Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مەن بۇ قىزغىنلىقنى كۆرۈپ، «Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش» ھەققىدە بۇ تېمىنى يېزىۋاتقان ئىدىم، مەزمۇن پۈتۈپ بولغۇچە، رەسىمدىكى تەرتىپ بويىچە «ئۇيغۇرچە تىل بولىقى»نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار، ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇرچە Windows 8 دىن بىرنەچچە رەسىملەرنىمۇ يوللاپ قويدۇم، قاچىلاپ باقمىغانلار بۇ رەسىمدىن ھوزۇر ئالغاچ تۇرۇڭلار، رەھمەت!
بەزى تورداشلار خەنزۇچە ھالەتتە چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، مەن ئىشلىتىۋاتقان Windows 8 نىڭ تىلى ئىنگلىزچە ئىدى، شۇڭا رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە Windows 8 دىن ئېلىندى. ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، مېنىڭچىمۇ خەنزۇچە Windows 8 دىمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 107,480 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:13
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟
تېخىمۇ كۆپ
445 پارچە باھا يېزىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مۇئەللەم سالامەت تۇردىڭىزمۇ ؟
سىزنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيۇتېر تەرەققىياتى ئۈچۈن جان بەدەل خىزمەت قىلۋاتقانلىقىڭىزدىن بىز تولىمۇ پەخىرلىنىمىز ۋە سىزگە كۆپلەپ تەششەككۈرلەر ئىيتىمىز !
مەنمۇ مانا ئاخىر كۆزنەك 8 نى قاچىلاپ سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنىڭ تۆھپىسىدە ئۇيغۇرچە قىلۋالدىم .
رەھمەت سىزگە
مۇئەللىم سىزدىن كىچىكنىە بىر ئۆتنۈشۈم بارئىدى،
سىزنىڭ كۆزنەك 8 نى ئۇيغۇرچە قىلىش يولدا تارتقان جاپالىرىڭىز ناھايىتىمۇ كۆپ،شۇندىمۇ سىزنىڭ يەنە ئازراق كۈچ چىقىرىپ كۆزنەك 8 نىڭ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ كۆركەم بولشىغا ۋە تەرجىمىنىڭ تىخىمۇ مۇككەممەللىششىكە كۈچ چىقىرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئالىم مۇئەللىم، بىر ئىشنى زادىلا بىلمىدىم.بىزدە win8 نىڭ ئاچقۇچىدىدىن بىرسى بولسا، تورغا ئۇلانمىغان ھالەتتە بىر كومپۇتېرغا قاچىلاپ بولدۇق دەيلى ، ئەمدى يەنە بىر بۇ كومپيۇتېر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتى يوق، تورغا ئۇلانمىغان كومپيۇتېرغا قاچىلىماقچى بولساق بۇ ئاچقۇچنى ئىشلىتىپ بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟
ئالىم مۇئەللىم، 8 نى قاچىلىغاندىن كىيىن ئەپلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئېچىلمىدى. «ئىچكى ھىسابات نومۇرى بىلەن ئاچالمىدى،باشقا ھىسابات نومۇرى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپ سىناپ بېقىڭ»دەيدۇ.قانداق قىلسام بولار؟
ئالىم مۇئەللىقم رەھمەت سىزگە ، مەن نىمانداق دۆت ھازىرلا خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ قوياي .
ئالىم ئەھەت مۇئەللىم مەن سىزدىن بىر سۇئال سوراي دىگەن . ئالدىڭىزدا ئاتىكاچىلىق قىلغىنىمنى ھەرگىز ئەيبكە بۇيرىماڭ.
