
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-28
- كۆرۈلۈشى:
- 1084 قىتىم
ئەپ ئىسمى: چىن تۆمۈر باتۇر
ئەپ تۈرى: ئويۇن ئەپلىرى
تەۋسىيە دەرىجىسى: 0
يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-28
ئەپ ھەققىدە: ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلەر،چۆچەكلەردىكى مىللى قەﻫرىمانلىرىمىزنى،مەدىنى مىراسلىرىمىزنى ﻫازىرقى ئىلغار پەن- تېخنىكا ۋاستىللىرى ئارقىلىق قايتىدىن نامايەن قىلىش نۇرغۇن كىشىلەنىڭ ئارزۇسى ئىدى.بۇ ئارزۇنى ئالماس يۇمشاق دىتال شىركىتى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ئۇيۇن چىن تۆمۈر باتۇرنى باش پېرسۇناژ قىلغان يانفون ئۇيۇنى بۇلۇپ، ئۇيۇندىكى پېرسۇنازنىڭ ئوبرازى ،مىللىچە قۇرلۇش ئۇسلۇبلىرى ۋە ئۇيۇندىكى ﻫەربىر ئاددى ۋە مۇرەككەپ نوقتىلارنىڭ ﻫەممىسىنى ئالماس شىركىتى ئۆز ئالدىغا لايﻬىلەپ ،ياساپ چىققان.بۇ ئۇيۇن خەلق چۆچەكلىرىمىزدىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئەسلىمەزمۇنىنى مۇكەممەل ئۇيۇن قىلىپ ئىشلەش نىشانىدا باشلانغان بۇلۇپ ﻫازىرقى مەزمۇنى بولسا باش پىرسۇناژنىڭ شەﻫەر رايۇنلىرىدىن يۈگۈرۈپ ئۈتۈپ ،توساقلادىن چەبدەسلىك بىلەن ئۆتۈپ ئاخىرقى نوقتىغا ئوڭۇشلۇق يىتىپ بېرىش مەخسەت قىلىنغان. ئويناش ئۇسۇلى: 1.باش پېرسۇنازنى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى مېڭىش كۇنۇپكىسنى بېسىش ئارقىلىق ﻫەركەتلەندۈرمىز ئەگەر تىز يۈگۈرمەكچى بولساق ئوڭ تەرەپتىكى يۈگۈرىۋاتقان كۇنۇپكىنى بىر بېسىپ قويساقلا بولىدۇ تىز يۈگۈرۈش ۋاقتى سول تەرەپ ئۈستىدىكى سىرىلمە تاياقچىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.2. ئېكران ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كۇنۇپكا بولسا بىر ئىككى خىل ﻫەركەتنى كونتىرول قىلىشقا ئىشلىتىلدۇ . ئالدىڭىزدا تۇسۇق بۇلۇپ قالسا سەكرەپ ئۈتۈشكە، 3.سەكرەپ ئۆتكىلى بولمايدىغان تۇسۇقلار بولسا تېيىلىپ ئۈتۈشكە ۋە موللاق ئېتىشقا ئىشلىتىلدۇ .4.بىرىنجى مەيداندا 5000 دىن يۇقۇرى نومۇر ئالغاندىلا ئاندىن ئىككىنجى مەيدانغا كىرىپ ئوينىغىلى بولىدۇ.