«ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى»گە خەنزۇچە ئاۋازلىق ئىزدەش قوشۇلدى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]«ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى» پۈتۈنلەي ھەقسىز لۇغەت مۇلازىمىتى بولۇپ، 2014-يىلى 1-ئايدا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭدا ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە ۋە تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە لۇغەت قوشۇلغان بولۇپ، خەنزۇچە پىنيىن بويىچە ئىزەش؛ تۈركچە سۆزدىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىزدەش؛ ئۇيغۇرچە سۆزدىن باشقا يەنە «ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە يېزىش لايىھەسى» بويىچە ئىزدەش ئىقتىدارى بار ئىدى. بۈگۈن يەنە خەنزۇچە ئاۋازلىق كىرگۈزۈپ ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى، قېنى ھازىرلا سىناپ بېقىڭ، خەنزۇچە تەلەپپۇزىڭىزنى سىناشقا ۋە توغرىلاشقا پايدىسى بار.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,344 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 01-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 12:25
- ئالدىنقى يازما :Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟
- كېيىنكى يازما :«ئۈندىدار»ىمىزغا بانكا كارتىمىزنى قانداق باغلايمىز؟
تېخىمۇ كۆپ
静脉观察仪
veinviewer
قان تومۇر تەسۋىرىنى ھاسىل قىلىش ئەسۋابى
بۇ يېڭى جابدۇق توغرىسدا شىنخۇا ئاگىنتلىقى مۇنداق خەۋەر بەرگەن:‹‹ئامېرىكا مېمفىس شەھرىدىكى بىر كارخانا بىر خىل ئەسۋاپ ياسىغان بولۇپ[، ئۇنىڭدا تېرىنى رېنتىگىگە تارتسا ،تومۇرنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ ،سېتىرالارنىڭ ئۇكۇلىنى( ئاسىمنى)بىرلا قېتىمدا توغرا سېلىشىغا قۇلايلىق بولدىكەن. بۇ قان تومۇر تەسۋرىنى ھاسىل قىلىش ئەسۋابىنى ئېنگىلىسچە veinviewerدەپ ئاتىغان.بۇ ئەسۋاپنى بىمارنىڭ قۇلىغا توغرىلاپ تۇتقاندا ،ئەسۋاپتىن چىققان ئىنفىرا قىزىل نۇر ،قاندىكى قىزىل قان ئاقسىلىنى سۈمۈرۈپ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارغا نۇرقايتۇرۇش ئارقىلىق تېرە ئاستىدىكى تومۇرنىڭ ئورنىنى تېرە ئۈستىدىن كۆردىغان قىلىپ بىرەلەيدىكەن.بۇنى ياسىغان شىركەت قان تومۇر تەسۋىرىنى ھاسىل قىلىش ئەسۋابى 10مىللىمىتىردىن 15مىللىمىترغىچە بولغان تېرە ئاستىدىكى تومۇرنى كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدۇ دىگەن….››دەپ خەۋەر يولىغان.بەلكىم ئېنگىلسچە لوغەتتىن باشقا لوغەتتە بۇ سۆز يوق بولۇشى مۇمكىن…..ئۇيغۇر سوفىت رەسىمى لوغەتكە قاتقان ئىككىنچى لوغەت بولسىكەن دەيمەن.