شۇنى سوراپ باقسام ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قارىسام خەت نۇسخىسى سەترەككەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى تۈرلەردە باشقا يېزىقلار ئارىلاش كۆرىلىۋالىدىغان ئەھۋال بارئىكەن ، بۇ ئىككى مەسىلە ئاستا-ئاستا ھەل بۇلامۇ ؟يەنىلە داۋاملىق بىر كومپىيۇتېردا توغرا كۆرىنىدىغان يەنە بىر كومپىيۇتېردا ئاچسا نورمال كۆرۈنمەيدىغان يېزىقنى قاچانغىچە ئىشلىتەرمىز ؟مەن بۇ سۇئالنى باشقا تور بىكەتلەردە ئوترىغا قويسام ھەممىيلەن ماڭا شۈكىرى قىلىشنى بىلمەيدىكەنسىز دەپ ئەيىپلىدى ، مىنڭ بۇنداق سۇئال سورىشىم ھەرگىزمۇ شۈكىرى قىلماسلىق ئەمەس بەلكى ئۆز تىلىمىزنىڭ تور ساھەسىدىكى قوللىنىش دائىرىسىنىڭ ئىستىقبالىغا دىققەت قىلغانلىقىم . بولسا مۇشۇ ھەقتە بىزگە بىر ئۇچۇر بەگەن بولسىڭىز .
رەھمەت جاپاكەش ئۇستاز ئالىم ئەھەت
ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى تۈرلەردە باشقا يېزىقلار ئارىلاش كۆرىلىۋالىدىغان ئەھۋال بارئىكەن ، بۇ ئىككى مەسىلە ئاستا-ئاستا ھەل بۇلامۇ؟
===========================
بۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ باقسىڭىز.
داۋاملىق بىر كومپىيۇتېردا توغرا كۆرىنىدىغان يەنە بىر كومپىيۇتېردا ئاچسا نورمال كۆرۈنمەيدىغان يېزىقنى قاچانغىچە ئىشلىتەرمىز ؟
============
بۇ ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە باغلىق. بەزىلەر يەنە Windows 8 گە ئەلپىدا كىرگۈزگۈچ (بۇرۇنقى ئۆلچەمسىز نۇسخىسى)نى قاچىلاپ ئىشلەتسەم دەيدۇ. پەقەت خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ قويسىڭىز، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ چۈشەندۈرۈپ قويدۇق. يەنە بەزىلەر سەنلى، بېيدا فاڭجېڭ ياخشى ئىدى، چاۋجى، شۇلىن دەيدىغان سىستېمىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە خەت باساتتىم دەيدۇ.
====
ئەمەلىيەتتە Windows 8 دە تەمىنلەنگەن خەت نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كىچىكلىتىلگەن ئەھۋالدىمۇ ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ، بۇ جەھەتتە بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى تېخى يوق. ھېچبولمىغاندا Ubuntu ياكى ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىدا تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە سىستېما خەتلەردىن كۆپ چىرايلىق.
1-ئايمۇ چىقىپ كىتەي دەپ قالدى .ئالىم مۇئەللىم ،مەنمۇ ۋىن8دىن بىرنى سىتىۋالاي دىگەن ئىدىم .لىكىن قانداق سىتىۋىلىشنى بىلمىدىم .باشقىلارغا مىنىڭ تازا ئىشەنگىم كەلمىدى.ئەگەر ئاۋارىچىلىق كۆرمىسىڭىز ماڭا بىر نۇسخا سىتىۋىلىپ بىرەلەرسىزمۇ.
ھۇرمەتلىك ئالىم ئەپەندى ياخشىمۇ سىز؟ ۋىندۇۋىس 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى چىققاندىن كىيىن ھەممىمىز ناھايتى خۇشال بۇلدۇق. بۇنىڭدىن كىيىن ۋىندۇۋىسنىڭ ئىشلىتىش دائىرسى زىيالىيلاردىن ئۇيغۇرچە بىلىدىغان دىھقانلارغا قەدەر كىڭىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسنىڭ ۋىندۇۋىس 8 دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنش ئۈچۈن قۇلايلىق بۇلغان ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش قۇللانمىسى تۇزۇپ چىقىلغان بۇلسا.
سىز ياردەم قىلسىڭىز تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئې-كىتاب شەكىلدە مۇكەممەل قىلىپ تۈزۈپ چىقساق بولىدۇ. 350 بەت قىلىپ رەسمىي كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقساق 5 سومدىن ئالىدىغان ئادەمدىن 1000 ئادەم چىقسا، دەرھال ئىش باشلىغىلى بولىدۇ.
