guide
ئالاقە ئەپلىرى قانىلى (88)
  • ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرغىلى بولىدىغان تور كۆرگۈچ

    بۇ مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى تۈنجى ﻫەقىقى ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرغىلى بولىدىغان تور كۆرگۈچ دىتالى . نۇرغۇن كىشلەر بۇ تور كۆرگۈچىنىڭ ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. يۇقۇرى پەن تېخنىكىنىڭ تۇرمۇشقا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىقىدىن سىزمۇ ﻫوزۇرلىنىڭ. ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:1. يانفونغا تور كۆرگۈچ v5.5.1 نۇسخىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز ياكى بىۋاستە v5.5.1 دەرىجىگە ئۆستۈرسىڭىز ياخشى بىر ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئەسكەرتىشىنى كۆرىسىز. 2. داڭلىق ماركىلىق يانفونلار ئىتتىپاقىدىكى نومۇرىڭىزغا چىقىپ ياكى بىۋاستە QQ ئارقىلىق كىرىپ، چەكسىز ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىدىن ﻫۇزۇرلىنىڭ. ئەگەر نومۇر تىزىملىتىپ كىرمىسىڭىز پەقەت بىر مىنۇتلا سىناپ ئىشلىتەلەيسىز. ئادەتتىكى ئابونتلار 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنى قاچىلىغاندىن كېيىن بىۋاستە QQنى ئىشلىتىپ بۇ ئەپكە كىرەلەيدۇ. تېلېفون ئۇرىدىغان ئۈستەليۈزىدىن، نومۇرنى بىۋاستە كىرگۈزسىڭىزلا ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز. نومۇرنى ئاللىقاچان ساقلاپ قويغان كىشلەرگە تېلېفون ئۇرماقچى بولسىڭىز، ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇلۇڭدىكى "ئالاقىلاشقۇچى"نى ئىچىپ، ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىدىكى نومۇرنى ئىزدەپ تىپىپ باسسىڭىزلا بولىدۇ.3. يانفون تور كۆرگۈچ بېتىنى ئاچقاندىن كېيىنمۇ بەت يۈزىدىمۇ ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش بەلگىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ بەلگىنى ئاچقاندىن كېيىن بىۋاستە تېلېفون ئۇرغىلى بولىدۇ. ئىقتىدارى ناﻫايىتى كۈچلۈك.2345 يانفون تور كۆرگۈچىدە ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان سوئاللار:1. 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرسا راستىنلا پۈتۈنلەي ﻫەقسىزمۇ؟جاۋاب: wifi سىمسىز تور مۇﻫىتىدا 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنىڭ ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە پۈتۈنلەي ﻫەقسىز. يانفون كارتىسىنىڭ ئىقىم مىقدارىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا ئازراق ئىقىم سەرپ بولىدۇ، بىر مىنۇتتا تەخمىنەنە 1.2—1.4M قىچە ئىقىم سەرپ بولىدۇ.2. نېمە ئۈچۈن بىر قېتىم ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن قايتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ؟جاۋاب: 2345 يانفون ئىتتىپاقىغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىنلا تېلېفون ئۇرسا ﻫەقسىز. ئەگەر نومۇر تىزىملىتىپ كىرمىسە پەقەت بىر قېتىم سىناپ ئىشلىتىش پۇرسىتىلا بار.2. 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىدا كۆرسەتكەن نومۇر ئۆزىنىڭ نومۇرىمۇ؟جاۋاب: يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىدا ئۆزىنىڭ نومۇرىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئادەتتە چاقىرىش مەركىزىنىڭ نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: نامەلۇم نومۇر ياكى بولمىسا چىڭدۇ قاتارلىق باشقا جايلارنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.3. يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا،ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قانداق ئىزدەيمىز؟جاۋاب: 2345 يانفون تور كۆرگۈچى يانفوننىڭ ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىدىكى بارىلىق نومۇرلارنى ئاپتوماتىك كىرگۈزىدۇ، تېلېفون ئۇرۇش بېتىنى ئاچقاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇلۇڭدىكى "ئالاقىلاشقۇچى"نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.4. نېمە ئۈچۈن مۇقىم تېلېفون نومۇرىغا ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرغىلى بولمايدۇ؟جاۋاب: يانفون تور كۆرگۈچى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يانفون نومۇرلىرىنىلا قوللايدۇ، مۇقىم تېلېفون نومۇرلىرىنى قوللىمايدۇ.

