Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مەن بۇ قىزغىنلىقنى كۆرۈپ، «Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش» ھەققىدە بۇ تېمىنى يېزىۋاتقان ئىدىم، مەزمۇن پۈتۈپ بولغۇچە، رەسىمدىكى تەرتىپ بويىچە «ئۇيغۇرچە تىل بولىقى»نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار، ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇرچە Windows 8 دىن بىرنەچچە رەسىملەرنىمۇ يوللاپ قويدۇم، قاچىلاپ باقمىغانلار بۇ رەسىمدىن ھوزۇر ئالغاچ تۇرۇڭلار، رەھمەت!
بەزى تورداشلار خەنزۇچە ھالەتتە چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، مەن ئىشلىتىۋاتقان Windows 8 نىڭ تىلى ئىنگلىزچە ئىدى، شۇڭا رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە Windows 8 دىن ئېلىندى. ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، مېنىڭچىمۇ خەنزۇچە Windows 8 دىمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 101,340 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:13
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟
تېخىمۇ كۆپ
445 پارچە باھا يېزىلدى
چاتاققا قالدىمغۇ تازا!
Win8 نىڭ ئۇيغۇرچە بولىقىنى چۈشۈردۈم، كېيىن تىزگىن تاختا تىل قوشۇش ئىچىدىكى چۈشۈرۈش باغلىنىشىنىمۇ بېسىپتىمەن، مانا ئەمدى ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىدى. كېيىنكى قېتىم كىرىشىڭىزدە ئاكتىپلىشىدۇ دېگەندەك خەت بار، نەچچە قېتىم ئۆچۈرۈپ ياقساممۇ ئوخشاش. باشلاشتىن بەزى پىروەراملارغا كىرىپ قارىسام چالا-پۇچۇق ئۇيغۇرچە بولغاندەكمۇ قىلىدۇ. تىزگىن تاختىدىكى پروگراملار تىزىملىكىدە كۆرۈنمىگەچكە ئۆچۈرۈپ قايتا يۈكلەشنىڭمۇ ئامالى يوق. قانداق قىلسام بولار؟ ياردەم قىلىدىغانلار يوقمۇ؟ مەن ئېنگىلىزچە ۋىندوۋس ئىشلىتىۋاتىمەن.
مىنىڭ تىخىچە xpيىڭىسىنى چۇشۇرۇپ يىڭىلاشقا تۇزۇك ۋاقت چىقمايۋاتىدۇ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلغان ئىدىم، خەت شەكلى چىرايلىق چىقمايۋاتىدۇ. باشقا قىرىنداشلاغا ئىنكاس يازسام قايتۇرمىدى.شۇڭا سىزنى ياردەم قىلامتىكى دىگەن ئۈمۈتتە…….
ماۋۇ تور ئادرېسىغا كىرىپ، شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ. http://www.hezret.com/1820.html
ئالىمكا مەن مىكروسوفت ھىساۋىغا كىرەلمىدىم مەخپى نۇمۇرنى پەقەت تاپالمايۋاتىمەن ياردەم قىلغان بولسىڭىز
مەخپىي نومۇرنى قايتا بېكىتسىڭىز بولىدۇ، تېلېفونىڭىزغا ياكى ئېلېكتىرونلۇق خېتىڭىزگە ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ.
مىنىڭ كۆرسىتىش كارتامنى تونمايۋاتامدۇ قانداق، ئويون ئوينىسام ئىكران سۇرۇلۋىلىپ بارىدۇ، بولمىسا كۆرسىتىش كارتىنى تونوتقان ،ئىكران يۈزىمۇ سەل ئاستاراق،مۇشۇنىڭغا ئامال بامىدۇ مەن كۆزنەك 8.1 نى تاۋباۋدىن سىتىۋالغان،98يۇەنگە، ئورگان تورىدىن قۇلۇپ نومىرى بىلەن چۈشۈرگەن،تورغا ئۇلىنىش بىلەنلا ئاكتىپلاندى،ساختا نومورمۇ دىسەم يەنە،بىشىم قاتتى
ھاۋا رايى قوشوش ئۈچۈن، مەسىلەن غۇلجىنى قوشماڭچى بولسىڭىز،yining دەپ يازسىڭىز ئۆزى تاپىدىكەن.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللم . ۋىندوۋىس 7 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوقمۇ ؟ شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم . windows update دىمۇ ئۇيغۇچە تىل بولىقى يوقكەن…..
يوق، Windows 8 دىن باشلاپ بار بولدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ مەن ۋېن8نڭ ھاۋارايى كۆرگۈچكە شىنجاڭدىكى رايۇنلارنى قوشالمىدىم قانداق قوشىمەن ياردەم قىلسىڭىز رەخمەت ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم
بىر يىل ئىلگىرى سېتىۋالغانتىم بۈگۈن قاچىلاپ ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولدۇم
مۇبارەك بولسۇن !!! بۇمەن بۈگۈن ئاڭلىغان ئەڭ ياخشى خەۋەر بولدى، ياخشى ئىشلار ئۈزۈلمىسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن ۋېن8نڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتاتتىم ئۇنىڭدىكى خەتلەر تازا ئۆلچەملىك ئەمەس خۇددى قەلەمدە يازغاندەكلا مەن قاچىلاشنى ياخشى قاچىلىيالمىدىممۇ ياكى بىرەر تەڭشەكلىرىنى تەڭشىيەلمىدىممۇ بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ۋېن 8 نڭ 60 يۇەن لىك سېستىمىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى 3 ئاي بولغانتى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى سېتۋالاي دىگەنتىم قانداق ئالاقىلىشىمەن !!!!
كەچۈرۈڭ مۇئەللىم سىزدىگەندەك مەشغولات كىغان ئۇيغۇرچە
كىرگۈزۈشنى چۈشۈپتۇ ئۇيغۇرچىغا.ئالماشتۇرامىدىم.كۆپەرەك.سۆلەپەسىڭىز.رەخمەت
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ،ۋىندوۋس8نىڭ قاچىلاش ئوپتىك دېسكىسىنى بىۋاستە سېتۋالغلى بولامدۇ؟مەسلىھەت بەرسەڭلار.
ئالىم ئەھەت ئاكىمزنىڭ بىز ئۈچۈن بىباھا ئەجىر سىڭدۈرگەن چىۋەر قولىغا خۇدايىم دەرىت بەرمىسۇن!
ئەلۋەتتە بولىدۇ، بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
http://www.pconline.com.cn/win8/softnews/1210/3048327.html
تىل بولقنى قاندا چۈشۈرمىز