بۇنداق دىسەم خاتا ئويلاپ قالماڭ، پۇل تېپىش مەقسەت ئەمەس، كىملەرگە نەپ يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق دېدىم، بىر مىليون ئۇيغۇر بۇ ئې كىتابنى چۈشۈرۈپ كۆرىدىغان ئىش بولسا ئەلۋەتتە ھەقسىز قىلىپ تارقىتىشقا ھەممىمىز رازى، لېكىن دەسلەپتە نۇرغۇن ئەمگەكنى ھەقسىز تارقىتىۋېتىلسە كىم قانچىلىك مەنپەئەت ئالدى ، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ، 5 سومدىن قىلىپ تارقاتساق ، كىرگەن كىرىمگە قاراپلا قانچىلىك ئادەم مەنپەئەتلەندى بىلگىلى بولىدۇ،ئەلۋەتتە يەنە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار ، مەسىلەن: جىق ئادەملەردە ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دىگەن ئۇقۇم بار.
ياخشىمۇ سىلەر ؟ windows8نى قەيەردىن چۈشۈرىمەن !
قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمەن ؟ ياردەم قىلساڭلار !
ozhanbiz@163.com غا سۆزقالدۇرۇپ قويساڭلار !؟
ياخشىمۇ سىلەر ؟ windows8نى قەيەردىن چۈشۈرىمەن !
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟ مەن سىزنىڭ تەشەبۇسىڭىز ۋە باشقا كەسپداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن win8 نىڭ ھەقىيقى نەشىرنى سېتىۋالغان ھەم ئوپتىك دېسكىغا ico ھالەتتە ئويىۋالغان ئىدىم. ئالدىنقى ئىككى رەت قاچىلىغاندا ئەسلىدىكى سېستىما يەنىلا ساقلىنىپ قىلىپ، ئۈستەل يۈزىدىكى ئەسلىدىكى سىنبەلگىلەرمۇ ئۆزپىتى ساقلىنىپ قالدى. ئۈچىنچى قىتىم قاچىلىغاندا ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر يوق بولۇپ c پەندىكى ئەسلىدىكى سېستىما ھۈججەتلېرى يەنىلا ئەسلىدىكى ھالەتتە ساقلاقلۇق بولۇپ، c پەننىڭ ئورنىنى نەچچە ھەسسە ئىگەللەپ كېتىپتۇ. ئەسلىدىكى سېستىمىنى قانداق قىلىپ ئۆچۈرگىلى بولىدۇ؟ رەخمەت. (قاچىلاش جەريانىدا ئەسلىدىكى سېستىمىڭىزنى ساقلامسىز دىگەندە ساقلىمايمەن پۈتۈنلەي يېڭىلايمەن دەپ قاچىلىغان ئىدىم. )
ئەمدى يولۇققان مەسىلەم دۇكاندىكى ئەپلەرنى ئاچالمايۋاتىمەن ‹ئىچكى ھېسابات باشقۇرغۇچىسى ›ئاچالمىدى باشقا تىزىملىك بىلەن كىرىڭ دەپ چىقىۋاتىدۇ قانداق قىلسام بولار .
ھازىر چۈشۈرۈپ بولدۇم بەك خوشال بولۇپ كەتتىم ،بىزنى ئۇيغۇرچە خەتنى كومپىيوتۇردا بىۋاستە كۆرۈشكە نېسىپ قىلىش يولىدا جاپا چەككەن ئۇستازلاارغا رەھمەت ،
ئەسلى سېستىمام ۋىندووس 7 ئىدى شۇنىڭ ئىشىمۇ يا؟ياخشى يېرى مەن قاچىلغان دېتاللارمۇ ئۆچۈپ كەتمەپتۇ.
ئۇستازلار ياخشىمۇسىلەر مەن كۆزنەك 8نى قاچىلغانتىم س دېسكام 60جى ئىدى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قارىسام 6جى ئورۇن قاپتۇ .ۋىدوۋس دىنمۇ ئىككىسى بار بولۇپ قاپتۇ ئىككىدىن بىرنى ئۆچۈرۋاتقىلى بولامدۇ ،مەسلىھەت بەرسەڭلار بوپتىكەن .
ئالىمكاياخشىمۇسىز مەن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى چۈشۈرگەن لىكىن ئۇيغۇرچە خەتلەر دىگەندەك نورمال ئەمەسقۇ مەن خەنزۇچە ھالەتتە چۈشۇرگەن ت