Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

مەن بۇ قىزغىنلىقنى كۆرۈپ، «Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش» ھەققىدە بۇ تېمىنى يېزىۋاتقان ئىدىم، مەزمۇن پۈتۈپ بولغۇچە، رەسىمدىكى تەرتىپ بويىچە «ئۇيغۇرچە تىل بولىقى»نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار، ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇرچە Windows 8 دىن بىرنەچچە رەسىملەرنىمۇ يوللاپ قويدۇم، قاچىلاپ باقمىغانلار بۇ رەسىمدىن ھوزۇر ئالغاچ تۇرۇڭلار، رەھمەت!

بەزى تورداشلار خەنزۇچە ھالەتتە چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، مەن ئىشلىتىۋاتقان Windows 8 نىڭ تىلى ئىنگلىزچە ئىدى، شۇڭا رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە Windows 8 دىن ئېلىندى. ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، مېنىڭچىمۇ خەنزۇچە Windows 8 دىمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
445 پارچە باھا يېزىلدى
  • شۇنداق كۈنلەرمۇ كېلىدىكەن بىزگە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:59
  • ۋەزىپە بالدىقىدىكى تور كۆرگۈچنىڭ سىن بەلگىسى پىللىدە كۆرۈنۈپ يوقاپ كېتىشى، يەنە ئىجرا بولىۋاتقان ئەپلەرنى كىچىكلەتسەم ۋەزىپە بالدىقىدا كۆرۈنمەسلىكى ئۆلگۈر 360 نىڭ ئىشىكەن .
    软件管家360 دېگەن توخۇ پوقىنى قوزغالمايدىغان قىلىپ قويسام نورمال كۆرۈندى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:55
  • رەخمەت ،،،،،،،،تەشەككۇر، جاپاكەش ئۇستازلار،،،،،،،،بۈگۈن 10نەچچەيىلدىن بىرى مەن ئۈچۈن ئەڭ كاتتا خۇش -خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈنۈم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:49
  • ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا ھەقىقى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپتىكى ئارا يۈز فونتىدىن بىرىنى قۇشۇپ تارقاتقان بولسا بەك پەچەت ئىش بولار ئىكەنتۇق ،فونت بىرئاز كۆرۈمسىزرەك ئىكەن، باشقا جەھەتتىن شۇنداق پەچەت بىر سېستىما بۇلۇپتۇ، ماڭا بەك يارىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:46
    • مۇشۇنداق بولغىنىمۇ چوڭ ئىش. ئۆزىمىز خالىغانچە ماۋۇ خەت نۇسخىسىن قوشۇپ بەر دېسەك ئۇنىمايدۇ ئۇلار. مۇشنىڭغىمۇ شۈكىرى دەيلى. ئەمدى قالغان ئىشنى ئۆزىمىز قىلىپ چىرايلىق قىلىۋالساق بولمىدىمۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:53
  • ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا ھەقىقى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپتىكى ئارا يۈز فونتىدىن بىرىنى قۇشۇپ تارقاتقان بولسا بەك پەچەت ئىش بولار ئىكەنتۇق ،فونت بىئاز كۆرۈمسىسرەك ئىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:43
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم، ئاللاھ تېنىڭىزنى ساق، ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن!
    مەن ۋىن8 نىڭ خەنچىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم، بۈگۈن سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقىنىڭ خەۋىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم ۋە دەرھاللا چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم-دە ئىشلىتىشنى باشلىۋەتتىم.
    خەت نۇسخىسى سىزنىڭ مۇشۇ بىلوگىڭىزدىكىدەك بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە! شۇنداقتىمۇ مەن ئىنتايىن خۇشال ھەم ئۈمۈتۋارمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:29
    • خەت نۇسخىسى سىزنىڭ مۇشۇ بىلوگىڭىزدىكىدەك بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە!
      ==============
      يېقىن كەلگۈسىدە شۇنداقمۇ بولۇپ قالىدۇ. سەۋر قىلىڭ، ھەقىقىي دۇرۇس نەشرىنى ئىشلىتىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:39
      • http://www.hezret.com دىكى window8 نىڭ يېزىقىنى سىپتىلايدىغان دەرسلىك باركەن…شۇنى كۆرۈڭ…مۇشۇ بىلوگدىنمۇ گۈزەل كۆرنىدىكەن خەتلەر…خوشلۇقۇمدا يەنە يېزۋەتتىم بۇ ئىنكاسنى….ھەممەيلەن تەڭ ھوزۇرلانسۇن دىدىم…..