  • ئىتىبار

    ئىتىبار تور تىرمىنالى بولسا شىنجاڭ رايۇنىدىكى كەسىپلەشكەن ئۈچىنچى كەسىپ تەشۋىقاتى ۋە سودا سۇپىسىنى ئاساس قىلغان يانفۇن تىرمىنالى بۇلۇپ،بۇ سۇپا شىنجاڭ رايۇنى بۇيىچە تۇنجى بۇلۇپ قۇرۇلغان ئىستىمال ئۈچىنچى تەرەپ ئۇچۇر سۇپىسى بۇلۇپ ﻫىساپلىنىدۇ.بۇ تىرمىنال كەڭ تورداشلارغا رايونىمىزدىكى ﻫەرخىل يىمەك-ئىچمەك،كۆڭۈل ئېچىش،مۇلازىمەت تىپىدىكى بارلىق ئورۇنلارنىڭ قىسقىچە ئۇچۇرى ،تورداشلار باﻫاسى ۋە ﻫەرخىل ئىتىبار كارتىسى ۋە ئەزالىق كارتىسىنى تەمىنلەيدىغان بۇلۇپ ،تۇرمۇشىڭىزغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتقۇسى.بۇنىڭدىن باشقا سۇپىمىزدا ئەڭ تۆۋەن باﻫادا كوللىكتىپ سېتۋىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدىغان بۇلۇپ،سىز تېلېفۇن ئارقىلىقلا بۇ كوللىكتىپ سېتىۋىلىشتىن بەﻫرىمان بولالايسىز.تور تىرمىنالىمىز يېڭى قۇرۇلغان بولغاچقا تېخى كۆپ سەۋەنلىكلەرنىڭ ساقلانغان بۇلۇشى مۇقەررەر،دوستلارنىڭ بىزنى ﻫەرخىل پىكىر-تەلەپلەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  • روھلان تورى

    بۇ قېتىملىق روﻫلان مۇنبىرى ئاندىرويىد (Android) يانفۇن تېرمىنالى 1.2 نۇسخىسىدا تۈزىتىلگەن ۋە ئەلالاشتۇرۇلغان يارقىن نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:1. ئەپ قوزغىلىش كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئىككى دانە قارا چېكىت يوقىتىلدى .(كىچىككىنە خاتالىققىمۇ يول قويمىدۇق )2. ئىلگىرىكى ئەپ قوزغالغاندا يانفۇننىڭ پۈتۈن ئىكرانىنى ئېگەللەپ، ئۈستىدىكى سائەت، سىگنال بەلگىسى، باتارىيە توك قالدۇقى،... قاتارلىقلارمۇ كۆرۈنمەيدىغان ئەﻫۋاللار تۈزىتىلىپ، باشقا يانفۇن ئەپلىرىگە ئوخشاش قولايلىقلاشتۇرۇلدى.3. ئۇيغۇرچە ئىسىمدا تىزىملاتقانلارنىڭ يانفۇن نۇسخىسىدا ئىسىم يېزىپ كىرەلمەسلىك مەسىلىسى ﻫەل قىلىنىپ، تىزىملىتىش، كىرىش كۆزنىكىگە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.4. تېما، ئىنكاس يوللىغاندا ئۇيغۇرچە ۋە ULY ئوتتۇرسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا مەزمۇن رامكىسىنى بىر قېتىم تاللاشتىن ئىبارەت ئاۋارىچىلىق تۈزىتىلىپ، ئۆز ئارا ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ بىۋاستە يازغىلى بولىدىغان ﻫالەتكە كەلتۈرۈلدى.5. يانفۇندا چۈشۈرۈش ئادرىسى قاتارلىق تور ئادرىسلىرىنى قوشقاندا ئۇلانماي ئادەتتىكىدەك چىقىۋالىدىغان، كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ بىر قېتىم تەﻫرىرلىۋەتمىسە ئۇلانما ئىشلىمەيدىغان ئەﻫۋال تۈزىتىلپ، يانفۇندىمۇ بىۋاستە ئۇلانما قوشقىلى بولىدىغان، يوللىغان ئادرىس ئۆزلىكىدىن كۈچكە ئېگە بولىدىغان قىلىندى.6. يانفۇندا يوللىنىدىغان تېما ، ئىنكاس چەكلىمىسى ئىلگىرىكى 1000 ﻫەرىپتىن 3000 ﻫەرىپكە كۆتۈرۈلدى، يانفۇندىمۇ كۆپ مەزمۇننى يوللاش ئەمەلگە ئاشتى.7. سۇئال بەلگىسى تەتۈر كۆرۈنىدىغان مەسىلە ﻫەل قىلىنىپ، ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلدى.

