
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-28
- كۆرۈلۈشى:
- 1123 قىتىم
ئەپ ئىسمى: ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرغىلى بولىدىغان تور كۆرگۈچ
ئەپ تۈرى: ئالاقە ئەپلىرى
تەۋسىيە دەرىجىسى: 0
يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-28
ئەپ ھەققىدە: بۇ مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى تۈنجى ﻫەقىقى ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرغىلى بولىدىغان تور كۆرگۈچ دىتالى . نۇرغۇن كىشلەر بۇ تور كۆرگۈچىنىڭ ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. يۇقۇرى پەن تېخنىكىنىڭ تۇرمۇشقا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىقىدىن سىزمۇ ﻫوزۇرلىنىڭ. ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:1. يانفونغا تور كۆرگۈچ v5.5.1 نۇسخىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز ياكى بىۋاستە v5.5.1 دەرىجىگە ئۆستۈرسىڭىز ياخشى بىر ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئەسكەرتىشىنى كۆرىسىز. 2. داڭلىق ماركىلىق يانفونلار ئىتتىپاقىدىكى نومۇرىڭىزغا چىقىپ ياكى بىۋاستە QQ ئارقىلىق كىرىپ، چەكسىز ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىدىن ﻫۇزۇرلىنىڭ. ئەگەر نومۇر تىزىملىتىپ كىرمىسىڭىز پەقەت بىر مىنۇتلا سىناپ ئىشلىتەلەيسىز. ئادەتتىكى ئابونتلار 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنى قاچىلىغاندىن كېيىن بىۋاستە QQنى ئىشلىتىپ بۇ ئەپكە كىرەلەيدۇ. تېلېفون ئۇرىدىغان ئۈستەليۈزىدىن، نومۇرنى بىۋاستە كىرگۈزسىڭىزلا ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز. نومۇرنى ئاللىقاچان ساقلاپ قويغان كىشلەرگە تېلېفون ئۇرماقچى بولسىڭىز، ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇلۇڭدىكى "ئالاقىلاشقۇچى"نى ئىچىپ، ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىدىكى نومۇرنى ئىزدەپ تىپىپ باسسىڭىزلا بولىدۇ.3. يانفون تور كۆرگۈچ بېتىنى ئاچقاندىن كېيىنمۇ بەت يۈزىدىمۇ ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش بەلگىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ بەلگىنى ئاچقاندىن كېيىن بىۋاستە تېلېفون ئۇرغىلى بولىدۇ. ئىقتىدارى ناﻫايىتى كۈچلۈك.2345 يانفون تور كۆرگۈچىدە ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان سوئاللار:1. 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرسا راستىنلا پۈتۈنلەي ﻫەقسىزمۇ؟جاۋاب: wifi سىمسىز تور مۇﻫىتىدا 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنىڭ ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە پۈتۈنلەي ﻫەقسىز. يانفون كارتىسىنىڭ ئىقىم مىقدارىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا ئازراق ئىقىم سەرپ بولىدۇ، بىر مىنۇتتا تەخمىنەنە 1.2—1.4M قىچە ئىقىم سەرپ بولىدۇ.2. نېمە ئۈچۈن بىر قېتىم ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن قايتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ؟جاۋاب: 2345 يانفون ئىتتىپاقىغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىنلا تېلېفون ئۇرسا ﻫەقسىز. ئەگەر نومۇر تىزىملىتىپ كىرمىسە پەقەت بىر قېتىم سىناپ ئىشلىتىش پۇرسىتىلا بار.2. 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىدا كۆرسەتكەن نومۇر ئۆزىنىڭ نومۇرىمۇ؟جاۋاب: يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىدا ئۆزىنىڭ نومۇرىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئادەتتە چاقىرىش مەركىزىنىڭ نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: نامەلۇم نومۇر ياكى بولمىسا چىڭدۇ قاتارلىق باشقا جايلارنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.3. يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا،ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قانداق ئىزدەيمىز؟جاۋاب: 2345 يانفون تور كۆرگۈچى يانفوننىڭ ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىدىكى بارىلىق نومۇرلارنى ئاپتوماتىك كىرگۈزىدۇ، تېلېفون ئۇرۇش بېتىنى ئاچقاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇلۇڭدىكى "ئالاقىلاشقۇچى"نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.4. نېمە ئۈچۈن مۇقىم تېلېفون نومۇرىغا ﻫەقسىز تېلېفون ئۇرغىلى بولمايدۇ؟جاۋاب: يانفون تور كۆرگۈچى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يانفون نومۇرلىرىنىلا قوللايدۇ، مۇقىم تېلېفون نومۇرلىرىنى قوللىمايدۇ.