۇن پۈتۈپ بولغۇچە، رەسىمدىكى تەرتىپ بويىچە «ئۇيغۇرچە تىل بولىقى»نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار، ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇرچە Windows 8 دىن بىرنەچچە رەسىملەرنىمۇ يوللاپ قويدۇم، قاچىلاپ باقمىغانلار بۇ رەسىمدىن ھوزۇر ئالغاچ تۇرۇڭلار، رەھمەت!

بەزى تورداشلار خەنزۇچە ھالەتتە چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، مەن ئىشلىتىۋاتقان Windows 8 نىڭ تىلى ئىنگلىزچە ئىدى، شۇڭا رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە Windows 8 دىن ئېلىندى. ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، مېنىڭچىمۇ خەنزۇچە Windows 8 دىمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
445 پارچە باھا يېزىلدى
  • كومپىيوتىر تىلىنى ئىنگىلىزچەتەڭشەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم لىكىن دۇكاندىن skypeنى ئىزدىسەم بۇ ئەپ تېپىلمىدى باشقا ئەپلەنى تېپىپتۇ بۇ نىمە سەۋەپتۇ ياكى رايۇن تەۋەلىگىنى ئامرىكا ياكى باشقا دۆلەتلەگەتەڭشەيمەنمۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:28
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتېرەم ئالىم مۇئەللىم، ھۆرمەتلىك ئەل جامائەت:
    ئەۋۋەلەمبار، قۇتلۇق كۈنلەردە قۇتلۇق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنىمىز، ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىقىدا چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ ھالاۋىتىنى بۈگۈن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالىم مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئۈچۈن تىرىشقان ئەزىمەتلەرنىڭ ئەجرى زىيادە بولسۇن!!!
    ئەمدىكى مەسىلە بالىلار بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. قىلالمىغان ئىشلار بولسا ھەممەيلەن بىرلىشىپ ھەل قىلىمىز،ئالىم مۇئەللىمگىلا ئېسىلىۋالمايلى، لەغمەننى ئالدىمىزغا قويۇپ بەرسە لازا يوقمۇ؟ ئاچچىقسۇ قېنى؟ دىگەندەك گەپلەرنى قىلساق تازا قاملاشمايدۇ بالىلار.
    يەنە بىر مەسىلە ئوڭدىن سولغا باشلىنىش مەسىلىسى، بىر دەپتەرنى ئېلىپ ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ بېقىڭ ، ئەگەر سول تەرەپتىن ۋاراقلاپ سولنىڭ بىرىنجى بېتىدىن باشلاپ يازسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىسىنى ئۇنتۇپ قاپسىز، خەنزۇچە كاللىڭىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كېتىپتۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئەرەب يېزىقى ئىشلىتىدىغان ھەممە ئادەم ئوڭدىن سولغا قىلىپ تەڭشەيدۇ سېستىمىنى. تەييار تەڭشەپ قويغان سېستىمىنى سول تەرەپتە ئەمەسكەنغۇ دەيدىغانلار ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كاللىسىنى باشقا تىل ئىگىلىۋالغانلار پەقەت بىزنىڭ مۇشۇ يەردىلا بارمىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:22
    • ھەر ئىشنى ئوڭدىن باشلاپ قىلسىڭىز، ئىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئۇزاق تۇرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيى يات تۇيۇلىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:56
      • توغرا دەيسىز، ئۈستىدىكى گەپلەر تورداشلارنىڭ ئوڭدىن باشلانغانغا كۆتەلمىدۇق دىگىنىگە قارىتا يېزىلغان گەپلەر. ئەلۋەتتە بىزنىڭ قائىدىمىز ھەممە ئىشنى ئوڭدىن باشلاش.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:35
  • ھەر خىل مەسىلىلەرگە يۇلۇققان تورداشلارغا پىكرىم:
    1. سېستىمىنى ئىنگىلىزچە قاچىلاڭ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈڭ.
    2. كومپيۇتېردىكى ۋىرۇسخۇر، 360 دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئۈچۈرۋىتىڭ.
    3. خەت نوسخىسى سەتكەن، ئەپلەر ئوڭدىن سولغا باشلىنىدىكەن دېگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ، سەت بولسا داۋاملىق خەنزۇچىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ھەممىسى كۈنەلمەسلىكنىڭ مەسىلىسى، كۈنۈپ قالسىڭىز ئۇيغۇرچىدىن چىرايلىق سېستىما يوق.
    4. سېستىمىنىڭ تەرجىمىسى مەنچە ئاساسەن تولۇق بوپتۇ، چۈنكى خەنزۇچە سېستىمىدىمۇ ئىنگىلىزچە ئاتالغان ئەپلەر ۋە تەرجىمىلەر خېلى بار. تۇنجى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدا بۇنچىلىك بولۇشى مەنچە نورمال.

