نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Microsoft Visual Studio 2012 ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

Visual Studio بولسا Microsoft شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش قورالى بولۇپ، Windows سۇپىسىدىكى قوللانما دېتاللار ۋە تور قوللانما پىروگراممىلىرى، شۇنداقلا يەنە تور مۇلازىمەتلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە ئەپلىرى ۋە Office قىستۇرما دېتاللىرىنى ئېچىشقا بولىدۇ.

Microsoft شىركىتى 12-سىنتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 10:30 دىن ئەتىسى سەھەر 1:30 غىچە Microsoft Visual Studio 2012 توردا ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. Microsoft ئاۋغۇستتىن باشلاپ MSDN غا مۇشتەرى بولغانلارغا Visual Studio كەسپىي نۇسخىسى، ئالىي نۇسخىسى،…قاتارلىقلارنى تەمىنلەپ بەرگەن بولۇپ، Visual Studio 2012 نىڭ رەسمىي ئېلان قىلىش ۋاقتى ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 12-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 9:30 غا بېكىتىلدى.

September 12, 2012
9:30 AM PDT (UTC -7:00)

ئېلان قىلىش ئادرېسى:

http://www.visualstudiolaunch.com/Agenda

VS2012 نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى

Windows 8 Metro ئارايۈزلۈك پىروگىراممىلارنى ئېچىشنى قوللايدۇ. Metro تۇغۇلۇشىدىنلا بۇلۇت+خېرىدار يەنى Cloud/Client ئەندىزىسى (ئىلگىرى مۇلازىمىتېر+خېرىدار يەنى Server/Client، تور كۆرگۈچ+خېرىدار يەنى Browser/Client)نى قوللايدىغان بولۇپ، ئازادە، يېنىك، مەزمۇنلۇق، ئۆز-ئارالىق مەشغۇلات قاتارلىق كەلگۈسى يۈزلىنىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن؛ كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئەپلىرىنى ئېچىش ۋە HTML5 نى ئومۇمىيۈزلۈك قوللايدۇ؛ JavaScript ئىقتىدارى قوشۇلغان؛ NET 4.5 قۇرۇلمىنى قوللايدۇ؛


بايا بۇ كىشى سۆزلىدى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
44 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ھەقىقەتەن ئېسىلدەك قىلىدۇ، بۇنىمۇ بىر سىناپ باقايلى . رەھمەت سىزگە مۇئەللىم!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:08
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز ،
    Windows Server 2012 نى قانداق چۈشەنسەك بۇلىدۇ ، ئادەتتە ئۆيدىكى شەخسى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلەتسەك بۇلامدۇ ، ياكى شەخسى كومپىيۇتېرلارغا قاچىلاشقا ماس كەلمەمدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:59
  • مەن ھازىرغىچە مۇشۇنىڭ 0.6 سىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن،ئاقىدا قاپتىمەنمۇ؟ كۆنۈپ قاپتىمەن.2010 غىمۇ تازا ئوبدان كۆنەلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 14:46
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟ مەن ئۆزلۈكىمدىن visual studio2008نى ئۈگەنگەن. ھازىر كىچىك دۇكاننىڭ ھېسابىنى باشقۇردىغان، مەكتەپنىڭ ئارخىپىنى باشقۇردىغان دىتاللارنى ياساپ مۇۋاپىقيەت قازاندىم( ئۆزەم بەرگەن باھا) ھازىر visual studio2012 چىقىپتۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سوراپ باقسام. مەن داۋاملىق ئۈگىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىشم كېرەك؟ مۇمكىن بولسا visual studio2012نىلا ئۈگەنسەم بولاتتى. ئەگەر يېنىڭزدا تەربىيلىنش پۇرستى بولسا بېشىم كۆككە يەتكەن بولاتتى. تەلىم بەرسىڭىز. رەخمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 12:44
  • ئالىم مۇئەللىم. مەن visual studio 2012 نى چۈشۈرگەن ئىدىم. لېكىن قاچىلاش باسقۇچىدا .net framework يوقكەن دەپ چىقىۋالدى. مەن ھازىر win8 RP نى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇ نېمە ئىشتۇر؟ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ باشقا نۇسخسىدا ئىجرا بولامدۇ يا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:31
    • Windows 8 Pro غا قاچىلاڭ، ئاۋۇ RP غا بولمايدۇ ياكى Windows 7 گە قاچىلاڭ، لېكىن Windows دۇكىنىغا پىروگرامما يېزىش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:28
      • مۇۋاپپەقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم. دېگەندەك RP غا بولمايدىكەن. ناۋادا windows دۇكىنىغا پروگرامما يېزىشقا توغرا كەلگەندە، چوقۇم MSDN گە مۇشتەرى بولۇش كېرەكمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:00
      • ياق، ئۇنداق قىلىش كەتمەيدۇ. ئاۋۋال سىز Windows دۇكىنىغا تىزىملىتىپ ھېسابات ئاچىسىز، بولمىسا دوللارنى ئۇلار سىزگە قانداق ئەۋەتىپ بېرەلەيدۇ؟
        تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار سىزگە بىر ئىجازەت نومۇرى ئەۋەتىپ بېرىدۇ، بىخەتەرلىك ئۈچۈن ھەر قېتىم ھېساباتىڭىزغا كىرگەندە، بۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. يىللىق دۇكان ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرىسىز.ئىش تامام. شۇنىڭ بىلەن ئەپ يوللاپ تىجارەتنى باشلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. تېلېفونىڭىزدىكى ئۇچۇرغا قاراپ قانچىلىك دوللار كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قويسىڭىزلا بولدى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:08
  • ئالىم مۇئەللىم، نا تونۇشلارغا گەپ قىلمامسىز نېمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:17
  • يېڭى نەشىردىكى لوغەتتە visual studio نىڭ ئاتالغۇلىرى بارمۇ ؟ مۇشۇنىڭدىكى بەزى ئاتالغۇلارنى چۇشۇنۇش ئۈچۈن نەچچە سائەتلەپ ۋاقىت سەرىپ قىلىدىكەنمىز بەزىللىرىنى ھەتتا چۈشۈنۈپ بولغىلىمۇ بولمايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى am 08:08
باھا بېتى: 1 2