
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-28
- كۆرۈلۈشى:
- 1052 قىتىم
ئەپ ئىسمى: تىنچ ئوكيان ئۇرۇش ئايروپىلانى
ئەپ تۈرى: ئويۇن ئەپلىرى
تەۋسىيە دەرىجىسى: 0
يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-28
ئەپ ھەققىدە: «تىنچ ئوكيان ئۇرۇش ئايروپىلانى» بولسا بىر يۈرۈش ئاندىرويىد سۇپىسىدىكى 3D ئېتىشىش ئويۇنى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تىنچ ئوكيان ئۇرۇش رايونىدا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ دۈشمەننى بومباردىمان قىلغان كۆرۈنۈشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. بۇ ئويۇندا سىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلدىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ﻫەيدەيسىز، سىز بۇيرۇققا بىنائەن دېڭىز ئارمىيسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايسىز ياكى ئاۋياماتكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايسىز، ﻫەمدە دۈشمەننىڭ ﻫەربىي پاراخوتى ۋە ئارىلىنى كونترول قىلىسىز. بۇ ئويۇن بىر يۈرۈش ئېغىرلىق ئىندۇكسىيەسى ئارقىلىق كونترول قىلىنغان، ئويۇننىڭ مەشغۇلاتى بىر قەدەر ئاددى، سول تەرەپ ئاستىدىكى "SPEED" خىتى ئىتتىرىش دەستىسى، ئۇنى ئۈستىگە ئىتتەرسىڭىز سۈرئەت ئاشىدۇ، ئاستىغا ئىتتەرسىڭىز سۈرئەت ئاستىلايدۇ. ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى بولسا ئوت يىقىش ساندۇقى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكىسى بولسا كۆرۈش بۇلۇڭىنى ئالماشتۇرۇش كۇنۇپكىسى، سىز بىرىنچى شەخىس ۋە ئۈچىنچى شەخىس ئارلىقىدا خالىغانچە ئالمىشالايسىز. ئومۇمىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئويۇننىڭ كۆرۈنۈشى ئۇنچە مۇرەككەپمۇ ئەمەس، ئەمما بۇ ئويۇن تېخىمۇ ئەﻫمىيەت بەرگىنى ئايروپىلان ﻫەيدەش جەريانى، ئۇ بىر قەدەر ئەمەلىي.