    ئالىم مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:14
    • «ئاجايىپ » ئىسىملىك تورداش ئاجايىپ ئىسىل پىكىر قىپسىز، رەخمەت

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:13
    • ئاجايىپ ياخشى پىكىر بېرىپتۇ… تۇنجى نۇسقىسى ئەمەسمۇ ماسلىشىش جەۋەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ بولىشى ناھايىتى نورمال.
      شۇنداقلا تۇرداشلارنىڭ ئاكتىپ ئىشلىتىپ، توغرا نۇسىقىسىدا ئۇيغىر تىولى بولىقىنى چۈشۈرگىنى ياخشى ئەھۋال… بۇنداق چۈشۈرگەنلەرنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا ، بۇئىشنىڭ باش قەھرىمانى ئالىم مۇئەللىمنىڭ يۈزى تېخىدىنمۇ ئۈستۈن، يورۇق بولىدۇ. كېلەر قىتىمدا مىكروسوفت بىلەن سۆزلەشكەندە، ھەتتا خەت نۇسقىسى چىرايلىق ئەمەس دىگەندەك مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، ھەل قىلىشقا ياردەم، قولللاش تەلەپ قىلغاندا گېپى تېخىمۇ تورلۇق بولىدۇ. غەيرەت قىلايلى، تېخىمۇ كۆپ قىرىنداشلارنى بۇ ئىشقا كىرىشتۈرەيلى، بۇ ۋاقىتتا كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولۇپ نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇل چارىلىرى چىقىشى ئېنىق. غەيرەت قىلايلى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:18
  • مۇبارەك بولسۇن. ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. ئاللاھ ئەجرىڭلارنىڭ بەرسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 07:36
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئەگەر خەنزۇچە ھالەتتە قاچىلىيالمىغان بولساڭلار ، ئاۋال ئىنگىلىزچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن تىلنى ئىنگىلىزچىگە تەڭشەپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىساڭلار قاچىلىنىدىكەن …. ئاخىرى ئانا تىلىمىز بار بولغان سىستىما بار بولدى ………..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 07:22
  • ئالىم مۇئەللىم ! 3500~4500 ئەتىراپىدا ئاندا-ساندا ئويۇن ئوينايدىغان، 3DMAX دىگەندەك يۇمشاق دېتاللارنى سۆرىيەلەيدىغان ، ئەڭ مۇھىمى Windows 8 نى مۇزدەك سۆرەيدىغان ، بىر خاتىرە كومپيۇتېر ئالاي دەپ ئويلىشىۋاتقانتىم. بولسا ياخشىراق ماركىدىكىلىرىنى مۇۋاپىق كۆمپىيوتىر بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز . نەچچە يىلدىن بىرى ھازىرقى قەدىناس كومپىيوتىرىمنى ئىشلىتىپ كەپتىمەن ، قارىسام سۈرئەت ئاستىلشىپ سەپلىمىنى يۇقىرى كۈتۈرمىسەم بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ . ئۇيان بۇيان ئويلىشىپ بىر خاتىرە كۆمپىيوتىر سىتىۋىلىش قارارىغا كەلگەنتىم . بولسا بىر چىداملىق بىرەر ماركا بىرەر تىپلىقنى تەۋسىيە قىلغان بولسىڭىز مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 02:40
  • ئېنگلىزچە تىل بولاقتا ئىتىكرەك تاپامدۇ دىسەم نىمە دەي،خەنزۇچىسىدەك جاپا سالمايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 01:08
  • مەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىغاندىن كىيىن مىترو دۇكانغا چىققىلى بولماس بولۇپ قالدى. خەنزۇچىسىغا قايتۇرسام نورمال. بۇ قانداق گەپ؟ ئاندىن كېيىن مۇمكىن بولسا مۇشۇ تىلنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈستەل ئوڭ تەرەپكە ئالمىشىپ كېتىدىكەن. بۇغۇ مەيلىغۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە نەرسە ئوڭغا يۆتكىلىپ كېتىدىكەن. ie10 مۇ، «كومپىيوتېرىم» مۇ شۇ. پەقەت كۆنەلمىدىم. ئۇيغۇرچە تۇرغۇزۇپ، سول تەرەپكە ئالماشتۇرغىلى بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 00:43
    • سىز سولخەي ئوخشىمامسىز ! ئەمىليەتتە ھەممىىز سولدىن باشلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان. ئويغۇرچە يىزىقىمىز ئوڭدىن باشلانغانكىن ،قانۇنيەتكە باشقىلار ھۆرمەت قىلىپ بىزگە بۇ تىل بۇلىقىنى ئىشلەپ بىرىپتۇ. ئەمدى ئۇلار سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرسە سىزنى مازاق قىلىدۇ. شۇڭا سەۋىر قىلىڭ ! بۇنىڭغىمۇ كۈنۈپ قالىسىز ! مانا بۇ نەچچە يىل خەنچە سولدىن باشلايدىغان سېستىمىنى ئىشلەتكەننىڭ سەۋەبى ! ئىشنى ئوڭدىن باشلاش بىزنىڭ ئىشىمىز ! شۇندىلا ئىشىمىز ئالغا باسىدۇ !