  • كەپتەر

    كەپتەر ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر دېتالىكەپتەر ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر دېتالى بولسا شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ئالماس كومپيۇتېر شىركىتى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللاش، قوبۇل قىلىش، توردىكى ئۇچۇر قاتارلىق ئېقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇمشاق دېتال. نۆۋەتتىكىسى سىناق نۇسخىسى كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.بۇ دېتال ﻫازىر سىناش باسقۇچىدا ،بىر قىسىم مەسىلىلەرنى بىز سىناپ ،ئۆزگەرتىپ داۋاملىق تۈردە ئەسلى ﻫۆججەتنى ئۆزگەرتىۋاتىمىز... بۇ يېڭى نەشىرىگە ۋەكللىك قىلمايدۇ ،شۇڭا سىزنىڭ قاچىلىغان نۇسخىڭىزدا بىر قىسىم مەسىللەر كۆرۈلگەن بولسا ،قايتا چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ ...ﻫازىرغا قەدەر ئۆزگەرتكەن يەرلەر: بىرىنچى: 4.0دىن يۇقىرى سىستېمىلاردا كىرگۈزگۈچ نورمال بولماسلىق ئىككنچى :بىر قىسىم يانفونلاردا خەتلەر نورمال كۆرۇنمەسلىك ئۈچىنچى : ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغاندا خاتالىق كۆرۈلۈش تۆتىنچى: ئۇچۇرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېينمۇ يەنە يېڭى ئۇچۇر بار دەپ كۆرۈلۈش سىلەرنىڭ قوللىغىنىڭلارغا رەﻫمەت ....بىز داۋاملىق تىرىشىمىز

  • بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تور تىجارەتخانىسى

    بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تور تىجارەتخانىسىمەﻫسۇلات چۈشەندۈرلىشى: جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تور تىجارەتخانىسى ئابونت بۆلىكى بولسا تەكشۈرۈش،قىممەت تولۇقلاش ۋە بىجىرىش قاتارلىق ئاپتۇماتىك مۇلازىمەت قاتارلىقلار تەمىنلىنىدىغان ئابونت بۆلىكى يۇمشاق دېتالى. نۆۋەتتىكى ئىقتىدارلىرى: قالدۇق پۇلنى سۈرۈشتۈرۈش،قىممەت تولۇقلاش، G3يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئۆزگەرتىش،كەسىپ تەكشۈرۈش،جۇغلانما نۇمۇر سۈرۈشتۈرۈش،مەخپى نۇمۇر سۈرۈشتۈرۈش،جۇغلانما نۇمۇر ئالماشتۇرۇش،توردا تەكشۈرۈش،تەۋەلىك تەكشۈرۈش، G3 تور قاپلىنىشىنى تەكشۈرۈش،PUKنۇمىرىنى تەكشۈرۈش، G3مەخسۇس رايونى،سېتىش پائالىيتى قاتارلىق مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئابونت بۆلىكىنىڭ توختىماي ياخشىلىنىشغا ئەگىشىپ،تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ. جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئېلىكتىرون يولى ئاساسلىقى تور تىجارەتخانىسى(com.10010.www),يانفون تور تىجارەتخانىسى (com.10010.wap),ئۇچۇر تىجارەتخانىسى(10010نى 10010غا ئەۋەتىش)

