guide
ئويۇن ئەپلىرى قانىلى (396)
  • تىنچ ئوكيان ئۇرۇش ئايروپىلانى

    «تىنچ ئوكيان ئۇرۇش ئايروپىلانى» بولسا بىر يۈرۈش ئاندىرويىد سۇپىسىدىكى 3D ئېتىشىش ئويۇنى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تىنچ ئوكيان ئۇرۇش رايونىدا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ دۈشمەننى بومباردىمان قىلغان كۆرۈنۈشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. بۇ ئويۇندا سىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلدىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ﻫەيدەيسىز، سىز بۇيرۇققا بىنائەن دېڭىز ئارمىيسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايسىز ياكى ئاۋياماتكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايسىز، ﻫەمدە دۈشمەننىڭ ﻫەربىي پاراخوتى ۋە ئارىلىنى كونترول قىلىسىز. بۇ ئويۇن بىر يۈرۈش ئېغىرلىق ئىندۇكسىيەسى ئارقىلىق كونترول قىلىنغان، ئويۇننىڭ مەشغۇلاتى بىر قەدەر ئاددى، سول تەرەپ ئاستىدىكى "SPEED" خىتى ئىتتىرىش دەستىسى، ئۇنى ئۈستىگە ئىتتەرسىڭىز سۈرئەت ئاشىدۇ، ئاستىغا ئىتتەرسىڭىز سۈرئەت ئاستىلايدۇ. ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى بولسا ئوت يىقىش ساندۇقى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكىسى بولسا كۆرۈش بۇلۇڭىنى ئالماشتۇرۇش كۇنۇپكىسى، سىز بىرىنچى شەخىس ۋە ئۈچىنچى شەخىس ئارلىقىدا خالىغانچە ئالمىشالايسىز. ئومۇمىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئويۇننىڭ كۆرۈنۈشى ئۇنچە مۇرەككەپمۇ ئەمەس، ئەمما بۇ ئويۇن تېخىمۇ ئەﻫمىيەت بەرگىنى ئايروپىلان ﻫەيدەش جەريانى، ئۇ بىر قەدەر ئەمەلىي.

  • چىن تۆمۈر باتۇر

    ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلەر،چۆچەكلەردىكى مىللى قەﻫرىمانلىرىمىزنى،مەدىنى مىراسلىرىمىزنى ﻫازىرقى ئىلغار پەن- تېخنىكا ۋاستىللىرى ئارقىلىق قايتىدىن نامايەن قىلىش نۇرغۇن كىشىلەنىڭ ئارزۇسى ئىدى.بۇ ئارزۇنى ئالماس يۇمشاق دىتال شىركىتى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ئۇيۇن چىن تۆمۈر باتۇرنى باش پېرسۇناژ قىلغان يانفون ئۇيۇنى بۇلۇپ، ئۇيۇندىكى پېرسۇنازنىڭ ئوبرازى ،مىللىچە قۇرلۇش ئۇسلۇبلىرى ۋە ئۇيۇندىكى ﻫەربىر ئاددى ۋە مۇرەككەپ نوقتىلارنىڭ ﻫەممىسىنى ئالماس شىركىتى ئۆز ئالدىغا لايﻬىلەپ ،ياساپ چىققان.بۇ ئۇيۇن خەلق چۆچەكلىرىمىزدىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئەسلىمەزمۇنىنى مۇكەممەل ئۇيۇن قىلىپ ئىشلەش نىشانىدا باشلانغان بۇلۇپ ﻫازىرقى مەزمۇنى بولسا باش پىرسۇناژنىڭ شەﻫەر رايۇنلىرىدىن يۈگۈرۈپ ئۈتۈپ ،توساقلادىن چەبدەسلىك بىلەن ئۆتۈپ ئاخىرقى نوقتىغا ئوڭۇشلۇق يىتىپ بېرىش مەخسەت قىلىنغان. ئويناش ئۇسۇلى: 1.باش پېرسۇنازنى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى مېڭىش كۇنۇپكىسنى بېسىش ئارقىلىق ﻫەركەتلەندۈرمىز ئەگەر تىز يۈگۈرمەكچى بولساق ئوڭ تەرەپتىكى يۈگۈرىۋاتقان كۇنۇپكىنى بىر بېسىپ قويساقلا بولىدۇ تىز يۈگۈرۈش ۋاقتى سول تەرەپ ئۈستىدىكى سىرىلمە تاياقچىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.2. ئېكران ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كۇنۇپكا بولسا بىر ئىككى خىل ﻫەركەتنى كونتىرول قىلىشقا ئىشلىتىلدۇ . ئالدىڭىزدا تۇسۇق بۇلۇپ قالسا سەكرەپ ئۈتۈشكە، 3.سەكرەپ ئۆتكىلى بولمايدىغان تۇسۇقلار بولسا تېيىلىپ ئۈتۈشكە ۋە موللاق ئېتىشقا ئىشلىتىلدۇ .4.بىرىنجى مەيداندا 5000 دىن يۇقۇرى نومۇر ئالغاندىلا ئاندىن ئىككىنجى مەيدانغا كىرىپ ئوينىغىلى بولىدۇ.