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 07:27
      • ناۋاتتەك گەپ قىپسىز، ئىشنى ئوڭدىن باشلايمىز قائىدىدە، كىچىك ۋاقتىمدا چوڭلار دائىم ئوڭ قولدا يە،ئوڭ پاي ئاياقنى ئاۋال كەي، ئىشىكتىن چىققاندا ئوڭ پۇت بىلەن چىق دەيدىغان. ئەمدى كومپىيوتېرنى ئوڭدىن باشلاپ ئىشلەت دىگەننى قوشۇپ قويساق بولغىدەك…

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:44
      • باشقىلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋەرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيى يات تۇيۇلىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:51
      • باش مالتاقنى چىقاردىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:08
    • بىر بالا يۈگرەپ ئۆيىگە كىرىپ ئاپىسىغا دېدى، ئاپا دوقمۇشتىكى داداش ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەيدىكەن ، نېمىشقا نىخاۋ دىمەيدۇ، پەقەت كۆنەلمىدىم،بىزگە مۇئەللىم باشقىلارنى كۆرگەندە نىخاۋ دەڭلار دىگەن…..
      مۇشۇ گەپنى ئويلىنىپ بېقىڭ………

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:25
  • مەن بۈگۈن شۇنداق ھاياجانغا چۈمۈلگەن كەيپىياتتا تىل بولىقىنى چۈشۈرگەن ئىدىم. قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىپتى ماقۇل دىسەم شۇنىڭدىن كىيىنلا بىر DLL ھۆججەتنى قوزغىتىش ھالىتىگە ئەكىلەلمىدىم دەپلا قاراپ تۇردى . ئۆزۈم بىلىدىغان بارلىق ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ، ئوڭشايدىغان ئۇسۇللارنى سىنىدىم . ئارايۈزنى كۆرىمەن دەپ شۇنداق ئۆلچەملىك ھالەتكە كەلگەن مەشخۇلات سىستىمامدىم ئايرىلىپ بۈگۈن يېرىم كۈن ۋاقتىم قايتىدىن سىستىما قاچىلاشقا كەتتى. ئەمدىلىكتە قاچىلاپ بولۇپ بىرىنجى بولۇپ قىلسام ‹مەزكۇر تىل بولىقىنى ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىدى› دەپ چىقىۋالدى. ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقمىدىم. تۈنۈگۈن بىر دېتالنى تەتقىق قىلىمەن دەپ كىچىچە تۈنەپ تاڭ ئاتغۇزىۋىتىپتىكەنمەن. ئەمدى چىدىمىدىم. ئۇخلىمىغىلى 40 سائەتچە بولۇپ قاپتۇ ماڭا . ئەمدى ئۇخلاي. ئانا تىلىمدىكى ئارا يۈزىنى چۈشۈمدە ھوزۇرلىناي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 00:22
    • ئالدى بىلەن ئىنگىلىزچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ تىلىنى ئىنەىزچە قىلىپ چۈشۈرۈرۈڭ ، مىنىڭكىدىمۇن ئىلگىرى شۇنداق ئەھۋال بولغان ، ماناھازىر شۇنداق ياخشى ئشلەۋاتىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:48
  • مۇبارەك مۇبارەك…… ئۇيغۇرۇمنىڭ سىستىمىسى بار بولدى. گەرچە ھازىر سىتىۋالالماي قالغان بولساممۇ چوقۇم سىتىۋالىمەن . ھەمدە ئالىم مۇئەلللىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئىتىمەن. شۇنداقلا مىكرو سوفىت قا ھەشقەلللا….. يەتكۇزۇپ قويغان بولساڭلار……بۇگۇن نۇر تورىنىڭ يانفۇن نۇسخىسىدا مۇشۇ خەۋەرنى كۆرۇپ بىر ئىنكاس يىزىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپتىمەن. ئالغا ئۇيغۇرۇم……مەن بەك خوش!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 00:01
  • بۇ خەۋەرنى مەن 12- دىكابىر ئەتىگن ئۈرۈمچى ۋاقتى 1لەرئەتراپىدا ئاڭلىغان ھەم ئىشەنمىگەن تاڭ ئاتقاندىنكىيىن ئۇيغۇر سوفت سېتىش بۆلۈمىگە بارسام تېخى ئېلان قىلىنمىدى دېگەنىدى ، قارىغاندا ھەمممىدىن بۇرۇن مەن خەۋەر تاپقان ئوخشايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:55
    • مەن 2012يىل12ئايىنىڭ 12كۈنى سائەت 0دىن15 ئۆتكەندەبايقاپ چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرقىلغان

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:24
      • مەن 2012يىل12ئايىنىڭ 12كۈنى سائەت 0دىن15 ئۆتكەندەبايقاپ چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچە قىلغان

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:25
  • ئىسمىنى بەك ئۇزۇن كىلىپ جەدىۋەلدىكى كاتەكچىگە پاتماي قىسقارتىۋەتتىمۇ بىلمىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:31
  • ئالىم مۇئەللىم مەن ئىلتىماس قىلغان قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى بۈگۈن كەپتىكەن ، كارتا بىلەن كەلگەن قەغەزدىكى ئىسمىم بىلەن كارتىغا ئويۇپ يازغان خەنزۇچە ئىسمىمنىنڭ پىنيىنى ئوخشاش ئەمەس تۇردۇ، Windows 8 نى سىتىۋالغان چاغدا جەدىۋەلگە قايسىنى يىزىشنى بىلمىدىم ،كىملىگىمدىكى ئىسمىمنىڭ خەنزۇچىسى艾克帕尔 艾力亚斯 ئىدى لىكىن چۇشەندۇرۇش قەغىزىدە 持卡人姓名:艾克帕尔. 艾 دەپ تۇردۇ ، كارتىنىڭ ئۇستىگە پىنيىنى ai ke pa er ai li ya siدەپ تولۇق يىزىقلىق تۇردۇ ، قايسىنى يازسام توسالغۇسىز سىتىۋالالايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:28
  • مىكرو سوفىتنىڭ شۇنچىلىك قىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت دەيلى. قالغىنىنى ئۆزۈمىز قىلايلى. باشقىلارغا تايىنۋېلىش ياخشى ئىش ئەمەس.ئالىم مۇئەللىم. جاپا چەكتىڭىز.بەزىلەر خەت شەكلىنى تېخىمۇ كۆركەم قىلىپ بەرسىڭىز مۇئەللىم دەپتۇ. ئۆزۇم ئىزدىنىپ باقاي دېمەي. بۇ يالغۇز ئالىم مۇئەللىمنىڭلا ئىشى ئەمەس. 10مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ ئۇلۇغ ئىشى. شۇڭا ھەممىمىز ئويلىنايلى. بولسا ئالىم مۇئەللىم بىر ئىككى كۈن قېنىپ ئۇخلاپ ئوبدان بىر ئارام ئېلۋالسۇن .سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم مۇئەللىم. ھېلىمۇ كۆپ كۈچىدىڭىز ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:19
  • ئۇستاز تولۇق تەرجىمە قىلىنماي قالدىمۇ نىمە كونتىرول تاختىدىن كىرسەك خىلى كۆپ يەرلەر ئىنگىزچە تۇرىدۇ ، يەنە ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرش قاتارلىق يەرلەر خەنزۇچە تۇرىدۇ ،ياكى باشقىلارنىڭكىدە ئۇنداق ئەمەسمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:18
    • مىنىڭكىدىكىمۇ شۇنداق ئىكەن. ئەمما بەش قولنى بىراقلا ئىغىزغا تىققىلى بولماس، ئەگەر سېستىما خەتلىرىنىڭ بەزەن يەرلىرى خەنچە ياكى ئىنگلىزچە بولسا بىزدەك ئانا تىل سېستىمىسىنى تۇنجى قوللانغانلارغا كۈنۈشكە پايدىلىق. ئاۋال شامال چىقىپ ئاندىن بۇلۇت كىلىپ ئاندىن چاقماق چېقىپ ئادىن يامغۇر يېقىپ … ناۋادا تىل بۇلىقى يېڭىلىنىپ تۇرسا بۇمۇ تۇلۇق تەرجىمە قىلىنىپ كىتەرمىكىن دەيمەن. شۇ ئاۋال سېستمىغا كۆنگەچ تۇرمايلىمۇ !!!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:01