  • «ئۈنفون»ﻫەقسىز تېلىفون ئۇرۇش دىتالى

    «ئۈنفون» بولسا ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىگە ئاساسەن ياسالغان ﻫەقىقىي ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش دېتالى. ﻫەرقانداق يانفون، مۇقىم تېلېفون نومۇرلىرىغا تېلېفون ئۇرغىلى بولىدۇ، قارشى تەرەپ «ئۈنفون» دېتالى قاچىلىمىغان ئەﻫۋال ئاستىدىمۇ ئوخشاش.[ﻫەر ئايدا سۆزلىشىش ۋاقتى سوۋغا قىلىنىدۇ] تىزىملاتسىڭىزلا ﻫەر ئايدا 100 مىنۇت سۆزلىشىش ۋاقتى سوۋغا قىلىنىدۇ.[ﻫەقسىز تېلېفون] توردىكى دوستلار چەكسىز ﻫەقسىز سۆزلىشەلەيدۇ، سۆزلەشكەنلەر ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىگە ئاپتوماتىك قوشۇلىدۇ.[ئەقلىي ئىقتىدارى كۈچلۈك] ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئۇرۇش، نومۇر تەۋە جاينى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش، ئالاقىلاشقۇچىلارنى ئىزدەش قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارلىرى بار، ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىنى ئىشلىتىش ئاسان ﻫەم قولايلىق.[يۇقىرى سۈزۈكلۈكتە سۆزلىشىش] ئەڭ ئىلغار ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تېخنىكىسى، خەلقئارالىق ئارتۇقچە ماترىتسا مۇلازىمەتچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلار قوللىنىلغان، سۆزلىشىش سۈپىتى نۆۋەتتىكى ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭكىدىن قىلىشمايدۇ.

  • مومو

    بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە قورالىنى خەلقئارادا 150دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 100 مىليوندىن ئارتۇق ئابونت ئىشلەتكەن مومو بولسا دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئىلغار كۆچمە ئىجتىمائىي ئالاقە قورالى. بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ سىز ﻫەر اقىت-ﻫەر جايدا ئەتراپىڭىزدىكى قىزىقارلىق كىشلەرنى بايقىيالايسىز؛ يىقىن ئەتراپتىكى كىشلەر توپىغا قوشۇلالايسىز ﻫەمدە ئۆز-ئالدىڭىزغا مۇشۇنداق توپ قۇرالايسىز؛ يىقىن ئەتراپتىكى كىشلەرگە ياكى دوستلىرىڭىزغا ئۇچۇر يوللىيالايسىز؛ ئەتراپىڭىزدا ئىلىپ بىرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى تەكشۈرەلەيسىز؛ بۇ دېتال بىلەن سىز يەنە ﻫەقسىز ئۇچۇر، تاۋۇش، رەسىم ۋە ئورۇن يوللاپ، كىشلەر بىلەن پۈتۈنلەي يېڭىچە ئۇسۇلدا ئالاقە باغلىيالايسىز.ئالاﻫىدىلىكى: ئۆيدە ۋاقتىڭىزدا مومودىن پايدىلىنىپ يېڭى قوشنىلىرىڭىز بىلەن تونۇشالايسىز، يەنە تېخى كىچىك بىر رايون توپى قۇرۇپ، قوشنىلار ئارا ئالاقىنى قولايلىقلاشتۇرالايسىز؛ ساياﻫەتكە چىققان ۋاقتىڭىزدا مومودىن پايدىلىنىپ يەرلىك ئامما بىلەن تونۇشۇپ، دەل ۋاقتىدا ئۇچۇر ۋە ياردەمگە ئېرىشەلەيسىز، يەنە تېخى ﻫەمراﻫىڭىزنى ئۇچرىتىپ قىلىشىڭىزمۇ مۇمكىن؛ ياردەمگە موﻫتاج بولغان ۋاقتىڭىزدا مومودا ﻫالەت يوللىسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى كىشلەر كۆرۈپ مەسىلىڭىزنى ﻫەل قىلىشىڭىزغا ياردەم بىرىدۇ؛ بىزارلىق ﻫىس قىلغان ۋاقتىڭىزدا مومودىن پايدىلىنىپ ئەتراپىڭىزدىكى مەنىلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ موللاشتۇرالايسىز.