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:59
  • ھاياجان ،ئانا تىلنىىڭ خاسىيىتى باشقىچە بولىدۇ جۇمۇ، دۇكانغا كىرىپ تىخىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىم، ئاللا قۇلۇڭىزلارغا دەرت بەرمىسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:25
  • مېنىڭمۇ خەنزۇچە ھالەتتىكى سىستېما ئىدى ، تىل بولىقىنى جىدەل قىلمايلا چۈشۈرۈپ قاچىلىدى . بىراق ۋەزىپە بالدىقىدىكى تور كۆرگۈچنىڭ سىن بەلگىسى پىللىدە كۆرۈنۈپ يوقاپ كېتىۋاتىدۇ . يەنە ئىجرا بولىۋاتقان ئەپلەرنى كىچىكلەتسەم ۋەزىپە بالدىقىدا كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. ئامالسىز سېستىمىنى يەنە خەنزۇچىغا توغرىلاپ قويدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:23
  • ‏مىكروسوفىتنىڭ ماۋۇ خەت نۇسقىسى ماڭا خېلى چىرايلىق كۆرنىۋاتىدۇ خۇمۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:23
  • ئەمدى قالغان ئىش مۇشۇ ۋىندوۋىس 8 دىكى ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان ئامالنى تېپىش ئوخشايدۇ. قۇتيار تورىدىكى ئامالنى ئىشلەتسە ئېنگىلىزچە خەت نۇسقىسى ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن. سەت بولۇپ قالىدىكەن. بولسا ۋىندوۋىسنىڭ ئەسلىدىكى خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە خەت نۇسقىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇيغۇرچە خېتىنىلا كۆركەم كۆرسىتىشكە تىرىشىپ باققان بولساڭلار. رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:12
    • بۇنىڭغا ئالىم مۇئەللىمگە ئىلتىجا قىلساق بولارمىكىن. باشقا خەتلەر تەسىر يەتمىگەن ئاساستا بىرەر كىچىك قىستۇرما دېتال ياساپ بەرسە ھې ھې. بىز ئەمدى قۇتياردا ئانچە مۇنچە چىرايلىق قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمىز. كۆنۈپمۇ قالدۇق ئۇنىڭغا.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:55
  • ۋاي، بەك تەپسىلى بولۇپتۇ. مۇئەللىم كۆپ جاپا تارتتىڭىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:06
  • مەن windows8 بىلەن دوستلاشقاندىن بىرى 360 بىلەن خوشلاشقان ئىدىم ، سېستىما خەنزۇچە ھالەتتە نورمال ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم، جاپاكەشلەرگە ھەشقاللا !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:01
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،مەن نەچچە كۈن ئىلگىرى Windows 8دىن بىرنى سېتۋالغان ئىدىم،ئاران تەسلىكتە چۈشۈرۈپ قاچىلسام ئەپ دۇكۇنى ئۆچۈپ كەتتى ،كېيىن ئىككى كۈن ھەپىلشىپ قايتا قاچىلدىم ھەم ئەپ دۇكۇنىدىن ئەپمۇ چۈشۈردۈم ،بۈگۈن قارىسام ئەپ دۇكۇنى يەنە ئۆچۈپ كېتىپتۇ،قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم ،ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ خوشاللىقىمدا بىر چۈشۈرۈپ قاچىلاي دىسەم چۈشۈرۈش بويرىقى چىقمىدى ،ئىنگىلىسچىغا تەڭشىسەممۇ چىقمىدى ،بۇ نىمە سەۋەپتۇ،بىر مەسلەھەت بەرسىلە بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 20:57
  • مۇئەللىم بولسا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىلەن ئىنگىلىسچە تىل بولىقىنىڭ چۈشۈرۈش ئورنىنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز بولامدۇ نىمە بىزدەك قاملاشتۇرالماي يۈرگەنلەرگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 20:52
    • ئېنگىلىزچىسىنىمۇ شۇ تىل قوشۇش دىگەن يەردىن تاللاپ قوشۇپ قويىسىز ئاندىن ئەڭ ئۈستىگە يۆتكەپ قويسىڭىز بولىدۇ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:07
    • ئەگەر كۇچادىن بولغان تورداشلىرىم بولسا مىنى قۇشۇڭ ! مەن ياردەم قىلىپ قاچىلپ بىرىمەن. چ چ نۇمۇرۇم:445337225

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:27
  • دەل 360نىڭ ئىشىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 20:25