guide
ئالاقە ئەپلىرى قانىلى (88)
  • بىلگەر

    ئۈرۈمچى بىلگەر مەدىنىيەت تارقىتىش شىركىتى لاﻫىيەلەپ ياساپ چىققان بىلگەر ئەپ دىتالى دۇنياغا نەزەر ، جوڭگۇغا نەزەر ، دىيارىمىزدا ، ئىقتىساد ، مائارىپ ، پەن- تىخنىكا ، پىسخىكا ۋە ساغلاملىق ، ئەدىبىيات ، تەنتەربىيە ، كۈلكە خۇرۇجلىرى ،غەلىتە ئىشلار قاتارلىق سەﻫىپىلەرگە بۆلۈنگەندىن سىرت ، بىلگەر ئېكرانى ، ﻫالقىش ، مودا ۋە ئىقىم قاتارلىق پروگراممىلارنى شىركىتمىز مۇستەقىل ئىشلەيدۇ ، مەزمۇنى ساغلام كىنو ، ناخشا ، ئىتوت ، قىزىقارلىق فىلىملەر ، تەنتەربىيە ، ئۇنۋىرسال قاتارلىق ئىسىل فىلىملەرنى كۆرەلەيسىز ، ئەپ دىتالىمىز فىلىم بىلەن خەۋەر بىر گەۋدە قىلغان ، ئۇيغۇر ئەپ دىتال ساﻫەسىدىكى بىر ياخشى ئەپ دىتال ﻫىساپلىنىدۇ . ئەپ دىتالىدىكى فىلىم ۋە خەۋەر تىپىدىكى مەزمۇنلارنى دوستلۇق چەمبىرىكى ۋە ئۈن دىدار دوستىڭىزغا تەۋسىيە قىلالايسىز . ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ تىخىمۇ تەرەققى قىلىشى ئۇچۇن دوسلارغا تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى ۋە ئەپ دىتالىمىزنى چۇشىرىپ جاﻫان يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ ،

  • ۋالا

    "ۋالا" بولسا شاڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانىسى يولغا قويغان ئىجتىمائىي ئالاقى ئەپى، بۇ دېتال سىزنى شاڭخەي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگىراممىلىرىنىڭ بارىلىق ئۆزگىچە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، سىزنى تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرى بىلەن ئارلىقسىز ئۇچۇرشىش شەرىپىگە ئىگە قىلىدۇ. ئەڭ مۇﻫىمى مول مۇكاپات بۇيۇملىرى ۋە نەخ مەيدان پائالىيەت بىلەتلىرى سىزنى كۈتمەكتە!"ۋالا"نىڭ ئالاﻫىدىلىكى:بىر كونۇپكا بىلەن تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كىسىپ ساقلىۋالالايسىز.تېلېۋىزورغا قاراپ رەسىمگە تارتمىسىڭىزمۇ تېلېۋىزورنىڭ شۇ دەقىقىدىكى ئىسىل نومۇرلىرىغا ئېرىشەلەيسىز، بىر كونۇپكا ئارقىلىقلا باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە توپلىرىغا يوللىيالايسىز.نەخ مەيداندىن بىۋاستە تارقاتقان نومۇرلارنى كۆرەلەيسىز.ئوخشاش پىروگىراممىنى كۆرۈۋاتقان يىقىن ئەتراپتىكى كىشلەرنى ناﻫايىتى ئاسان تاپالايسىز.سىنا مىكرو بىلوگىدىن "51 ۋالا"نى ئىزدەپ بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

  • ئىزدەش

    بىرىنچى، تور بېكەت ئىزدەش: خالىغان خەتكۈچ ئارقىلىق مول مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. تېپىپلا قالماي مەزمۇننى تېلېفونىڭىزدا نورمال زىيارەت قىلالايسىز. ئىككىنچى، ناخشا ئىزدەش: ناخشا ئىسمى، ئارتىس ئىسمى، ياكى پىلاستىنكا ئىسمى ئارقىلىق ناخشا ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ تاپالايسىز. ناخشىلارنى سىستېما ئاپتوماتىك ئۇلاپ قويىدۇ. سىمسىز تور ياكى 3G تورى بولسا ئۈزۈلمەس كۈيلەرنىڭ ﻫۇزۇرىنى سۈرەلەيسىز. ئۈچىنچى، رەسىم ئىزدەش: رەسىم ئىسمىغا ئاساسەن ئىزدەپ تاپقىلى، شۇنداقلا تېلېفونغا ساقلىۋالغىلى بولىدۇ. تۆتىنچى، لۇغەت ئىزدەش مەزكۇر لۇغەتكە بىر مىليوندىن ئارتۇق قوش يۆنىلىشلىك سۆزلۈكلەر كىرگۈزۈلگەن. نۆۋەتتە توردا تەكشۈرگىلى بولىدىغان لۇغەتلەر ئىچىدە ئەڭ كەڭ دائىرىلىك دېسەك ﻫەرگىز ئارتۇق كەتمەس. بەشىنچى، نومۇر تەۋەلىكى تەكشۈرۈش: مەلۇم نومۇرنىڭ تەۋەلىكىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئالتىنچى، ئىككىلىك كود سىكانېرى: 二维码 条码 لارنى سىكارناپ ئۇچۇرىنى ئوقۇيدۇ. تېلېفون نومۇرى، قىسقا ئۇچۇر، ئېلخەت، ئادرېس، ئىسىم كارتىسى قاتارلىقلارنى بىمالال تونۇيدۇ. ئىككىلىك كود ئۇچۇرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.